- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7142
- نادىر
- 0
- يازما
- 637
ئۆسۈش
  42.84%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-30 11:12
putin يوللىغان ۋاقتى 2015-8-29 19:56 
شۇ ۋاقىتتا ئاپئاق غوجام مۇشۇنداق ئويلىغان بولسا ،ياۋ ...
دۇنيادا ھەقىقەتنى ۋە توغرا يولنى مونوپول قىلىۋېلىشتىنمۇ يىرگىنىشلىك ئىش يوق.ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا،ئۆزىنىڭكىنىلا ھەق دەپ سەپسەتە ساتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى زاۋاللىققا باشلىماي قالمايدۇ. ئەمىلىيەتتە بارلىق دىنلار ۋە سىياسى قاراشلاشلارنىڭ توغرا ھەم ھەققانىي تەرەپلىرى بولىدۇ،خاتا تەرەپلىرىگىلا ئېسىلىۋېلىپ ھەممىنى ئىنكار قىلىش ئىنسانلارنى بىدئەتلىككە باشلايدۇ.
دۇنيادا مىلياردلاپ ئىنسان ئوخشىمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئېتىقاد قىلىدىغىنى ھەرگىزمۇ ئۇ دىن ياكى بۇ دىن دەپ ئاتالغان نام ئەمەس،ھەقىقى ئېتىقاد قىلىدىغىنى ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى،ئىككى دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىگە قادىر،چەكسىز-مېھرى-شەپقەتلىك پەرۋەردىگاھدۇر. ئۇلار پەقەت ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى ياكى ئەجدادلىرىدىن قالغان دىننى تاللاش ئارقىلىقلا ياراتقۇچىسىغا بولغان ئېتىقادىنى ئېپادىلەيدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان دىننى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئاندىن ئېتىقادنى تاللايدىغان ئىنسانلار يوق دېيەرلىك. |
|