قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2115|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (18)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

177

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   19.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 763
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 1226
تۆھپە : 5093
توردىكى ۋاقتى: 1762
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-9
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (18)

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى


گېرمانىيىلىك شائىر ۋە رومان يازغۇچىسى يوھان ۋولفگاڭ (Johann Wolfgang von Goethe) بىر قېتىم مۇنداق دېگەن: «ئويلاش ئاسان، ئىش قىلىش تەس، ۋە ئادەم ئويلىغان ئىشنى ئەمەلىيەتتە قىلىش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ تەس ئىش.» نىشان تىكلىگەن كىشىلەر ئىچىدە ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئەمەلىي ئىش قىلغانلارنىڭ شۇنچە ئاز بولۇشىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ بولۇشى مۇمكىن. گرېگ ھاررىس (Gregg Harris) بۇ ھەقتە بىر قېتىم 100 ئادەم ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 67 كىشى ئۆزلىرى ئۈچۈن نىشان تىكلىگەن. ئەمما، ئاشۇ 67 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئاران 10 كىشى ئۆزلىرىنىڭ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان پىلانلارنى تۈزۈپ چىققان، ھەمدە ئاشۇ 10 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئاران 2 كىشى ئۆزلىرىنىڭ پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىپ، ئەسلىدىكى نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ئۆز نىشانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۇسۇل (trick) ئىش باشلاشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىنىڭ 32-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى فرانكلىن روزۋېلت (1882-1945) مۇنداق دېگەن: «بىر ئۇسۇلنى بىلىۋېلىپ، ئۇنى سىناپ بېقىش بىر ئەقەللىي ساۋات. ئەگەر ئۇ ئۇسۇل مەغلۇپ بولىدىكەن، ئۇنى ئېتىراپ قىلىپ، يەنە بىر ئۇسۇلنى سىناڭ. بۇ يەردىكى ھەممىدىن مۇھىم نەرسە بىر ئىشنى سىناپ بېقىشتىن ئىبارەت.» بۇ بىر ناھايىتى ياخشى مەسلىھەت. بۇنداق ئىشلاردا سىز بىر مۇكەممەل ئادەم بولمىسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ. سىز پەقەت قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلسىڭىزلا بولدى. بۇ جەھەتتە جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇنداق بىر ماقال-تەمسىلى بار: «ئاستا مېڭىپ قېلىشتىن قورقماڭ، ئەمما ئورنىڭىزدا جىم تۇرۇپ قېلىشتىن قورقۇڭ.»

يۇقىرىدىكى مەزمۇن مەن «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (9)» دېگەن ماقالەمدە تونۇشتۇرغان جون ماكسىۋېل (John C. Maxwell) نىڭ «ماكسىۋېل كۈنلۈك ئوقۇشلۇقى» دېگەن كىتابىنىڭ 135-بېتى (1-ماي كۈنى) نىڭ مەزمۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش» دىن ئىبارەت.

يۇقىرىدىكى مەزمۇندا مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ماقالىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە تەكىتلەپ كەلگەن بىر قىسىم ئۇقۇملار ناھايىتى ئوبدان خۇلاسىلىنىپتۇ.

ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى بىر قانچە يازمىلىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، مەن 1970-يىللىرى ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مۇنداق 3 ئىشنى ئۆزۈمگە نىشان قىلىپ تاللىغان ئىدىم:
--(1) ئوقۇشنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە ئوقۇش.
--(2) بىر بەختلىك ئائىلە قۇرۇش.
--(3) ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى ياخشىلاش.

مەن ئۇ چاغدا ئوقۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. كېيىن ئۇنى بىلىپ، ئوقۇشنىڭ «دوكتور-ئاشتى» باسقۇچىنى تاماملىغۇچە ئوقۇدۇم. قالغان ئىككى جەھەتتىكى ئەھۋالىمنى مېنىڭچە كۆپىنچە تورداشلارغا بىلىدۇ.

بىر قىسىم ئادەملەر ياش ۋاقتىدا پۇل ئۈچۈن سالامەتلىكىنى قۇربان قىلىدۇ. ياشانغاندا بولسا سالامەتلىكى ئۈچۈن پۇلىنى قۇربان قىلىدۇ.

مەن يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرىقىدىكى نىشانلارنىمۇ ئۆزگەرتىپ ماڭدىم. ھازىرقى نىشانلىرىم:
--(1) كەسىپتە داۋاملىق ئۆز ئىقتىدارلىرىمنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تولۇق جارى قىلدۇرۇپ مېڭىش. مەن بۇرۇن ئۆزۈمگە «دەم ئېلىشقا چىققۇچە 100 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش» دېگەن بىر كىچىك نىشانمۇ تۇرغۇزغان ئىدىم. ئۇ نىشان ئەمەلگە ئېشىپ، ماقالە سانى ھازىر 115 بولدى.

--(2) ئائىلىنى بەختلىك ساقلاش، ۋە پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ياردەم قىلىش.

--(3) بار ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يۇرتىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش. مېنىڭ مۇشۇنداق ماقالىلەرنى تەييارلىشىم ئاشۇ نىشاننىڭ ئىچىدىكى بىر ئىش. ئەگەر يولۇم ئوچۇق بولغان بولسا، مەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپ قۇرۇش، ۋە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى قۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش ئىشلارغا مەبلەغ سالغان، ھەمدە يىلىغا بىر-ئىككى ئاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ھەقسىز دەرس ئۆتۈپ بەرگەن بولاتتىم.

--(4) تەننى ساغلام تۇتۇش.
مەن يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تەننى ساغلام تۇتۇش جەھەتتىمۇ بىر ئاز ئويلاندىم ۋە ئىزدەندىم: قانداق قىلغاندا يېشى 55 تىن ئاشقان ئادەملەر ساغلام ئۆتەلەيدۇ؟ مەن ھازىر بۇ جەھەتتە كۈندىلىك ئادەت سۈپىتىدە مۇنداق ئۈچ ئىشنى قىلىۋاتىمەن:

(1) تاماقنى ئاز يېيىش
ئادەم ياشقا چوڭايغاندا، بەدىنى تەلەپ قىلىدىغان قۇۋۋەت ياكى ئېنېرگىيەنىڭ مىقدارىمۇ جىق ئازىيىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئىستېمال قىلىدىغان تاماقنىڭ مىقدارىنىمۇ تەدرىجىي ھالدا ئازايتىپ مېڭىش كېرەك ئىكەن. تاماقنى جىق يەۋېلىپ راھەت ئۆتەلەيدىغان ئادەملەر ئىنتايىن ئاز. ياشقا چوڭ كىشىلەر ئاساسەن ئۆز نەپسىنى كونترول قىلالماسلىق سەۋەبىدىن تاماقنى كۆپ يەۋالىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىدا «نەپسىنى قاندۇرۇش كېرەكمۇ، ياكى سالامەتلىكنىڭ ئېھتىياجىنىمۇ؟» دېگەن تاللاش بار. ئاقىلانە ئىش قىلىدىغان ئادەملەر چوقۇم كېيىنكىنى تاللايدۇ.

(2) ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن «روزا تۇتۇش»
نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا مەن بىر يەردىن بىر ئەنگلىيەلىك دوختۇر ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ئادەم ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن، ئارىلىقتا ئوخشاش ۋاقىت قالدۇرۇپ «روزا تۇتسا»، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يېنىكلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەن. بۇ يەردىكى «روزا تۇتۇش» ئىسلام دىنىدىكى ئىش بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ياكى ئوخشاش بولمىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ، پەقەت ھەپتىدە 2 كۈن چۈشلۈك تاماق يېمىسىڭىزلا بولىدىكەن. بىزنىڭ ئادىتىمىز بويىچە، بىز ئاساسەن ھەر ھەپتە شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى مېھماندارچىلىق قىلىمىز. ئۆيىمىزگە مېھمانلار كەلمىگەن، ياكى باشقا بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بارمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆز ئۆيىمىزدە ھەپتە ئارىلىقىدا يېتىشەلمىگەن ياخشى تاماقلارنى ھازىرلاپ يەۋالىمىز. قىسقىسى، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئالدىمىزغا ئادەتتىكى كۈنلىرى ئېرىشەلمەيدىغان ياخشى تائاملار كېلىدىغان بولغاچقا، تاماقنى ئادەتتىكىدىن كۆپرەك ئىستېمال قىلىۋالىمىز. شۇڭلاشقا مەن ئويلاپ، ئەگەر دۈشەنبە كۈنى بىلەن پەيشەنبە كۈنى چۈشتە تاماق يېمىسە، ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يەنى، پەيشەنبە كۈنى شەنبە-يەكشەنبە كۈنى كۆپ تاماق يەۋېلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، دۈشەنبە كۈنى يەۋالغان كۆپ تاماقنىڭ تەسىرىنى ئازايتسا، ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھەمدە ئاشۇ 2 كۈن چۈشتە بىر تال ئالما بىلەن 2-3 تال ياڭاق يېيىشنى ئادەت قىلىۋالدىم. مەن ئۇ ئىككى كۈن چۈشتە پەقەت تاماق يېمەي دېسەم، ئۆزۈمنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىسى بەك ئېغىر بولغاچقا، ئاخىرقى بىر-ئىككى سائەت قورسىقىم ئېچىپ كېتىپ، ئىش ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدىكەن. مەن بالىلىق، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرلىرىمدە يەيدىغان نەرسىلەرنىڭ قىسلىقىدىن ئاچ قوساق يۈرگەن ۋاقىتلىرىم كۆپ بولغان.  ھازىر بولسا بەدەننى ساغلام تۇتۇش ئۈچۈن بەزىدە ئاچ قوساق يۈرىۋاتىمەن.

