قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1284|ئىنكاس: 15

«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ تارىخشۇناسلىق ئالاھىدىلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-28 13:36:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىق ۋە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ تارىخشۇناسلىق ئالاھىدىلىكى

ئەخمەت مۆمىن تارىمى

(نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)


    قاراخانىيلار خانلىقى __ ئۇيغۇرلار تارىخىدا گۈللەنگەن ۋە قۇدرەت تاپقان فېئودال خانلىق بولۇپ، بۇ خانلىق ھۆكۈم سۈرگەن ئازكەم 400 يىلغا يېقىن جەرياندا، خانلىق تەۋەسىدىكى ھەر قايسى رايونلاردا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن بىر قاتاردا ئىلىم- پەنمۇ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان. جۈمىلىدىن قەشقەر، بالاساغۇن ۋە سەمەرقەندلەردە ئىلىم- پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالى بىلىم يۇرتلىرى – مەدرىسلەر قۇرۇلغان. بۇ مەدرىسلەر ئۆز دەۋىرىنىڭ مەدىنىيەت ئۇچىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىن، پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاستىرنومىيە، ماتىماتىكا،تىبابەتچىلىك قاتارلىق تەبىئىي ۋە ئىجىتمائى پەن ساھەلىرىدە كۆپلىگەن ئۆلىمالار،ئەدىب شائىرلار، تىلشۇناسلار، پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار، تىۋىپلارنى يىتىشتۈرگەن. بۇ ئىلىم- ئەھلىلىرى تۈرك ـــ ئۇيغۇر، ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، كېيىنكىلەرگە جاھانشۇمۇل يازما مىراسلارنى قالدۇرغان.
     بۇ دەۋىردەتارىخشۇناسلىق ئۇيغۇرلاردا خېلى بۇرۇندىنلا شەكىللەنگەن يازما ئەدەبىيات بىلەن قېرىنداش بولغان ھالدا ئورقۇن خانلىقى دەۋىرىدىكى توققۇز ئۇيغۇر (توققۇز ئوغۇز)ئەنئەنىسى بويىچە تېخىمۇ راۋاجلانغان. جۈمىلىدىن ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋىرىدە تارىخشۇناسلىق شەكىل جەھەتتە ئاغزاكى تارىخشۇناسلىقتىن يازما تارىخشۇناسلىققا تەرەققى قىلغان (مەڭگۈ تاشلار بۇلارنىڭ دەلىلى)، مەزمۇن جەھەتتە تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى سىڭگەن ئەپسانە – رىۋايەتلەرنى مەزمۇن قىلىشتىن تەڭرى ئېتقادچىلىقى سىڭگەن راسىت ۋەقە-ھادىسىلەرنى مەزمۇن قىلىشقا ئۆتكەن بولسا، بۇ دەۋىردە تارىخشۇناسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى ۋە ئەرەب يېزىقىنى قۇبۇل قىلىشى بىلەن ئېتقاد ۋە يېزىق جەھەتتە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى نەتىجىسىدە شەكىل جەھەتتە ئەرەب تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئۇسلۇبى، مەزمۇن جەھەتتە ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىنىڭ خاھىشىنى سىڭدۈرگەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئىلگىرىكى تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسى يەنىلا ئاساسى ئۇرۇندا تۇرغان. جۈمىلىدىن بۇ دەۋىردىكى تارىخشۇناسلىق ئەرەب تارىخشۇناسلىقىنى ئۆرنەك، ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىنى يىتەكچى قىلىپ تېخىمۇ ئىلمىيلەشكەن، سېستىملاشقان، مۇكەممەللەشكەن، مەسىلەن، مۇشۇ دەۋىردە ئۇيغۇر تارىخشۇناسى ئەبۇلفۇتۇھ ئابدۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقىرى «تارىخى كاشىغەر»ناملىق چوڭ ئەسەرنى، جامال قارشى «مۇلھىقاتۇىس سۇراھ» ناملىق مەشھۇر لۇغەتنى،مۇھەممەت ئىبىنى ئەلكاتىپ سەمەرقەندى «ئەغرازۇ سىياسى فى ئىلمى سىياسى» ناملىق ئەسەرنى، مەجىددىن مۇھەممەت ئەلئەۋھى «جامىئۇل ھېكايە» ناملىق ئەسەرنى، يەنە ئۇبۇلفەيزى مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەيىن بەيھىقى 30 تومدىن ئارتۇقراق تارىخى ئەسەرنى يېزىپ،ئەينى دەۋىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خانلىقلار، ئۇلۇس- مىللەتلەر، پادىشاھلار،مەشھۇر شەخىسلەر، ئالىم- ئۆلىمالار ۋە ۋەقە- ھادىسىلەرنى تەزكىرە، تەرجىمىھال،ھېكايەت شەكىلىدە بايان قىلغان. بۇ دەۋىردىكى ئىلىم- پەن تەرەقىياتىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر ئۇلۇغ ئالىم ھەم ئىلمى ئابىدە __ مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە تىل،ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، ئاستىرنومىيە، ھەربىيشۇناسلىق قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىن ئەينى دەۋىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋە خەلقىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقى سۈرەتلەپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئەسەردە زور سالماقنى ئىگىلىگەن تىل مەلۇماتلىرى بىلەن بىر قاتاردا تارىخى مەلۇماتلارمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكىس ئەتكەن ھەم ئۆز سالمىقى بىلەن مۇھىم ئۇرۇن تۇتقان.
1.«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» دىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ بايان قىلىنىش ئۇسلۇبى
  مەھمۇد كاشغەرى«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىنى ئۆزى ئېيتقاندەك ئۆزىگە خاس بىر خىل ئىلمى ئۇسۇلدا تۈزۈپ، كېيىنكىلەرگە «ئەبەدىي يادىكار» قىلىپ قالدۇرغان. ئۇ بۇ ھەقتە:«مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ۋە كىتاپنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم. بۇيازغان ئەسىرىم تەلەپكە ئۇيغۇن بولسۇن، پايدىلانغۇچىلارغا قوللانما بولغۇدەك بىرقىممەتكە ئىگە بولسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بىر مۇنچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ، يېڭى- يېڭى ئۆلچەملەرنى قويدۇم... جۈملدىن تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان شئېر ۋە قوشاقلىرىدىن، قايغۇلۇق ۋە خۇشاللىق كۈنلىرىدە ئېيتقان چوڭقۇر مەنىلىك ماقال- تەمسىللىرىدىن مىساللار كەلتۈردۈم... شۇنىڭ بىلەن بىللەيەنە بىر مۇنچە ئىبارىلەرنى كىرگۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ بۇ كىتاپ يېڭىلىقلار بېرىشتە قىيامىغا، قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى... (1) دەپ ئېيتقان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە نۇقۇل تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئېھتىياج نۇقتىسىدىن چىقىپ قەلەمگە ئالغان تارىخى مەلۇماتلارنىمۇ ئالاھىدە بىرئۇسلۇپتا بايان قىلىنغان. يەنى تەركىزە، تەرجىمال، ھېكايەت، شئېر- قوشاق، ماقال-تەمسىل شەكىلىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان. جۈملىدىن ئەسەردە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى بايان قىلىش جەريانىدا، تېكىستنىڭ مۇۋاپىق جايلىرىدا ئىسپات، پاكىت كەلتۈرۈش يۈزسىدىن مەلۇم قەبىلە- ئۇلۇس، شەخىس، ۋەقە-ھادىسە، ئىش-ھەركەتلەرگە باغلاپ مۇئەييەن تارىخى شەخس، ۋەقەلەرنىڭ بەزىلىرىنى تەرجىمىھال شەكىلىدە، بەزىلىرىنى ھېكايەت شەكىلىدە، بەزىلىرىنى شئېر- قوشاق شەكىلدە، بەزىلىرىنى ماقال- تەمسىل شەكىلىدە قەيىت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا شۇزامانلاردا تارىخقا ئىسلام پەلسەپىسى بىلەن قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئاپتۇر تارىخى مەلۇماتلارنى بايان قىلىشتا  رامكىغا چۈشۈپ قالماي، بەلكى بۇنىڭدىن چەتنىمىگەن ئاساستا تۈركى خەلقلەرگە دائىر بىر مۇنچە تارىخى ۋەقەلەرنى مۇمكىن قەدەر ئەينەن بايان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن تارىخى پاكىتلار چىن، ئىلمى،سېستىمىلىق يورۇتۇلغان. بۇ شۇ دەۋىردىكى ھەتتا كېيىنكى دەۋىرلەردىكى تارىخى ئەسەرلەردىمۇ كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئۇسلۇپتۇر.
2. «دىۋانۇ لۈغەتىت تۈرك» دىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ مەنبەسى
       مەھمۇد كاشغەرى«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى يېزىشتىن بۇرۇن تۈركىي، پارس، ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ھەرخىل ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇغان، جۈملىدىن ئەرەب تارىخى، ئىسلام تارىخى، ئىسلام پەلسەپىسىنى  ئۆگەنگەن، شۇنداقلا تۈركى خەلقلەر ياشىغان رايونلاردا ئون نەچچە يىل ئىلمىي ھەم ئەمەلىي تەكشۈرۈش قىلغانلىقتىن ئەسەردىكى مەزمۇنلارنى ، جۈملىدىن تارىخى مەلۇماتلارنى بايان قىلىشتا ھەم ئەرەب- ئىسلام  ماتېرىياللىرىنى، ھەم خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەت-ھېكايەت، شئېر- قوشاق، ماقال تەمسىللەرنى، ھەم ئۆزى تەكشۈرۈپ توپلىغان ماتېرىياللارنى مەنبە قىلغان. بولۇپمۇ ئۇ نۇرغۇن پاكىتلىق تارىخى مەلۇماتلارنى كىتاپلاردىنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي تەكشۈرۈشتىن ئالغان. ئۇ بۇ ھەقتە: «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگەمەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل،ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تلى دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئۇرۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم» دېگەن (2).بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىش مۇمكىنكى، ئەسەردىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ مەنبەسى ئىنتايىن تولۇق ھەم ئىشەنچىلىك بولغان.
3. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» دىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ چېتىلىش دائىرسى
    مەھمۇد كاشغەرى«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» دە ئەكىس ئەتتۈرگەن تارىخى مەلۇماتلارنىڭ چېتىلىش دائىرسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئىلى ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى ئامۇ دەرياسى، سىردەرياسى ۋادىلىرىغىچە بولغان پۈتۈن ماۋەرا ئۇننەھر ۋە ھازىرقى شىنجاڭ دائىرسىدىكى ئوغۇز، تۈركمەن، ياغما، چىگىل، قارلۇق، قىپچاق، باسمىل، قىرغىز، چۇمۇل، تۈركەش،ياباقۇ قاتارلىق تۈركى قەبىلىلەر، شۇنداقلا تاڭغۇت، خەنزۇ، پارىس قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇرلار بىلەن ماكىدۇنلار، قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرى بىلەن مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار، باشقا تۈركى قەبىلىلەر، تاڭغۇتلار، غەزنەۋىلەر،سامانىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشلار، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئەل پادىشاھلىرى،ھۆكۈمدارلىرى، مەشھۇر كىشىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى، قاراخانىيلار خانلىقى ۋە باشقا ئەللەرنىڭ زىمىنى، جۈملىدىن مۇھىم شەھەرلىرى، يېزىلىرى، قاتناش تۈگۈنلىرى، تاغ-سۇلىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، ئاپتۇر تۈركى خەلقلەرۋە باشقا خەلقلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركلەر ئەسلى يىگىرمە قەبىلىدۇر... ھەر بىرتۈرك قەبىلىسىنىڭ بىر مۇنچە ئۇرۇقلىرى بولۇپ... مەن بۇلاردىن ئاساسى ۋە ئانا قەبىلىلەرنى يازدىم... مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە شەرقىتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتتۈم. رۇمغا ھەممىدىن يېقىن جايلاشقان قەبىلە پەچەنەك،ئاندىن قالسا قىپچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشقىرىت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز قەبىلىلىرىدۇر. قىرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان... ئاندىن چىگىل، توخىسى ياغما،ئوغراق، چارۇق، چومۇل، ئۇيغۇر، تاڭغۇت، خىتاي قەبىلىلىرىدۇر. خىتاي- چىن دىمەكتۇر.