كەلگۈسى ئۈمىدنى باغرىغا باسقان بولۇپ بىزنى قىزىقتۇرىدۇ،ئىنتىلدۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەندىشىنىمۇ يېتىلەپ ماڭغان بولۇپ بىزنى ساراسىمگەسالىدۇ،تەھدىتكە يۈزلەندۈرىدۇ.كەلگۈسىنى بىلىش ئىنساننىڭ (پەيغەمبەردىن باشقا) قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس.ئۇ پەقەت ياراتقۇچىغا تەئەللۇقتۇر.لېكىن،ئىنسانلار نۆۋەتتىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەقلىي ۋە تەپەككۇرى يەتكەن چامىدا كەلگۈسىنى خىيال ۋە قىياس قىلىپ باقىدۇ.مەن يۇرتىمىز ۋە مىللىتىمىزدىكى كەلگۈسى ئون يىل ۋە 20يىلدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى قىياس قىلىپ باقتىم.بۇ توغرىسىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.تۆۋەندىكىلەر پەقەت مېنىڭ قىياسىم.ئاشۇرۋېتىلگەن،مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن جايلار بولسا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىپ ئىلمىي پىكىر قىلىشىنى ،سىلەرنىڭمۇ قىياسىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
كەلگۈسى ئون يىلدا يۇرتىمىزدا
1. سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىرلىشى مۇمكىن.
2. نوپۇس سانى ئېشىشى مۇمكىن.
3. موھىت بۇلغىنىشى ئېغىرلىشى مۇمكىن.
4. تېرىلغۇ يەر ئازلاپ كېتىشى مۇمكىن.
5.ئىقتىساد تىز تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.
6. بىر قانچە شەھەرلەردە مېتروئومۇملىشىشى مۇمكىن.
7.مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈشتە يېڭى ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.
8.ئۈرۈمچى جىنايەت كۆپ يۈز بېرىدىغان شەھەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
9.تارىخقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.
10.چەتكە چىقىش دەسلەپكى قەدەمدە ئاسانلىشىشى مۇمكىن.ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە پەقەت كىملىككە تايىنىپلا چىقىپ كىرگىلى بولۇشى مۇمكىن.)
كەلگۈسى ئون يىلدا مىللىتىمىزدا
1.كۆلەم ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن زور كارخانىلارغا ئىگە چوڭ كارخانىچىلار بارلىققا كۆپىيىشى مۇمكىن.
2.پەن-تەتقىقاتچىلار كۆپىيىشى مۇمكىن.
3.تۇرمۇش سەۋىيىمىز كۆرۈنەرلىك ئېشىشى مۇمكىن.
4.كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى تىز تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.
5.ئەيدىز-چېكىملىك تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشى مۇمكىن.
6.نىكاھتىن ئاجرىشىش نېسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلىشى مۇمكىن.
7.باي-نامراتلىق پەرقى چوڭىيىپ كېتىشى،زور بىر تۈركۈم ساۋاتسىزلار ياشلار توپى شەكىللىنىپ ئىشسىزلار توپىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى ئېگەللىشى مۇمكىن.
8.ئىدىيە،قىممەت قاراش جەھەتتە ئىلىم-مەرىپەتچىلەر،مەئىشەتچىلەر،تەرىقەتچىلەردىن ئىبارەت ئۈچ توپ شەكىللىنىش مۇمكىن.
9.ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىدىغان،ئولتۇراقلىشىپ قالىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىشسىز ياشلار كۆپىيىشى مۇمكىن.
10.باشىا مىللەتلەر بىلەن توي قىلىش ئەھۋالى كۆپىيىشى مۇمكىن.
كەلگۈسى 20 يىلدا يۇرتىمىزدا
1.قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ئېغىرلاپ كېتىشى مۇمكىن.
2.ھاۋا سۈپىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىلىشى مۇمكىن.
3.ئىقتىساد ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.(دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ھازىرقى سەۋىيىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.)
4.ماشىنلىشىش ئائىلىلەرگە كىرىشكە باشلىشى مۇمكىن.(ھوللىۋودنىڭ فانتازىيىلىك كىنولىرىغا ئوخشاش ئەقلى ئىقتىدارلىق ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ماشىنا ئادەملەر دەسلەپكى قەدەمدە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.)
5.دېھقانلار يەردىن ئايرىلىپ قېلىشى،دېھقانچىلىق مەيدانلىرى شەكىللىنىشى،كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئايروپىلانلىرى بولۇشى مۇمكىن.
6.چەت ئەلگە چىقىش ئاسانلاپ كېتىشى مۇمكىن.(ھازىرقىدەك بىرمۇنچەشەرتلەرنىڭ چەكلىمىسگە ئۇچرايدىغان،ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىدىغان ئىشلار تۈگەپ خالىغان ۋاقىتتا خالىغان دۆلەتكە بارغىلى بولىشى مۇمكىن)
7.ئۈرۈمچى،قاراماي،غۇلجا،كورلا،قەشقەرلەرتىز تەرەققىي قىلىپ چوڭ شەھەرلەرگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
8.دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يۇرتىمىزغا كېلىپ ئىشلەيدىغانلار، خىزمەت قىلىدىغانلار كۆپىيىشى مۇمكىن.
9.قېزىلما بايلىقلار ئاساسەن تۈگىشى مۇمكىن.(تەكلىماكاننىڭ سىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئېچىلىشى مۇمكىن.)
10.تارىم،ئىلى دەريالىرى زور دەرىجىدە كىچىكلەپ كېتىشى مۇمكىن.ھەتتا،ئىلى دەرياسى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن.
كەلگۈسى 20 يىلدا مىللىتىمىزدا
1.خەلىئارادا بەلگىلىك تەسىر ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە كارخانىچىلار شەكىللىنىشى مۇمكىن.
2.خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىرگە ۋە نوپۇزغا ئىگە تەتقىقاتچىلار شەكىللىنىشى مۇمكىن.
3.ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خىزمەت قىلىدىغان ۋە ئولتۇراقلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئومۇملىشىپ،خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئورنى چەت ئەلگە يۈزلىنىشى ۋە كۆپىيىشى مۇمكىن.
4.ئۈچ خىل قىممەت قاراش توپىنىڭ ئىچىدە تەرىقەتچىلەر توپى يوقاپ،بىپەرۋالار توپى شەكىللىنىشى مۇمكىن.بۇلار ئىلىم-مەرىپەتچىلەردەك تىرىشمايدۇ،ئىلىم-پەنگە قىزىقمايدۇ.مەئىشەتچىلەردەك شەھۋانىيلىققا،ئويۇن-تاماشاغا،كەيىپ-ساپاغا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئۆزىنى ئاتمايدۇ.پەقەت قورسىقى تويسىلا باشقا نەرسە بىلەن كارى يوق،قوغلىشىدىغان قىممەت قارىشى يوق.
5.جىنسىي ئەركىنلىك قارىشى ئومۇملىشىشى مۇمكىن.
6.<<قىزىل چىراغ>> رايونى شەكىللىنىش مۇمكىن.
7.نىكاھ قارىشى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىلىشى مۇمكىن.
8.باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلىش(چەت ئەللىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئومۇملىشىپ نورمال ھادىسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
9.سانسىز ساۋاتسىز ياشلار ۋە ئىقتىدارسىز كىشىلەر ئىشسىز قېلىپ،جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدىغان جىنايەتچىلەرگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
10.خەلقئارا قارا گۇرۇھ شەكىللىنىشى مۇمكىن.
|