- تىزىملاتقان
- 2012-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1442
- نادىر
- 0
- يازما
- 40
ئۆسۈش
  44.2%
|
دۇنياۋى كاتتا كارخانىچىنىڭ بارلىققا كىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساس جەمىئەتنىڭ سىياسىي ھاۋا سۈپىتىگە تايىنىدۇ. سىياسىي ھاۋانىڭ مۇقىملىقى كارخانىچىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش،تەرەققىي قىلىش،يىلتىز تارتىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.دۇنياۋىي داڭلىق كارخانا ياكى كارخانىچىلار توپلاشقان ياۋرۇ-ئامىرىكا بىلەن باشقا رايون دۆلەتلەرنى سىلىشتۇرسىڭىز سەۋەبىنى بىلەلەيسىز.
ئەگەر لى جىيا چىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدا ئىگىلىك تىكلەش قەدىمىنى باشلىغان بولسا بەلكىم بۇچاغقىچە ئۇنىڭ نام-شەرىپى ھازىرقىدەك ئۇلۇغ بولماسلىقى مۇمكىن.
جۇڭگودىكى داڭلىق باي ۋاڭ جىيەن لىن، مايۈن،ماخۇاتىڭ قاتارلىقلارغا قارىسىڭىز ۋاڭ جىيەنلىن دىن باشقا ئىككى مانىڭ ئىنتىرنت تور تىخنىكىسىغا تايانغانلىقىنى، ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بولسا ئۆي مۈلۈك ساھەسىدە باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى بايقايسىز.
ۋاڭ جىيەنلىننىڭ ئارقا كۆرنىشى ئازاتلىق ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشقان بولۇپ،زور سياسىي ئارقا كۆرنىشىكە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
مايۈنگە كەلسەك،ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى شىركەت پىيىنى ئامىرىكىدا بازارغا سىلىپ بىر سەكراپلا جۇڭگودىكى داڭلىق باي قاتارىغا ئۆتكەنلىكىنى بايقايسىز.لىكىن ئىككى كۈن ئاۋالقى ئېقتىساد خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئەلى بابا گوروھى بازار قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى بايقىيالايسىز.ئەلى بابانىڭ بازار قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىكى مۇھىم سەۋەپ شىركەتكە قارىتا سىياسىي ھاۋانىڭ بۇزۇلغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايسىز.شىركەت پىيىنى ئامىرىكىدا بازارغا سىلىشنىڭ ئۆزى ئالى باباغا قارىتا كۈز ئۆتۈپ قىش پەسلىنىڭ يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ بەلگىسى.
كەلگۈسى جۇڭگودىكى ئەڭ بازارلىق شىركەتنىڭ تېڭشۈن بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ قويسىڭىز بولىدۇ.چۈنكى ماخۇاتىڭ مايۈندەك سۆزمەن ئەمەس ھەم دۆلەتنىڭ ئۇ بۇ ئىشلىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ يۈرمەيدۇ.
بىر بۇيرۇق بىلەن ئالىي بابانىڭ بازار قىممىتىنىڭ 150 مىليارد دوللار چۈشۈپ كىتىشىگە سەۋەپ بولالىغان تۈزۈلمىدە دۇنياۋىي كارخانىچىنىڭ تەبئىي ھالدا يىتىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. |
|