- تىزىملاتقان
- 2013-5-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2525
- نادىر
- 3
- يازما
- 50
ئۆسۈش
  17.5%
|
TIKAN ئەپەندىگە:
خاندو بولسا پىچان ناھىيىسى لەمجىن بازىرىنىڭ بىر بۆلىكى.
«بارۇك» دىگىنىمىز ياۋرۇپادىكى بىر خىل سەنئەت ئۇسلۇبى بۇلۇپ،17-ئەسىرنىڭ باشلېرىدىن 18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىغىچە ياۋرۇپادا مودا بولغان ئاساسلىق سەنئەت ئۇسلۇبى. «بارۇك» سۆزى پۇرتۇگال تىلىدىكى barroco دىگەن سۆزدىن كەلگەن بۇلۇپ، «تەرتىپسىز مەرۋايىت» دىگەن مەنىدە.
«بارۇك»ئۇسلۇبىنڭ ئاساسلىق سەككىز تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار.
1. ھەشەمەتلىك ،ھەم دىنى ئالاھىدىلىككە ۋە تىپىك ھوزورلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
2. جانلىق ۋە ئۆزگۈرۈشچانلىقنى بارۇك سەنئىتىنىڭ روھى قىلىپ ئىپادىلەش.
3. قايناق سەنئەت پۇرىقى ۋە مول بولغان تەسەۋۋۇرنى تەكىتلەيدۇ.
4. ئەسەرنىڭ يىتەرلىك بوشلۇققا ۋە سىتىرولۇق سىزىمغا ئىگە بۇلىشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ.
5. ئونۋىرساللىققا ئىگە،يەنى ھەيكەلتاراشلىق،رەسساملىق، فىلولوگىيە،تىياتىر،مۇزىكا قاتارلىق سەنئەت شەكىللېرىنىڭ مۇۋاپىق بىرىكتۈرىدۇ.
6. قۇيۇق دىنى تۈسكە ئىگە.
7. نەپىس ۋە رۇمانتىك.
8. سەنئەت جەھەتتە رىئال تۇرمۇشتىن ئىنتايىن يىراق بولغان تەسەۋۋۇرنى ئىپادىلەيدۇ.
«روكىك» ئۇسلۇبى بولسا بىر تۈرلۈك بىناكارلىق ئۇسلۇبى ،ئاساسلىقى بىنانىڭ ئىچكى زىننەتلىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.18-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا فىرانسىيەدە بارلىققا كەلگەن،«بارۇك» بىناكارلىقى ئاساسىدا تەرەققى قىلغان.
شەۋكەت كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى ھەققىدە تۈۋەندىكى ئۇلانمىنى كۆرسىڭىز بۇلىدۇ.
./thread-18310-1-1.html |
|