بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-15 11:16
قەدىم ئۆي
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
سەن تارىخقا ئايلانغاندا توساتتىن، قۇرۇۋالغۇم كەلدى سېنى يۈرەككە. سوقۇۋالاي دېدىم جانغا سوقماتام، ئايلانسام يا ئۆيناقىڭدا تېرەككە.
تۈرنىكىڭدىن كېرەي بولۇپ قارلىغاچ، قوناق بولاي ئۇشبۇ تەنھا ئۇۋامدا. كىرەي تۈندە نۇر تامچىتىپ ئاي سىياق، بۆشۈكۈڭگە بۆلەپ ئەللەي ئېيت موما.
چۈش سەيلىسى قىلدىم بۈگۈن ھويلاڭدا، مۇڭداشماقتا بۇندا قەدىم بىر جەمەت. كۆچسىمۇ ئۆي ياقىلارغا، يىراققا، كۆچمەس ئىكەن يۇرت سۆيگۈسى تا ئەبەت.
2015.7.14 
تەڭرىتاغ يېزا قاراقاپچىن كونا مەھەللە
كىچىك ۋاقىتلىرىڭىزدا سىز ئويناپ چوڭ بولغان مەھەللىلەر ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئېسىڭىزدە بار. چۈنكى ئۇ سىزنىڭ گۆدەك، سەبىي، پاك ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋەتىنىدۇر. جاھاندا بالىلىقىنى ئەسلىمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. بىراق،بىز ئۇشبۇ سەبىي، ئوماق پەسىللىرىمىزنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمىزدە، ئەتىراپىمىزدىكى نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزنىڭ ئاللىمۇقاچان يوقالغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئەنە پەرىشتە سىياق مومىمىڭىزنىڭ مېھىرلىك سىماسى، ئەنە قاراڭ تاغ سۈپەت بوۋىڭىزنىڭ يىللار ئىزناسى چۈشكەن، ئاپتاپ يېگەن چىرايى ۋە ئاشۇ بالىلىقىڭىزدىكى نۇرغۇن تونۇش سىياقلارنى ئەمدى مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز. بۇ سۆيگۈ چەشمىلىرىدە كەشتىلەنگەن ئىللىق سىمالار پەقەتلا سىزنىڭ ئەسلىمىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلىنىپ قېلىشقا مەجبور.

قومۇل تەڭرىتاغ يېزىسى نېرناسى كەنتى

قومۇل تەڭرىتاغ يېزىسى قاراقاپچىن كونا كەنتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۆيلۈك كىشى ئىساق بوۋا

قومۇل تەڭرىتاغ يېزىسى نېرناسى كەنتى

قومۇل تەڭرىتاغ يېزىسى شۈيتى كەنتى

قاراقاپچىن كونا مەھەللە

قومۇل ئاقتاش يېزىسى
|