قومۇلدا روزا ھېيىتلىق چېلىشىش
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم، لى خۇا فوتوسى، خەۋىرى
2015-يىلى7-ئاينىڭ19-كۈنى قومۇل 12-نۆۋەتلىك قوغۇن بايرىمى ۋە روزا ھېيىتنى قىزغىن كۈتىۋېلىش مەقسىتىدە قومۇل مۇقام مەركىزىنىڭ ئالدىدا ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى (پائالىيەت ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ ).قومۇل تەۋەلىكىدىكى قارادۆۋە بازىرى، شەھەرئىچى يېزىسى، دەۋەلدۈرۈك، ئۇلاتاي قاتالىق ئۇيغۇر،قازاق يېزا-كەنىتلىرىدىن كەلگەن شىرمەت پالۋانلار چېلىش سەھنىسىگە چۈشۈپ كەسكىن ئېلىشتى.ئون نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا قومۇلدا نۇرۇز ۋە ھېيىت مۇناسىۋىت بىلەن ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى. بىراق، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چېلىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋىي تەنھەركەت تۈرلىرىگە بولغان قىزغىنلىق يىلسېرى سۇزلىشىپ كەتكەنتى. يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ كۈچ چىقىرىش بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان بۇ تەنھەركەت تۈرىنىڭ يەنە بىر يېڭى باھارى باشلاندى.

---

---

---

---

---

---

---

---

قومۇل ئالتۇنلۇق ھېيىتگاھ

مۇھەممەت بىشىر چىنۋاڭ، شاھ مەخسوت ۋاڭ مەقبەرىلىرى
2015-7-20
|