- تىزىملاتقان
- 2015-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-12-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 111
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
  37%
|
خۇتەنلىكلەر كۈندىن-كۈنگە نامىراتلىشىپ كىتىدۇ!نىمىشقا دەمسىز؟؟؟ مەن سىزگە ئاددى بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۇرۇپ قۇياي! خۇتەنگە ھەر كۈنى ئاز دىگەندە 5 چوڭ ماشىنىدا ئىچكىردىن قوي يۆتكەپ ئەپ چىقىلىدۇ.ھەربىر ماشىنا قوينىڭ باھاسى 400,000يۇئەن،بەش ماشىنە قوي باھاسى2,000,000يۇئەن.بۇلار ئادەتتىكى كۈنلەردىكى ئەھۋال،ئەگەر قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكىدەك ۋاقىت بولسا يۆتكەپ ئەپكىلىنىدىغان قوي سانى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.خۇتەنلىكنىڭ يەنچۇقىدىن چىقىپ كىتىدىغان پۇل ھەسسىلەپ ئاشىدۇ دىگەن گەپ.
بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى ئاخىرى نەگە بارىدۇ؟؟ ئاخىرى ھەممىسى ئەۋرەز يۇلىدا!!! ھازىر بۇرۇنقىدەك قاشتېشى چىقامدۇ؟؟؟ياق چىقمايدۇ،كولاشقا بۇلىدىغان يەرلەر ناھايىتى ئاز قالدى،ھەم بۇرۇنقىدەك كۆپ قاشتېشى چىقمايدۇ.قاشتېشى چىقمىدى دىگەنلىك خۇتەنگە كىرىدىغان غول پۇل مەنبەسى ئۈزۈلدى دىگەنلىك.قاشتېشىدىن باشقا خۇتەندە ئۇنداق چىقىمى ئاز كىرىمى كۆپ ئىش يەنە بارمۇ؟؟؟؟يوق.ياڭاقچۇ؟؟؟؟ئۇ قاشتېشىنىڭ ئورنىنى بېسىپ بۇلالمايدۇ. ھەيدەۋاتقان ماشىنا،كىيىۋاتقان كىيىم ھەمىسى دىگۈدەك سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن.ھازىر خۈتەنگە كىرىۋاتقان پۇل بىلەن چىقىۋاتقىنى ئەسلا تەڭ ئەمەس.
سودىگەرلەر بىلىدۇ،ھازىر خۇتەننىڭ ئەھۋالى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ئەھۋالغا ئوخشىمايدۇ.ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ۋاس-ۋاس بازار ھازىر يوق.ئاشخانىلارغا كىرىپ بېقىڭ!بۇرۇنقىدەك ئادەم بارمۇ؟مانا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ ئاشخانا ئاچىدۇ،بۇرۇنقىدەك ئادەم يوق.قىسقىسى بۇرۇنقىدەك پۇل يوق.نەچە ئادەمدىن ئاڭلىدىم،پۇل قىس بوپ كەتتى دەيدۇ.پۇل قەيەرگە كەتتى ؟ھەمىسى سىرتقا ئېقىپ كەتتى ،ئامال بار خۇتەندە بار پۇللارنى ئۆز ئىچىدە ئايلاندۇرساق بۇلاتتى .لېكىن بۇ بەكلا تەس،بەلكىم مۇمكىن ئەمەستۇر.شۇڭا قۇلىمىزدا پۇل بار ۋاقىتتاكىيىنلىكى بار ئىشلارغا مەبلەغ سېلىشىمىز،يىڭى پۇل تېپىش يۇلىنى تېپىشىمىز كىرەك.ئۇنداق قىلماي،ھازىرقىدەك كىتىۋېرىدىغان بولساق،خۇتەنلىكلەر كۈندىن-كۈنگە نامىراتشىپ كىتىمىز. جىق ۋاقىت ئۆتمەي خىزمەتچىلەر خۇتەندىكى پۇلدار كىشىلەر بۇلۇپ قالىدۇ.
|
|