- تىزىملاتقان
- 2013-9-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6250
- نادىر
- 0
- يازما
- 431
ئۆسۈش
  25%
|
ھېيتنىڭ بېرىنچى كۇنى ئەن-ئەنىمىز بويىچە قۇربانلىق قوينى سويۇپ چوڭلارنىڭ ئويىگە جەملەشمەك بولۇپ ماشىنامنى سۇرۇتۇپ باللارنىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتاتتىم،توساتتىن كېيىنىشى ناھايىتى كونا ئەمما پاكىزە ،ساقاللىرى ئاپپاق 70ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر بوۋاي خىيالىمنى بۇزدى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بالام سويىدىغان قوي بارمۇ؟ سويۇپ بولدۇم چوڭ دادا رەھمەت!دىشكە ئاران ئۇلگۇردۇم، بوۋاي مېڭشقا تەمشىلىۋىدى ئورۇپ-ئادەتلىرىمىز بۇيىچە:ئويكە كىرىپ پەتىلەپ ماڭسىلا؟!دەپ بوۋاينى ئويگە تەكلىپ قىلدىم ،بوۋاي بۇرۇلۇپلا: رەھمەت بالام مەن ھېيت نامىزىدىن كېيىن پىشىنگىچە(پىشىن نامىزى) بەش ئون قوي سويۇپ ئازراق پۇل تاپمىسام نەۋرەمنڭ بوينى قېسىلىپ قالىدۇ مەن ماڭاي دەپلا ئاسپالىت يولغا چىقتى؛ كالامدا چاقماڭ تىزلىگىدە بىر ئىنكاس پەيدا بولدىدە :چوڭ دادا توختاپ تۇرسىلا ! دىدىمدە يانچۇغۇمدىن ھەمياننى ئېلىپ 50يۇئەنلىك پۇلدىن بىرنى تەڭلەپ: ئالسىلا نەۋرىللىرىگە بىر نەرسە ئەپ بېرەلا! بوۋاي قولىنى سۇنماقتا يوق:بالام ئويدە مەن سىلىگە قىلىشىپ بېرىدىغان ئىش بامۇ؟ قىرقىدىغان قوي بوسىمۇ ؟چاپىدىغان ئېرىق ،ياكى كومىدىغان تال(ئۇزۇم تېلىى ،تەگ) بوسىمۇ بولاتتى! ھېچقىسى يوق چوڭ دادا باشقا ئىش يوق دەپ پۇلنى قولىغا تۇتقۇزدۇم؛ بوۋاي پۇلنى ماڭا تەڭلەپ :بالام مەن ھالال ياشاپ مۇشۇ كۇنگە كەلگەنمەن ،بۇ يىل 85ياشقا كىردىم ئىككى بالام باتتى بەك يىراق جايدا خىزمەت بىلەن مەزلۇم(ئايالىنى دىمەكچى) قازا قىلغىلى دەل 10يىلنىڭ قارىسىنى ئالدى ،تېنىم ئاللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن ساغلام ئىشلەپ يىيەلىگۇدەك كۇچۇم بار! دەپ پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇزدى دە يولىغا يۇرۇپ كەتتى،قىزىمنىڭ دادا ماڭايلى دىگەن ئاۋازى بىلەن دېققىتىمنى يىغسام قۇلۇمدا 50يۇئەن پۇل !
ماشىنا ھەيدەپ ماڭىمەنيۇ كاللامدا ھېلىقى بوۋاي :بەزىلەر كۇندە تىلەپ تىلەمچىلىك بىلەن كەسىپلىشىپ كەتكەن بۇنداق كۇندە مۇشۇنداقمۇ ئادەملەر باركەن..........توۋا...
|
|