- تىزىملاتقان
- 2014-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 840
- نادىر
- 0
- يازما
- 76
ئۆسۈش
68%
|
زۇلپىقار بارات ئۆزباشتىكى روھقا، خەلقچىل قەلبكە ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىغا ۋە ئۇ ئومۇلاشتۇرغان ئىلىمچاي ئەندىزىسىگە ئادەتتىكى كۆز ۋە سەۋىيە بىلەن باھا بەرگىلى بولمايدۇ. مەن ئۇنى ئىنكار قىلشىقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئەقىلسىزلەرنىڭ مىللەتنى سۆيگىنى راست بولسا بۇ ئىمانلىق، ۋىجدانلىق، بىزگە زۆرۈر زىيالىغا بىۇھدە سېلۋاتقان كۈلپەتلىرىدىن ۋە قىلۋاتقان ئشىدىن ىېجىل بولۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. سىلەر پەقەت قاملاشمىغان ئىش قىلدىڭلار، كوچىلامچىلار!
ئىلىم چاي كىتاب دولقۇنى ۋە كىتاب يىلىغا سەۋەب بولدى، كشىلەر ماختىنىش ئۈچۈن ۋە باشقا سەۋەبتىن بولسۇن ئىلىم چاينىڭ تەسىرىدە كىتاب سېتۋالىدىغان بولدى. مېنى ئەڭ خۇش قىلدىغىنى باشقىلارنىڭ كىتاب تەشەببۇسى ۋاڭ-چۇڭ، شاۋ-شاۋ قۇرۇق داۋراڭ بىلەن جايىنى تاپالمىغان بولسا ئۆزباش باشلىغان كىتاب چاي ھەقىقي ئېسىل كىتابلارنى، مۇھىم مۇتەپپككۇرلارنى ۋە ئەسلەشكە تېگىشلىك ۋىجدانلىق زاتلرىىمىزنى قايتا ئېسىمىزگە سالدى. 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى ئۆتكۈرنى ئەسلەش قىزغىنلىقىمۇ ئەمەلىيتتە 4-چېسلاغىچە جىم ئىدى. بۇنى ئۆزباشنىڭ تەشەببۇسى ۋە مۇشۇ ئىلىم چېيىنىڭ خاسيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ماڭا مۇشۇنداق ئېغىر شارائىتتا توساقلارنى قىسلىپ ئۆتۈپ ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان زۇلپىقار باراتتەك ئېسىل زىيالىيلار قەدىرلىك كۆرۈنىدۇ. بۇنداق زىيالىلارنى قوللاش ۋە ئۇنىڭ قىلماقچى بولغان ئىزگۈ ئشىلىرىغا ياخشى تىلەك تىلەش كېرەك! غاجىلاش ئەھەت مەزىن ۋە ھېكىمنۇردەك ساتقىنلارنىڭ قىلمىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەن ئۆزباشقا ۋە ئىلىم چايغا ئاقيول ۋە نۇسرەت تىلەيمەن. ياخشى ئشىلارغا پۇتاق قۇرۇۋاتقان بەدنىيەت ئادەملەرگە زاۋال تىلەيمەن. تامام |
|