(3) چېنىقىش
مەن ئۆيىمىزنىڭ 1-قەۋىتىدىكى گاراژدا ماشىنامغا ئولتۇرۇپ ئىشقا مېڭىپ، ئىدارەمدىكى ئىشخانامنىڭ ئالدىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ، بۇ ئارىلىقتا ئاساسەن يول ماڭالمايمەن. شۇڭلاشقا ھەر كۈنى چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن پەقەت چېنىقىش ئۈچۈنلا بىر ئاز يول مېڭىپ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 كىلومېتىر يول ماڭىمەن. ئۇ ۋاقىتلارنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتمەي، ياكى رادىئو خەۋەرلىرىنى، ياكى بولمىسا ياسىر قازى لېكسىيىسىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئاڭلاپ ماڭىمەن. مەن بۇ يىل ئەتىيازدا 4 قېتىم ئائىلەمدىكىلەر بىلەن تاغقا چىقىپ، ھەر قېتىم 5 كىلومېتىردىن 11 كىلومېتىرغىچە يول ماڭدىم. مەن ئىدارىمىزدە ھەر كۈنى دېگىدەك ھەر خىل تېخنىكىلىق يىغىنلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىر بىنادىن يەنە بىر بىناغا بېرىپ، 4-قەۋەتكىچە چىقىپ چۈشۈپ تۇرىمەن.  شۇنداق ۋاقىتلاردا مەن بۇنى بىر تەبىئىي چېنىقىش پۇرسىتى ھېسابلاب، ھەرگىزمۇ لىفتكە چۈشمەي، بىنالارغا پەلەمپەيدە مېڭىپ چىقىپ چۈشىمەن.

مەن قىلىدىغان يەنە بىر ئىش ھويلامغا ئىشلەش. مەن بۇ ئىشنى يىل بويى داۋاملاشتۇرىمەن. يېقىنقى بىرەر ئايدەك ۋاقىتتىن بۇيان بىز تۇرۇۋاتقان يەرمۇ ئىنتايىن ئىسسىپ كېتىپ، تېمپېراتۇرا 35 - 40 گرادۇس ئارىلىقىدىلا تۇردى. شۇنداق بولسىمۇ، خىزمەتتىن كېيىنكى كەچلىك ۋاقىتلار ۋە شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى قوشنىلىرىمىز ھاۋا تەڭشىگۈچتە ئۆيىنى ناھايىتى سوغۇق قىلىپ، ئۆيدىن تالاغا چىقالماي يۈرگەن ۋاقىتلاردا، مەن ھويلامدا ھەر كۈنى بىرەر سائەت، دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسا ئىككى سائەت ئىشلەپ، ئارقا ھويلىمىزدىكى ئېتىزلىقنىڭ يېرىم مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئەسكى توپىلارنى خالتىلارغا قاچىلاپ تاشلىۋېتىپ، تۇپراقنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ياخشى توپىلارنى تۆكۈپ، گۈل ۋە كۆكتات ئۆستۈرىدىغان يەرلىرىمنى رەتلەپ چىقتىم. تەرلەپ پۈتۈن كىيىملىرىم ھۆل بولۇپ كەتكەندە، مۇشۇنداق تومۇز ئىسسىقتا ئېتىزلىقتا بىر-ئىككى سائەت ئەمەس، 8-10 سائەت ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ، قولۇمنىڭ كۈچى قالمىغۇچە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇردۇم.

مەنمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاشۇ دېھقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېزا ئەمگەكلىرىنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى قىلغان ئىدىم. 2007-يىلى يۇرتقا بارغاندا، 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيە ئارال يېزىسىغا باردىم. مېنىڭ بىر تۇغقىنىمنىڭ يېشى 90 ياشتىن ئېشىپتۇ. يەنىلا ئېتىزلىقتا ئىشلەيدىكەن. ئۇنىڭ بىر چوڭ ئۈجمە دەرىخى بار ئىكەن. بىز شەھەردىن كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداشلار ئۇنى بىر چوڭ داستىخانغا ئىرغىتىپ، يۇيۇۋېتىپ يېدۇق. ھېلىقى تاغام بولسا داستىخاننىڭ ئىچىگە چۈشەلمەي، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئۈجمىلەرنى تىرىپ، پۈۋلىۋېتىپ يېدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كۆزلىرىم نەملىشىپ كەتتى. مەن ئويلايمەن، پۈتۈن ئۆمرىنى شۇنچە توپا، شۇنچە ناچار شارائىتتا ئۆتكۈزسىمۇ، ئۇلارنى يەنە 90 ياشتىن ئاشقىچە ياشىتىدىغان مۇھىم نەرسىلەرنىڭ بىرى قۇياش نۇرىدىن ئىبارەت.

