- تىزىملاتقان
- 2015-9-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 654
- نادىر
- 0
- يازما
- 78
ئۆسۈش
  30.8%
|
نەچچە يىللار بۇرۇختۇم بولغان ئىدىم، سەگىدىم
يول تاپالماي ئازغىشىپ يۈرگەن ئىدىم سەگىدىم
تەلەي تىلەپ ھەتتا پال سالغان ئىدىم،سەگىدىم
گاھ ئەرەبى، فارىسى بولغان ئىدىم، سەگىدىم
ئەجىر قىلىپ پەن ئۈچۈن يۈزىمىزنى يۇرۇتتۇڭ
ھەيدەپ تۈمان يول ئېچىپ بەرگەن ئىدىڭ سەگىدىم
قۇت چۈشمەسكەن ئاسماندىن تىرىشمىساق بىكاركەن
مىڭ تائەتتىن بىر ئەمەل ئەلا ئىكەن، سەگىدىم
قۇرۇق دۇئا كار قىلسا دىۋانىلەر باي ئىدى
تىرىشمىساق باشقىسى بىكار ئىكەن سەگىدىم.
يېڭى يولغا باشلىغىن بۇ قەدىمى مىللەتنى
ئەمدى ئاچاي ئۇيقۇمنى كەلگەن ئىدىڭ سەگىدىم
ئالىمىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇيقۇسىز كىچىلەردە يېزىلدى.
مىلادى 2015-يىل 29-ئاۋغۇسىت |
|