- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3137
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
37.9%
|
| قۇمۇل ۋاڭلىرى ( 1 )
قۇمۇل ۋاڭلىرى
قۇمۇل ۋاڭلىرى قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك فېئودال ھۆكۈمرانلىرى ئىدى ، ئۇلار كاڭشىنىڭ 36 - يىلى ( 1697 - يىلى ) ئەبەيدۇللا قۇمۇلنىڭ تارخان بېگى بولۇپ بېكىتىلگەندىن تارتىپ مىنگونىڭ 19 - يىلى قۇمۇلنىڭ ئاخىرقى ۋاڭى شامەخسۇت ئۆلگەنگە قەدەر توققۇز ئەۋلاد 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ، چىڭ سۇلالىسىدىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر فېئودال ۋاڭ - گۇڭلار ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ ، شىنجاڭ جۈملىدىن قۇمۇل تارىخىدا ناھايتى زور تەسىر پەيدا قىلغان . ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتا ، قۇمۇل ۋاڭلىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ، ئاساسەن ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ داۋاملاشتۇرغان ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن قۇمۇل يەرلىك ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىل بولۇپ ، ئۈزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورگىنىنى قۇرۇش بىلەن بىللە ، ئىسلام دىنىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ ئىگىلەپ ، سىياسىي ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھاكىمىيەتنى ئۈز قولىغا مەركەزلەشتۈرىۋالغان . قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ھەممىسى فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپىغا سادىق بولۇپ ، فېئودال ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش ئۈچۈن ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن باستۇرغان ، شۇڭا ، فېئودال ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن ئالاھىدە قەدىرلىنىپ ، گۇڭ ، بېزى ، بېلىدىن خوشۇت چىڭۋاڭلىقىغىچە ئۈستۈرۈلگەن . ئۇلارنىڭ ئەمەل - ئۇنۋانلىرى << ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كەلگەن >> . مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ، يۈەن شىكەي پادىشاھلىق تۈزۈمىنى تىرىلدۈرۈشتە ئۆزىگە قانات - قۇيرۇق قىلىش ئۈچۈن ، قۇمۇل ۋاڭىغا قوش چىڭۋاڭلىق مەنسىپىنى بەرگەن . قۇمۇل ۋاڭلىرى قۇمۇلدىكى ئەمگەكچى خەلقنى تولىمۇ دەھشەتلىك ئەزگەن . دېھقان - چارۋىچىلار ئايدا بىرقانچە كۈن ئۇلارنىڭ يەرلىرىدە ھەقسىز ئىشلەشكە ، چارۋىلىرىنى ھەقسىز بېقىپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىنغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇلار ۋاڭ ئوردىسىنىڭ باشقا خىراجەتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىمۇ ئۈستىگە ئالغان . ۋاڭلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ، ئەمگەكچى خەلق جىسمانىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇپ ، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن ، ئاچ - يالىڭاچ ياشىغان . شۇڭا ، قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەر قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئېزىشىگە قارشى كۈرەشنى ئېگىلمەي - سۇنماي داۋاملاشتۇرغان . قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق ، باردى - كەلدىسى كۆپ بولغاچقا ، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىنى كۆپرەك قوبۇل قىلغان . بىرنەچچە ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭلىرى چىڭ ئوردىسىنىڭ شىنجاڭنى تىنجىتىش يولىدىكى ھەربىي يۈرۈشلىرىگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، ۋەتەن بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەلۇم تۆھپە قوشقان . بىرىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ، نەۋرىسى بولۇپ ئۈچ ئەۋلادقا ۋاڭلىق مەرتىۋىسى بېرىلمىگەن ، پەقەت ئۇنىڭ ئەۋرىسى يۈسۈپكىلا ئايماق ۋاڭلىق مەرتىۋىسى بېرىلگەن . قۇمۇلنىڭ 6 - ئەۋلاد ۋاڭى بېشىر ئۆلگەندىن كېيىنلا ، ئاندىن ئۇنىڭغا چىڭۋاڭلىق نامى بېرىلگەن . خەنزۇلار قۇمۇل ۋاڭلىرىنى << خۇيۋاڭ >> ( 回王 ) دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن .
داۋامى بار ...
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى
|
|
|