مەن بۇ قېتىم رەسمىي مەزمۇننى باشلىماي تۇرۇپ، باشقا مەزمۇنلارنى بىر ئاز يېزىپ كەتتىم. ئۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، «نىشان تىكلەش» نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېخىچە ياخشى چۈشىنەلمەي يۈرۈۋاتقان ئۇكىلار ۋە بالىلىرىمىزغا ئازراق مىسال كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

مەن مەزكۇر يازمىدا بىر نىشان تىكلەپ، ئاشۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئەمەلىي ئىش ئېلىپ بارغان، بىر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىشەنچىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، بالىسى ئىككى ئايلىق بولغاندا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلاپ، ئاخىرى غەلىبە قازانغان بىر سىڭلىمىزنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ قېتىمقىسى مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرغان 45-قېرىندىشىمىز بولۇپ، تۆۋەندىكى مەزمۇننى ھازىر تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىنىمىز ھەسەنجان تەييارلاپ بەردى (ھەسەنجان ئۇكام، سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!).


دورىگەرلىك كەسپىنىڭ دوكتورى نۇرانىيە راخمان (تۈركىيە)

p1_nurayiniye.jpg
1-رەسىم: سىڭلىمىز نۇرانىيە ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىر ئىلمىي دوكلات يىغىنىدا.

سىڭلىمىز نۇرانىيە راخمان 1982-يىلى ئەزىزانە قەشقەردە مەرىپەتپەرۋەر زىيالىي راخمان ئاكا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. راخمان ئاكا ئىلىم سۆيەر ئادەم بولغاچقا 6 بالىسىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتقان. نۇرانىيە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھىرىدە ئىزچىل ياخشى نەتىجىلەر بىلەن تاماملىغان. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە بىئولوگىيە ۋە خىمىيە دەرسلىرىنى ئالاھىدە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇغان. 2000-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، تولۇق كۇرسقا ئوقۇشقا كىرگەن. تولۇق كۇرستا 5 يىل ئوقۇش داۋامىدا ئۇدا 4 يىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك مەكتەپ ئىچى ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئوقۇش پۈتتۈرۈش نەتىجىسى پۈتۈن سىنىپ بويىچە 1-بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 4-دەرىجە (CET-4) دىن ئۆتكەن.

نۇرانىيە تولۇق كۇرسنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2005-يىلى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ، يۇقىرى نەتىجە بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك فاكۇلتېتىنىڭ دورا ئۆسۈملۈك خىمىيەسى (天然生物化学) كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان. ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدا دىيارىمىزدىكى دورىگەرلىك ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان رەنا قاسىم خانىمنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللىغان. ماگىستىرلىقتا ئوقۇش داۋامىدا ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 6-دەرىجە (CET-6) دىن ئۆتكەن. شۇنداقلا 2008-يىلى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە قاتناشقان دىسسېرتاتسىيە ياقلاشتا نۇرانىيەنىڭ «ئۇيغۇر تېبابىتىدە قوللىنىلىۋاتقان كىچىك ئەفى كۇمىلىچىنىڭ راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇش رولى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1-بولۇپ باھالانغان. نۇرانىيەنىڭ تىرىشچانلىق روھى، ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىقى، شۇنداقلا ماقالىسىنىڭ ئىلمىي قىممىتى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە فاكۇلتېتتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكتىن، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېلىشقا تەكلىپ قىلىنغان. ئەمما داۋاملىق ئوقۇش ئىستىكى، شۇنداقلا چەتئەلدە تېخىمۇ ئىلغار مائارىپ تەربىيەسىدە تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى سەۋەبىدىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا قېلىشتىن ۋاز كېچىپ، تۈركىيەدە ئوقۇش يولىنى تاللىغان.