ئاندىن تاۋغاچ، بۇ- ماچىن دېمەكتۇر. بۇ قەبىلىلەر جەنۇپ بىلەن شىمال ئوتتۇرسىداياشايدۇ... » دىگەن (3). ئۇيغۇرلار بىلەن ماكېدۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشنى كۆرسىتىپ، «ئالتۇن قان» دىگەن نام، «ئۇيغۇر» دىگەن نام ۋە «تۇتماچ» دىگەن تائام نامىنىڭ ھېكايىتىنى تىلغا ئالغان. قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرى بىلەن تاڭغۇتلار، باشقا تۈركى قەبىلىلەر، مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى كۆرسىتىپ:«چىنغا يېقىن بولغان تاڭغۇت ئېلىنىڭ قۇشۇنى غەلبە قىلالمىسۇن دەپ قاتتىق سوغۇقتا ئۇلارغاھۇجۇم قىلىندى. ئۇلارنىڭ خۇتۇن- قىزلىرى قاتتىق مەسخىرە قىلىندى. ئۇلار ئات ۋەئەرلىرىنى بىزگە سوۋغا قىلدى. غەم قايغۇغا پېتىپ بېشىنى تۈۋەن سالدى» (4)، «ياباقۇ جېڭىدە خاقانغا قارشى چىقماسلىققا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا قەسەم ئىچىلىپ، پۇتۇم تۈزۈلدى. خەلق خاقاندىن ياردەم سورىدى. باسمىل بىلەن چومۇللار بىزگە قارشى توپلىنىۋىدى، خاقان يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلدى»(5)، «ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ) ئۈستىگە كەلكۈندەك باردۇق.شەھەرلەرگە باستۇرۇپ كىردۇق. بۇتخانلىرىنى بۇزدۇق. بۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە چىچتۇق. مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى شۇنداق، كاپىرلارنىڭ يۇرتىغا بېسىپ كىرگەندە، ھاقارەتلەش ئۈچۈن بۇتلىرى بېشىغا تەرەت قىلىدۇ» (6) دىگەن مەزمۇندىكى شئېرلارنى تىلغا ئالغان. تۈركلەر زېمىنى ۋە شەھەرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «پۈتۈن ماۋرائۇ ننەھر، يەركەندىن شەرققىچە بولغان يەرلەرنى تۈرك شەھەرلىرى دېيىشىمىزنىڭ دەلىلى شۇكى، سەمەرقەند،ئۆزكەند، تۇنكەند دىگەن ... شەھەرلەرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېتى تۈركچە «شەھەر»مەنىسىدىكى «كەند» سۆزى قۇشۇلۇپ ياسالغان. تۈركلەر بۇ شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ ئۆزلىرى ئات قويغان... ھازىر پۈتۈن تۈرك ئېلىنىڭ چىگىرىسى ئابسىكۇن (كاسپى) دېڭىزى بىلەن ئايلىنىپ، روم ئېلىدىن ۋە ئۆز چەندىن چىنىغىچە سوزۇلىدۇ. ئۇزۇنلىقى بەش مىڭ پەرسەخ، ئېنى ئۈچ مىڭ پەرسەخ...» (7)، «ئۇيغۇر- بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار، ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر. بۇ شەھەرلەر سۇلمى... قوچۇ، چانبالىق، بەشبالىق ، ياڭى بالىقتۇر» دىگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا،مەزكۇر ئەسەردىكى تارىخى مەلۇماتلارنى ئەينى دەۋر ۋە كېيىنىكى دەۋردىكى نۇرغۇن ئەسەرلەردە ئەكىس ئەتكەن تارىخى مەلۇماتلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاجايىپ كەڭ دائىرلىك ھەم مول مەزمۇنلۇق دېيىشكە بولىدۇ.
4. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» دىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ تارىخىي ماتىرىياللىق قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى
     «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» دا ئەكىس ئەتكەن تارىخى مەلۇماتلارنىڭ تارىخى ماتېرىياللىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، ئاپتۇر ئەسەردە ئۆزى تەكشۈرگەن ۋە ئاڭلىغان ھەر قايسى خەلقلەر ۋە ئەللەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئەينەن قەلەمگە ئېلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال قالدۇرغان. ئۇ ئەھۋاللار ئەرەب- پارىس سەيياھلىرىنىڭ خاتىرلىرىدە ۋە خەنزۇچە تارىخنامىلەردە قەيىت قىلىنغان بەزى مەزمۇنلارغا توغرا كېلىدۇ، بەلكى بۇلارنىڭ مۈجىمەل بولغان جايلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلاردا بايان قىلىنمىغان نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلارنى تۇلۇقلايدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئەسەردىكى تارىخى مەلۇماتلارنى ئەينى دەۋىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى، خەلقلىرى، جۈملىدىن قاراخانىيلار خانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىنى تەتقىق قىلشتىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك،مۇھىم ماتېرىياللار دېيىشكە بولدۇ. بۇ ھەقتە ئاپتۇر ئۆزىمۇ: «ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس- تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ، ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ بۇكىتاپنى تۈزۈپ چىقتىم...» دىگەن (8) .