بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-14 12:26
فوتوسۈرەت ۋە شئېر
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
ئاقچۇقتۇر
رەھىمسىز يىللارنى قېرىتقان مەغرور، بىر يۈتمەس تارىختۇر ئاقچۇق دېگەن تۇر. تەڭرىتاغ باغرىدا تىكلەنگەن مەڭگۈ، يېزىقسىز مەڭگۈتاش، ئەجدات ئىزىدۇر.
2015/7/13 قومۇل
ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ « ئىز »، « ئۇيغانغان زىمىن » قاتارلىق رومانلىرىنى ئوقۇغانلارغا بۇ ئاقچۇقتۇر ھەرگىزمۇ ناتونۇش ئەمەس. چۈنكى 1912-يىلى ۋە 1931-يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق ئىنقىلابتا ياۋۇز جاللات جىن شۇرىن، شىڭ شىسەي قوشۇنىغا ئەڭ ئەجەللىك زەربە بەرگەن ئىككى قېتىملىق غەلبىلىك ئۇرۇش دەل ئۇشبۇ ماكاندا يۈز بەرگەن ئىدى.
تەڭرىتاغ
تاغ دېسەڭ تاغۇ-تاش باشىنى ئىگەر، تاغ دېسەڭ باغ-ئورمان تەۋرىنىپ كېتەر، كىم ئەگەر تاغلارنىڭ شاھى كىم دېسە، جاۋابىم شۇ بۈيۈك تەڭرىتاغ يېتەر. ئۇ بولغاچ داۋامدۇر شانلىق مەدەنيەت، ئۇ بولغاچ ئۈزۈلمەي كەلدى سەلتەنەت. ئۇ ئۇيغۇر پەخرى ھەم ئىپتىخارى ھەم، ئۇ پۈتمەس بىر داستان تەڭرىتاغ ئەبەت. تەرىپلەپ كېتىشكە تىللىرىم ئىزگۈ، يەتمەس ئاھ،ھاياتىم يەتسىمۇ سۆيگۈ. نەسەۋەپ كۈن پاتار، كۈن چىقار سەندىن، قۇياشىم ئوردىسى تەڭرىتاغ مەڭگۈ!...
2012-يىلى10-ئاينىڭ12-كۈنى قومۇل
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم شئېرى، فوتو-سۈرەتلىرى |