2008-يىلى 9-ئايدا نۇرانىيە تۈركىيەگە كېلىپ تىل ئوقۇشقا باشلىغان، ھەمدە تىل ئۆتكىلىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئاكادېمىك ۋە ئاسپىرانتلىق مائارىپى كىرىش ئىمتىھانى بولغان «ALES» (مەزكۇر ئىمتىھان تۈركىيەدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇماقچى بولغان پۈتۈن ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان بىر تۇتاش ئىمتىھان بولۇپ، ماتېماتىكا ۋە تۈركچە تەڭ نىسبەتتە تەشكىل قىلىنغان، قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى) ئىمتىھانىدىنمۇ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈپ، 2009-يىلى تۈركىيەنىڭ گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق بىلىملىرى ئىنستىتۇتى دورىگەرلىك فاكۇلتېتىنىڭ دورا ئۆسۈملۈك خىمىيەسى كەسپىگە دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنىدۇ. نۇرانىيە دوكتورلۇق ئوقۇشقا يېڭىلا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، فاكۇلتېتتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىر قۇر ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئىچىدىن بىر ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «قىزىم، سېنىڭ ئائىلەڭ بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالاڭ ئەمدىلا ئىككى ئايلىق بوپتۇ، ئۆزگە يۇرتتا ئوقۇش تولىمۇ تەس، مۇشۇنداق ئەھۋالدا سېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرەلىشىڭ ناتايىن.» ئەمدىلا كۆرۈشكەن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمەلىي ۋە رېئال گەپلىرى نۇرانىيەنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويىدۇ. نۇرانىيە شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا: «ئۇستاز، گېپىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق، بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ ياخشى ئوقۇپ كېتەلەيدىغانلىقىمغا تولۇق ئىشىنىمەن» دېگەن گەپنى ئارانلا قىلالايدۇ.

نۇرانىيە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىر يېرىم يىل ئىچىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرسلىرىنى تۈگىتىپ بولىدۇ. نەق مۇشۇ ۋاقىتتا تۈركىيە ئالىي مائارىپ باشقارمىسى ئۇنىڭغا تولۇق كۇرستا (يەنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا) ئالغان دورىگەرلىك دەرسىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈزۈمىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، تۆت يىل ئوقۇغان دەرسلىرىنىڭ تۈركىيە دورىگەرلىك كەسپى تەلىپىگە توشمايدىغانلىقى ئۈچۈن، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە بىر يىل دەرس ئېلىشنى بۇيرۇيدۇ. دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان نۇرانىيە ئۈچۈن ئۆزىدىن نەچچە ياش كىچىك تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە دەرس ئوقۇش ناھايىتى ئەلەم قىلسىمۇ، ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن شەكىلدىن بەكرەك مەزمۇنغا ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، چىشىنى چىشلەپ داۋام قىلىدۇ.

p02_nuraniye.jpg
2-رەسىم: نۇرانىيە ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنى باھالاشقا قاتناشقان پروفېسسور ۋە ئۇستازلىرى بىلەن بىللە.

بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلىپى تۈپەيلىدىن، تېبابەت كەسىپلىرىدە تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تۈركىيەدە ئوقۇمىغان ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە تېبابەت كەسىپلىرىدە دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ۋە تۈركىيەدە تېبابەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، كەسپى دەرسلەر ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتە تەشكىل تاپقان «Denklik» ئىمتىھانغا قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ (مەزكۇر ئىمتىھان دىيارىمىزدىكى «同等学力» گە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باققان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىردەك مەزكۇر ئىمتىھاننى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە دوختۇر بولۇشىنىڭ ۋە تېببىي كەسىپلىرىدە خىزمەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ قىيىن تەرىپى دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ ئىمتىھان پۈتۈن كەسپىي دەرسلەردىن بېرىلىدىغان بولۇپ، كەسپى دەرسلەرنىڭ ئەڭ قىيىن نۇقتىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. نۆۋەتتە تۈركىيەدە بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 غا بارمايدۇ). «Denklik» ئىمتىھانغا چەتئەللەردە تولۇق كۇرسنى تېبابەت كەسىپلىرىدە ئوقۇغان، دوكتورلۇقنى تۈركىيەدە ئوقۇماقچى بولغان تۈرك ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، 2-3 يىل ئارقىمۇ-ئارقا بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتەلمىگەن تۈرك ئوقۇغۇچىلارمۇ خېلى كۆپ بولغاچقا، بۇ خىل ئەھۋال نۇرانىيەنى خېلىلا تەمتىرىتىپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ كەسپىي ئاساسىنىڭ پۇختىلىقى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلغان نۇرانىيە توپ-توغرا بىر يىل تەييارلىق قىلىدۇ. ئاخىرى 2012-يىلى دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان بۇ ئىمتىھاندا يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

p03_nuraniye.jpg
3-رەسىم: نۇرانىيە دوكتورلۇقتا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە.