ئۇنىڭدىن باشقا، «دىۋان»دىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىق ئەھمىيىتىمۇ ناھايتى زور بولۇپ، نۇرغۇن ئەھۋاللارغا چېتىلدىغان بۇ مەلۇماتلار بۇرۇن ھەل بۇلۇنغان بەزى مەسىللەر ئۈستىدە قايتا گۇمان تۇغدۇرىدۇ. تالاش- تارتىشتا قېلىۋاتقان بەزى مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، كەلگۈسىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىللەرنى ھەل قىلىشتا دەلىل-ئىسپات بولىدۇ. مەسىلەن، ئاپتۇر ئەسىرىدە تۈركى خەلقلەر بىلەن قانداشلىقى يوق دەپ قارالغان تاڭغۇتلار توغىرىسىدا: «تاڭغۇت، تۈركلەردىن بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇلار چىنغا يېقىن جايلاشقان. ئۇلار نەسلىمىز ئەرەب دىيىشىدۇ» (9) دەپ مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن تاڭغۇتلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى نامايان بولىدۇ. يەنە چاڭلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارالغان تۈبۈتلەر توغرىسىدا: «تۈبۈت، تۈرك ئەللىرىدە ياشايدىغان بىر قۇۋم... تۈبۈتلەر «سابىت»ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ ئەۋلادىدۇر. بۇ يەمەنلىك ئادەم بولۇپ، ئۇ يەردە (يەمەندە)بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن، جىنايىتىدىن قورقۇپ كېمە بىلەن چىنغا كەلگەن... كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇق- ئەدۋلادى كۆپىيىپ، تۈركلەر زىمىنىدىن مىڭ بەش يۈز پەرسەخ يەر ئالغان. بۇ يەرنىڭ شەرىق تەرىپى چىنغا، غەرىب تەرىپى كەشمىرگە، شىمال تەرپى ئۇيغۇر يۇرتىغا، جەنۇپ تەرىپى ھىندى دېڭىزىغا تۇتۇشىدۇ. ئۇلارنىڭ تىللىرىدا ئەرەبچىنىڭ تەسىرى بار، «ئانا» نى «ئاما»، «ئاتا» نى «ئابا» دەيدۇ (10) دەپ مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىنمۇ تۈبۈتلەر (زاڭزۇلار) نىڭ ئەجدادى ھەققىدە قايتائويلىنىش زۆرۈريىتى تۇغۇلدۇ. ئاپتۇر يەنە ئەسەردە «تاۋغاچ»، «چىن»ۋە «ماچىن»ئاتالمىلىرىغا ئېنىقلىما بېرىپ، «تاۋغاچ، تۈركلەرنىڭ بىر بۆلىكى، ئۇلار «تاۋغاچ»يۇرتىدا ياشىغىنى ئۈچۈن، شۇ سۆزدىن ئېلىنىپ «تات تاۋغاچ» دەپ ئاتىلىدۇ. «تات»ئۇيغۇر دىمەكتۇر. «تاۋغاچ» چىنلىق دىمەكتۇر»، «ھەر بىر بۈيۈك ۋە قەدىمى نەرسە«تاۋغاچ ئەزى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۆز خانلارغىمۇ ئۈنۋان بولۇپ كېلىدۇ. «مەملىكىتى قەدىمى ۋە چوڭ خان» دېگەن مەنىدە «تاۋغاچ خان» دېيىلىدۇ»، «تاۋغاچ، «ماچىن»ئېلىنىڭ نامى. بۇ مەملىكەت چىندىن تۆت ئايلىق يول ئۇزاقلىقتا، چىن ئەسلىدە ئۈچكە بۆلۈندۇ. بىرىنچى، يۇقۇرى چىن، بۇ يەر شەرىقتە بولۇپ، «تاۋغاچ» دەپ ئاتىلىدۇ.ئىككىنىچى، ئوتتۇرا چىن بولۇپ، «خىتاي» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچىنچى، تۆۋەن چىن بولۇپ،«ماچىن» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قەشقەردە، لېكىن ھازىر «تاۋغاچ» «ماچىن» دەپ، «خىتاي»«چىن» دەپ تۇنۇلىۋاتىدۇ» (11) دېگەن بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ ئۇزۇندىن بويان ھەل بولماي كېلىۋاتقان ھەم خاتا چۈشىنىلىپ قېلىۋاتقان «تاۋغاچ»، «چىن»، «ماچىن» ئاتالمىلىرىنىڭ تەبىرى مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.
   يۇقۇرقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇكى، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋىرىدە تارىخشۇناسلىق ئىلگىرىكى ئەنئەنە ۋە نەتىجىلەر ئاساسىدا ئەرەب ئسلام مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىدە يېڭى بىرتەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ تارىخشۇناسلىق ئالاھىدىلىكىدىن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنى ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئىلمى پوزىتسىيىلىك تارىخچى، ئېنسكىلوپىدىيىلىك ئەسەر «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى ئۇيغۇرۋە باشقا تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئۇزاق تارىخى ئۆتمۈشىنى تىل ۋاستىسى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن ئۆچمەس تارىخى ئەسەر دىيىشكە بولىدۇ.


