- تىزىملاتقان
- 2015-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 802
- نادىر
- 0
- يازما
- 49
ئۆسۈش
  60.4%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار ، مەن بىركىچىك تىپتىكى شامال ئىلىكتىر تورى قۇرماقچى ئىدىم.
بۇ جەرياندا بەزى سىناقلارنى ئېلىپ بارغان بولساممۇ يەنىلا يول سورىغان يولدىن ئازماس دىگەندەك بەزى ئىشلارنى سىلەرگە مەسلەھەت سېلىشقا توغرا كەلدى.
سۇئاللىرىم تۆۋەندىكىچە .
1- بىر كىلوۋاتلىق شامال كۈچى گېنىراتۇرى ئۆزى تەلەپ قىلغان شامال كۈچى بىلەن تەمىنلەنگەن ئاساستا تولۇق بىر كىلوۋات ئىش ئىشلىيەلەمدۇ .
2- بىر كىلوۋاتلىق شامال كۈچى گېنراتۇرى بىر كىلوۋات توك چىقىرىشى ئۈچۈن شامالنىڭ چاقپەلەكنى ئايلاندۇرغاندىكى كۈچى كۈچلۈك بولامدۇ ياكى يەرنىڭ تىرەش كۈچى يۈقىرى بولامدۇ (ئېغىرلىق كۈچى نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ )
3- چاقپەلەكنىڭ قانات سانى گېنراتۇرنىڭ ئىش ئۈنىمىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ . قايسى خىل شەكىلدىكى چاقپەلەكنىڭ ئىش ئۈنىمى يۇقىرى .
4- ئەگەر گېنراتۇرنىڭ يۈكسىز ئايلانغان ھالىتىنى ،يۈكلۈك ھالەتتىمۇ مۇقىم سەرپىياتتا ئىش ئىشلىسە ئىش ئۈنىمى ئاشتى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولامدۇ.
5- ئەگەر مەلۇم قۇرۇلما بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇقىم شامال كۈچى بىلەن تەمىنلەنسە ،مۇقىم ئىش ئىشلىيەلەمدۇ .
6- باتارىيە قىسمىغا ئاكۇمۇلياتۇر ئىشلەتكەن بىلەن لىتىيلىق باتارىيە .ئىشلەتكەننىڭ قانداق پەرقى بار .
سۇئاللىرىم ئىنكاسلاردىن كىيىن داۋاملىق داۋاملىشىدۇ .قرېئىنداشلارنىڭ چۈشەنچىللىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن |
|