ئوقۇش، ئائىلىدىن خەۋەر ئېلىش، بالا بېقىش، ۋە ئاش-تاماق ئېتىش قاتارلىق ئىشلار ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى تېخىمۇ قىس قىلىۋېتىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا بىر قانچە قېتىم ئارىسالدى بولىدۇ. ئائىلىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپلا ئۆيدىلا ئولتۇرۇش خىيالىغىمۇ كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئېرى ئۇنى قەتئىي قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، ئائىلە ئىشلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە قارىشىدۇ، ۋە ئايالىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىشىغا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ خىل مەنىۋى مەدەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرانىيە ئەلۋەتتە دوكتورلۇق ئوقۇشنىمۇ ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا TÜBİTAK (دىيارىمىزدىكى پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئوخشاش ئورگان) نىڭ تەشكىللىشىدىكى تەتقىقات تۈرلىرىگە ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتنىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ قايتا-قايتا تەجرىبە ئىشلەش نەتىجىسىدە، چوڭقۇر ئىلمىي قىممەتكە ئىگە دىسسېرتاتسىيىسىنى يېزىپ چىقىپ، دىسسېرتاتسىيە باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، تۈركىيەدىكى دورىگەرلىك تەتقىقاتى ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. نۇرانىيەنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ۋە تىرىشچانلىقىدىن خەۋەر تاپقان تۈركىيەنىڭ سىۋاس ۋىلايىتىدىكى جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك فاكۇلتېتى مۇدىرى تېخى مەكتەپنى رەسمىي شەكىلدە پۈتتۈرۈپ بولماستىنلا نۇرانىيە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى «جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى» دورىگەرلىك فاكۇلتېتىغا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىشىمىزگە ئەرزىيدۇكى، ئەينى ۋاقىتتا دورىگەرلىك كەسپىگە تۆت ئوقۇغۇچى بىللە كىرگەن بولۇپ، نۇرانىيە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچى ئىدى. گەرچە قالغان ئۈچەيلەن يەرلىك بولسىمۇ، بىز بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمىزدا ئۇلار تېخىچە ئوقۇشىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ (يەنە ئەڭ ئاز بىر يىل داۋام قىلىشى مۇمكىن)، تەڭ ئوقۇشقا كىرگەن نۇرانىيەنىڭ ئارقىسىدا قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرانىيە تولۇق نومۇر بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. نۇرانىيەنىڭ بۇ ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا «نۇرانىيە بىز ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا، ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىدە سېنىڭچىلىك ئوقۇيالمىدۇق، قېرىندىشىم سەن ھەقىقەتەن كاشىغەرلىك مەھمۇدنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەنسەن، بىز سېنىڭدەك قېرىنداشلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز»، دەيدۇ.

«دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلىرىڭىزغا دەيدىغان قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟» دېگىنىمىزدە، ئۇ «ھەر قانداق ئىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا قىيىنچىلىقلىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئوقۇش، ئۆگىنىشنىڭمۇ شۇنداق. مۇھىم بولغىنى بۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇشنى داۋام قىلىشتۇر. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۈركلەردىكى ‹يا تامام، يا داۋام› دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى قېرىنداشلىرىمغا سوۋغا قىلىمەن. يەنى بۇ سۆزنىڭ يا تامام بولۇپ تۈگىشىش، يا چىداپ داۋام قىلىش، دېگەن مەناسى بار. مېنىڭچە بۇ ھېكمەتلىك سۆز بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگە بەكمۇ ماس كېلىدۇ. قەدىمىمىز ئاستا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، توختاپ قالمىساقلا، مۇۋەپپەقىيەت ھامان بىر كۈنى بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ»، دەيدۇ.

بىز ئائىلىسىنىڭ ۋە ئىككى بالىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي، مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن قەيسەر سىڭلىمىز نۇرانىيەگە ئاپىرىن ئېيتىمىز. شۇنداقلا ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز.

سىڭلىمىز دوكتور نۇرانىيە راخمان ھازىر ئائىلىسى ۋە ئوماق ئىككى پەرزەنتى بىلەن تۈركىيەنىڭ سىۋاس شەھىرىدە ياشاۋاتىدۇ.


نۇرانىيەنىڭ ھازىرغىچە ھەر خىل ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى:

[1]Nuraniye Eruygur, Gülderen Yılmaz, Osman Üstün  (2014). Analgesic and antioxidant activity of some Echium species wild growing in Turkey. FABAD Journal of Pharmaceutical Sciences.

[2]  Fatma Funda Kaya Demirsoy, Nuraniye Eruygur,  Erhan Süleymanoğlu (2015). Supramolecular Langmuir monolayers and multilayered vesicles of self-assembling DNA-lipid surface structures and their further implications in polyelectrolyte-based cell transfections. J Nanopart Res (2015) 17: 50.

[3]  U Koca, H Çölgeçen, Reheman Nueraniye; Progress in Biotechnological Applications of Diverse Species in Boraginaceae Juss. Biotechnological Production of Plant Secondary Metabolites. I E Orhan (eds), 2012, 200-215.

[4] Reheman Nueraniye, Research on anticancer effect of compound recipe-Xiaoaifei Migao. Master Thesis, Xinjiang Medical University, 2008, Pharmacognosy department.

[5]  Reheman Nueraniye, Rena Kasimu.Analysis of essential oil from Alpinia officinarium Hance by GC-MS. Journal of Xinjiang Medical University, 2008, 31(4):441-442”



نۇرانىيەنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا لېكسىيە قىلىپ سۆزلىگەن ئىلمىي ماقالىلىرى:

[1]Nuraniye., Demirsoy, F.F.K. and Süleymanoğlu, E., “Surface Enhanced Raman Spectroscopy of DNA -Lipid Biomolecular Dynamics in Lipid Monolayers and in Nanoscale Virus-Like Lipoplexes Designed for Therapeutic Gene Delivery”. 10th nanoscience and Nanotechnology Conference, 17-21 June 2014, Yeditepe University-İstanbul, Turkey, pp-368. (poster).

[2] Demirsoy, F.F.K., Atalay A., Nuraniye., and Süleymanoğlu, E., “Supramolecular Langmuir-Blodgett Monolayers of Self-Assembling Nucleic Acid-Lipid Surface Structures: From Origin of Life To Nonviral Gene Delivery Nanomedicines”. 10th nanoscience and Nanotechnology Conference, 17-21 June 2014, Yeditepe University-İstanbul, Turkey, pp-257. (poster).

[3] Nuraniye., Demirsoy, F.F.K. and Süleymanoğlu, E., “Surface Enhanced Raman Spectroscopy of DNA -Lipid Biomolecular Dynamics in Lipid Monolayers and in Nanoscale Virus-Like Lipoplexes Designed for Therapeutic Gene Delivery” 2nd International BAU-Drug Design Symposium, 17-19 April 2014, BAU University-İstanbul, Turkey, pp-86. (poster).

[4] Demirsoy, F.F.K., Nuraniye., and Süleymanoğlu, E., “Biophysical Studies on Supramolecular Structures of Self-Assembling Nucleic Acid-Liposome nanopharmaceuticals: Relevance to Gene Delivery and DNA Chromatography” 2nd International BAU-Drug Design Symposium, 17-19 April 2014, BAU University-İstanbul, Turkey, pp-89. (poster).

[5] Nuraniye., Demirsoy, F.F.K. and Süleymanoğlu, E., “Lipopleks Termodinamiği: DNA-Mg2+-Nötral Lipit Etkileşme Enerjisinin Diferansiyel Taramalı Kalorimetre ve İzotermal Titrasyon Kalorimetresi ile Belirlenmesi”. 2. İlaç Kimyası, Üretimi, Teknolojisi ve Standardizasyonu Kongresi, 21-23 March 2014, Antalya-Beldibi, Turkey. (poster).

[6] Nuraniye., and Süleymanoğlu, E.,“Circular Dichroism Spectroscopy and Isothermal Titration Calorimetry of Conformation Specific Genomic DNA-Anticancer Drug Recognitions”. International Multidisciplinary Symposium on Drug research and Development. Nov.28-30, 2013, Antalya-Turkey, pp-46. (poster).

[7] Nuraniye., and Süleymanoğlu, E., “Probing the Structure of Virus-Resembling Nanoscale Lipoplexes with Transmission Electron Microscopy”. International Multidisciplinary Symposium on Drug research and Development. Nov.28-30, 2013, Antalya-Turkey, pp-47. (poster).

[8] Demirsoy, F.F.K., Atalay A., Nuraniye and Süleymanoğlu, E., “Pharmaceutical Perspectives of Supramolecular DNA-Neutral Phospholipid Self-Assemblies Towards Developing Novel Non-viral Gene Delivery Vehicles: Physicochemical Studies, Transfection Efficiencies and Cytotoxicity Profiles”. International Multidisciplinary Symposium on Drug research and Development. Nov.28-30, 2013, Antalya-Turkey, pp-44. (poster).