ئىزاھات:
(1)«تۈركىي تىللار دىۋانى »1-توم 7-،8-بەتلەر.
(2) «تۈركىي تىللار دىۋانى »1-توم 2-،3-بەتلەر.
(3) «تۈركىي تىللار دىۋانى »1-توم 37-،38-بەتلەر.
(4) «تۈركىي تىللار دىۋانى »1-توم 404-بەت.
(5) «تۈركىي تىللار دىۋانى »1-توم 600-بەت.
(6) «تۈركىي تىللار دىۋانى »1-توم 448-بەت.
(7) «تۈركىي تىللار دىۋانى »3-توم 205 -،206 - بەتلەر.
(8) «تۈركىي تىللار دىۋانى »1-توم 151 -،152 -بەتلەر.
(9) «تۈركىي تىللار دىۋانى »3-توم 495-بەت.
(10) «تۈركىي تىللار دىۋانى »1-توم 460-،461-بەتلەر.
(11) «تۈركىي تىللار دىۋانى »1-توم 592-بەت.  

(بۇ ماقالە ئۇيغۇرچە  "تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى"ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

uyghuray

يوق

14

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3468
توردىكى ۋاقتى: 901
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-28 17:09:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aloglituran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-29 17:53  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مەھمۇد كاشفەرى نىڭ « تۇركىي تىللار دىۋانى » دىگەن  گىگانىت ئەسىرىدە ،  ئۆزىنى تۇرك دەپ قارايدىكەن دەپ چۇشەندىم .  كىتابىدا ئۆزىنى ئۇيغۇردەپ تونۇشتۇرغان ئىنىق بايانلار بارمۇ ؟ گۆدەكلىك بىلەن سورالغان سۇئال ئەفۇ ئىتەرسىز ،  كاللامدا پەيدا بولغان مۇشۇ ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۋالاي دىگەن ئىدىم .

1

تېما

4

دوست

4177

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1250
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-28 18:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىلىشىمچە ئ‍ۇ زامانلاردا تۈرك دەپ ئ‍ومۇملاشتۇرۇپلا ئ‍اتايدۇ

يوق

14

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3468
توردىكى ۋاقتى: 901
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-28 19:52:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aloglituran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-28 19:59  
akramjan99 يوللىغان ۋاقتى  2015-8-28 18:22
مېنىڭ بىلىشىمچە ئ‍ۇ زامانلاردا تۈرك دەپ ئ‍ومۇملاشتۇرۇ ...


ماقالىدىن  نەقىل .  ( 7 ) « ئۇيغۇر- بىر ئەلنىڭ ئىسمى . .. قۇچۇ ، چانباقلىق ، بەشبالىق ، ياڭى بالىقتۇر »   مەخمۇت كاشفەرى  .
uyghuray
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

4

دوست

4177

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1250
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-28 23:13:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
komisar يوللىغان ۋاقتى  2015-8-28 22:31
قارىخانىيلار زامانىسدا خانلىق تەۋەسىدە ئىسلامغا كىرگ ...

بۇ مۇ توغرا  ،

1

تېما

4

دوست

4177

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1250
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-28 23:13:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
komisar يوللىغان ۋاقتى  2015-8-28 22:31
قارىخانىيلار زامانىسدا خانلىق تەۋەسىدە ئىسلامغا كىرگ ...

بۇ مۇ توغرا  ،

1

تېما

4

دوست

4177

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1250
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-28 23:13:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
komisar يوللىغان ۋاقتى  2015-8-28 22:31
قارىخانىيلار زامانىسدا خانلىق تەۋەسىدە ئىسلامغا كىرگ ...

بۇ مۇ توغرا  ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )