«دوستلار ئەلەم دادەي» ناملىق پىلاستىكا بازار سېلىندى
يېتىلىۋاتقان ئابلېزجان يۈسۈپ 1977-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى قومۇل شەھىرى يوقىرى ئاقيەر كەنتىدىكى مۇقامشۇناس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ،
ئابلېزجان كىچىك چاغلىرىدا ئاتىسى بىلەن بىللە مەشرەپ سورۇنلىرىغا بېرىپ شۇ چاغلاردىن باشلاپ مۇقامغا بولغان قىزىقىىش پەيدا بولۇشقا باشلىدى .ئاتىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى ، ئۆزىنىڭ قېتىرقىنىپ ئۆگۈنىشى بىلەن قومۇل مۇقاملىرىنى ئورۇنلاشنى ئۆگەندى .
ئۇ كېيىن پىشقەدەم مۇقامچىلاردىن ئەسەت مۇختار قاتارلىق پىشقەدەم مۇقامچىلارنىڭ يەرلىك ئېيتىش ئۇسۇلىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن ،پىشقەدەملەردىن كۆپ مەسلىھەت ھەم تەربىيە ئالدى.
ئابلېزجان 2008 - يىلدىن باشلاپ ئىككى يىلدىن ئارتۇق زور تەييارلىق قىلىپ قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ،قومۇل خەلق ناخشىلىرىدىن ئارىيە < دوستلار ئەلەم دادەي > ناملىق تۇنجى پىلاستىنكىسىنى نەشىردىن چىقاردى.
تۆۋەندە پىلاستىنكىدىكى " چىنمودەن " ناملىق ناخشىنى ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇق !
ياقتۇرسىڭىز ئەسلى پىلاستىنىكسىنى سېتىۋېلىڭ ، شىنجاڭدىكى بارلىق ئۈن -سىن ماگىزىنلىرىدا سېتىلىدۇ :
|