[9] Nuraniye and Süleymanoğlu, E., “The Use of Vibrational Spectroscopy in Biophysical Characterizations of Novel Non-Viral Lipoplex Gene Delivery Systems”, International Turkish Congress on Molecular Spectroscopy, Sept.15-20,   2013, Istanbul-Turkey, pp-2 (poster).

[10] Nuraniye and Süleymanoğlu, E., “On the Cellular Fate of Non-Viral Nanomedicines for Therapeutic Nucleic Acid Delivery: Fluorescence Approaches”. 13th Conference on Methods and Applications of Fluorescence, Sept. 8-11, 2013, Genova-Italy, pp. 35. (poster).

[11] Nuraniye ;Üstün,O., “Evaluation of wound healing activity of Echium italicum L. growing in Turkey.” 20th Symposium on Natural products from Medicinal Plants, Oct. 10-13, 2012, Antalya-Turkey, pp. 66 (poster).

[12] Üstün,O, Nuraniye., “Assesment on Wound Healing effects of Lentinula edodes from Turkey”. 20th Symposium on Natural products from Medicinal Plants, Oct. 10-13, 2012, Antalya-Turkey, pp. 67 (poster).

[13] Nuraniye., Üstün,O., and Şener, B., “Appraisal on the Wound Healing Activity of the Leaves of Ficus carica L.”. 10th International Symposium on Pharmaceutical Sciences, June. 26-29, 2012, Ankara-Turkey, pp. 361. (poster).

[14] Nuraniye., and Süleymanoğlu, E., Applying Langmuir-Blodgett Films and Planar Lipid Bilayers (Black Lipid Membranes) for Designing Nucleic Acid Nanobiosensors. Mini-Workshop on Surface Science for Inauguration of the Turkish Surface Science Society (TuSSS), Mays.23, 2011, Bilkent University, pp. 40 (poster).

p04_20150215_IMG_2437.JPG
4-رەسىم: بۇ يىل 15-فېۋرال كۈنى ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى بىر تاغقا چىقىپ، 11 كىلومېتىر يول مېڭىپ كەلدۇق. بۇ رەسىم شۇ چاغدىكى بىر كۆرۈنۈش.

p05_20150321.jpg
5-رەسىم: 2015-يىلى 21-مارت كۈنى، يەنى نورۇز بايرىمى كۈنى، ئوغلۇم، ئايالىم ۋە مەن ئۈچىمىز لوس ئانژېلىس (Los Angeles) شەھىرىنىڭ مالىبۇ رايونىدىكى تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان بىر تاغقا چىقىپ، 5 كىلومېتىردەك يول مېڭىپ كەلدۇق. بۇ رەسىمدىكىسى شۇ چاغدىكى بىر كۆرۈنۈش.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


uyghuray

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   31.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 5327
توردىكى ۋاقتى: 1482
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-9
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-4 15:50  

ئۇستازنىڭ  قەلمىگەتېخىمۇ بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك يازمىلارنى يېزىپ بىزلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ ماڭغىنىغا  چىن دىلىمدىن  تەشەككۈر ئېيتىمەن.

1

تېما

2

دوست

1877

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-7
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئ‍ەمگىكىڭىز گە كۆپ تەشەككۇر، ئ‍اللاھ ئ‍ۆمرىڭىزنى ئ‍ۈزۇن قىلسۇن  

0

تېما

1

دوست

412

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15197
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-10
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئەركىن ئۇستاز!
uyghuray

6

تېما

3

دوست

3161

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15570
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 976
توردىكى ۋاقتى: 193
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-9
5#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەركىن ئۇستازنىڭ ساغلاملىق توغرىسىدىكى قاراشلىرىمۇ بىزگە ئۈلگە بولۇشقا تىگىشلىك.  ساغلاملىق مەسىلىسى (بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىكى) دىيارىمىزدىكى ئىنتايىن موھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
ئەجداتلىرىمىز توغرا ئېيتقان «ساغلام تەندە داپ ئەقىل»

1

تېما

0

دوست

160

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   53.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34615
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-5
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
نەتىجىلىك ئۇيغۇرلاردىن كۆپرەك چىقىشىنى ئۈمۈت قىلمەن

1

تېما

0

دوست

137

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   45.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-8
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ شۇنچە ئالدىراشلىقىغا قارىماي مۇشۇنداق ياخشى ماقالىلارنى تەييار قىلىۋاتقانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. بۇ ماقالىلار ياشلارغا تەسىر قىلسا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن ھەم ئەركىن ئاكىمىزمۇ شۇنداق قارىشى مۇمكىن.

1

تېما

2

دوست

4708

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1420
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-4
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
سىزنىڭ تېمىلىرىڭىز زادى بىز ئۈچۈن قۇۋۋەت دورىلىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )