- تىزىملاتقان
- 2015-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5457
- نادىر
- 1
- يازما
- 298
ئۆسۈش
  9.14%
|
پۇقرالارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ بېجىرىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىۋەتسە، پارا بېرىپ ئىش ھەل قىلىشقا ھاجەت چۈشمىسە، چىرىەكلىك، پارخورلۇق ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ، ياكى تۆۋەن نىسبەتكە چۈشىدۇ. مەسىلەن بىر دانە پاسپورت بارلىق رەسمىيەتلىرى بىلەن 300 سومدىن ئاشماي پۈتىدىغان، ئالقانچىلىك دەپتەر. ھازىر چوڭ شەھەرلەردە قار قويۇق پاسپورت بېجىرىش يولغا قويۇلدى. شۇنچىلىك نەرسىگە ھەر تۈرلۈك چەكلىمە پەيدا قىلىپ، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل پۇقرا تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەنلىكتىن، بىر دانە پاسپورتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 30 مىڭ سومغىچە پار بېرىدىغان گەپ. بۇنداق مىساللار ساماندەك. ھەتتا داۋالاش ئىشىغا كەلسەكمۇ، كېسەللىك سۇغۇرتا سىستېمى بىر تۇتاش يولغا قويۇلمىغاچقا، دوختۇرلار پارخور بولماي، چىرىمەي قانداق قىلاتتى؟ مۇشۇ خەق دۆلەت قۇرغىلىمۇ بولۇپ قالدى 100 يىل. لېكىن قاچانلا قارىسا، ئۇنىڭ مېڭىسىدىن ئىس چىقىرىدۇ- پارخور دەپ، بۇنىڭ يۈرىكىدىن تۈشۈك ئاچىدۇ- چىرىك ئەمەلدار دەپ. بىراق بارغانسىرى يامانلىشىپ كەتسە كېتىدۇكى، ئوڭشىلىدىغان تەرەپكە ماڭمايدۇ. غەربتىن نېمىنى ئۆگىنىۋاتىدىكىن تاڭەي، بولمىسا غەربنىڭ ھەممە نەرسىسىنى كوپىيە قىلىپ، پاخاللاشتۇرۇپ قويىدىكەن. غەربنىڭ پار ئالمايدىغان، چىرىمەيدىغان تۈزۈملىرىنى نېمىشقا كوپىيە قىلىپ پاخاللاشتۇرىۋەتمەيدىكىن.... توۋا بۇلارنىڭ ئاشۇ چوڭچىلىقىغا. |
|