يۇپۇرغىدا ئا ئۆتكۈرنىڭ ۋاپاتى خاتىرلەندى 10-ئاينىڭ 5-كۈنىداڭلىق شائىرىمىز ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يۇپۇرغا ناھىيەسىدە ئەھمىيەتلىك خاتىرلەش پائالىيتى ئۆتكۈزلدى. بۇ قىتىمىقى پائالىيەتنى يۇپۇرغا ئاۋام كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ھامۇتچان ئەپەندى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تەشكىللىگەن بولۇپ ئالدى بىلەن ياش رىياسەتچى رۇزىمۇھەممەت ئارتۇچ «ئىز» ناملىق شىئىرىنى جاراڭلىق دىكلىماتسىيە قىلىپ ئۆتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن ساھىبخان تەييارلغان يازغۇچىمىز يازغان ۋە ئۇنىڭ ھاياتىغا بىغىشلانغان 12 پارچەكىتاب قولدىن – قولغا ئۆتۈپ ۋاراقلاندى،بۇ مۆھتىرەم يازغۇچىمىزنىڭ ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى،مۇسبەت مۇڭىغا چۈمگەن ئۇيغۇر جەمئىيتىدە خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلىپ بىرىلىغان پائالىيەتلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى.پىشقان دىراماتىروگ ساھىت سادىق ئاكا 84-يىلى ئا.ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن قەشقەردە كۆرۈشكەن چاغلارنى ئەسلەپ بەردى. بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان بۇ پائالىيەت كۆڭۈللەردە چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇپ ئاياقلاشتى...
|