- تىزىملاتقان
- 2015-10-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1237
- نادىر
- 0
- يازما
- 41
ئۆسۈش
  23.7%
|
بۇ رومان تۈركىيە دېھقانلىرى بىلەن تۈركىيە پومشچىكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى ئۆز ئەينى ئىپادە قىلغان ئېسىل رومان.
مەن 7-8 ياش چاغلىرىمدا، شەھىرىمىزنىڭ ئاۋات رەستىسىدە بىر كىچىك شەخسىي كىتاب بوتكىسى بولۇپ، ھەر يەكشەنبە چوڭلارغا ئەگىشىپ شەھەرگە كىرگەن چاغدا دائىم بۇ بوتكا ئالدىدىن ئۆتسەم «مەمەت ئاۋاق» رومانىغا تەلمۈرۈپ قارايتتىم. دادامغا قانچە قېتىم ئېلىپ بېرىڭ دېگۈم كېلەتتىيۇ، ئەمما دادامنىڭ ئىسمىمۇ مەمەت (مۇھەممەد) بولغاچقا، دادامنى مەسخىرە قىلغاندەك بىلىنىدىغان ئاۋۇ «ئاۋاق» دېگەن سۆزدىن ھېيىقىپ، دادامغا دېيەلمەي خېلى يىللارغىچە بۇ روماننى سېتىۋېلالمىغان ئىدىم. كېيىن بۇ روماننى ئۆزۈم سېتىۋېلىپ ئوقۇپ، شۈنچىلىك ھاياجانلانغان ئىدىم. ھازىرمۇ پات-پات ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن «تورۇس تاغلىرى» (مەمەت ئاۋاق» رومانىدىن پارچە)نى ھەر قېتىم ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئۆتكىنىمدە، قەلبىمدە ئىختىيارسىز بىر خىل ھاياجان پەيدا بولىدۇ. ياشار كامال ئەپەندىنىڭ تەسۋىر ماھارىتىگە، تۇرسۇنئاي ساقىم خانىمنىڭ تەرجىمە ماھارىتىگە شۈنچىلىك مەستلىكىم كېلىدۇ...
ئالدىنقى بىر يىلى ياشار كامال ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولغان ئىدى. ئاڭلىسام تۈركىيەدە ياشار كامالنىڭ ئوغلىنىڭ مەخسۇس كىتاب سېتىش دۇكىنى بار دەيدۇ. كىتابخانىسىدا ياشار كامال ئەپەندىمنىڭ كىتابلىرىنىڭ ھەر قايسى تىللاردا نەشر قىلىنغان نۇسخىسىنى ساتىدىكەن.
مەرھۇم تۇرسۇنئاي ساقىم خانىمنىڭ پىشقان تەرجىمە تىلى قەدەمدە بىر كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ... بۇ رومان تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم بىلەن ياشار كامال ئەپەندىنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ رومان توغرىلىق قىزغىن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆھبەتلەشكەن ۋاقتىدىكى سۈرىتىمۇ قايسى بىر ئۇيغۇرچە ژۇرنالغا چىققان ئىدى.
مەن مۇشۇ روماندىكى ئابدى ئاغا ماڭا خۇددى پاكىستان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مىراسخور»دىكى ئەسىمەتخاننىڭ ئۆزىدەكلا تۇيۇلىدۇ. |
|