بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-17 22:15
ئاقتاش
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
قومۇل-ئاقتاش. شەرقى تەڭرىتاغ تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىسى قارلىقتاغنىڭ شىمالى تەرپىگە جايلاشقان، قوۋۇقئېغزىدىن 2 كىلومېتىريىراقلىقتا بولۇپ، قومۇل بىلەن بولغان ئارلىقى 70 كىلومېتىر. ياپيېشىل يايلاق، قويۇق قارغايلىق ئىچىدە چۆكۈۋالغان ئاق تۆگىدەك چوڭلۇقتا ئاق رەڭلىك تاش بار.
قېنى ئەمىسە قومۇل ئۇيغۇرغول فوتو-سۈرەت گۇرۇپپىسىدىكى مۇجىبۇل راخمان ئەركىمنىڭ ئاپپاراتىدىكى گۈزەل ئاقتاش يايلىقىنىڭ مەنزىرىلىرى ھوزۇرىڭىزدا بولسۇن.
ئاقتاش
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
پاك سۆيگىدىن كېچەلمىگەن ئاق بۇلۇت، قونىۋالغان يېشىل يايلاق ئۈستىگە. كۈتكەن كەبى نىگارىنى تا ئەبەت، ئەسىرلەردىن ساقلار كىمنى جىممىدە.
ئۇ تاغلاردىن ئۆگەندى ئېھ، سۈكۈتنى، ئۇ كارۋاندىن چۈشۈپ قالغان ئاق تۆگە. ئۇ يايلاقنى قاماللىغان ئاق شۇڭقار، كۆك دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن ئاق كېمە.
ئايلىنىپتۇ ئۇ ئاق تاشقا ئاخىرى، كەڭ دالادا بىر يىگانە ئاق قەبرە. ئۇ پايانسىز چىن سۆيگۈنىڭ شاھىدى، بولۇپ قاپتۇ ئاشىقلارغا بىر بەلگە.
2015/7/15 قومۇل

--- 
--- 
--- 
--- 
---

---

---

---
|