- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4618
- نادىر
- 0
- يازما
- 395
ئۆسۈش
  87.27%
|
irpan0998
بەلكىم قۇرۇق گەپ بولماسلىقى مۇمكىن ، چۈنكى ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى چوڭ ئۇرۇشلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۈچ پادىشاھلىقتىن ئىلگىرىكى ، يەنى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىدۇ ، مەسىلەن گۈەندۇ ئۇرۇشى ، چىبى ئۇرۇشى دېگەندەك . يەنە بىرسى ئۇنداق قالايمىقان مەزگىلدە نوپۇسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئەسكەر بولۇشتەك ئەھۋاللارمۇ ئۇچىرىمايدۇ ئەمەس ، مەسىلەن يېغلىق دەۋرىدىكى چاڭپىڭ ئۇرۇشى ۋاقتىدا جاۋ بەگلىكىنىڭ نوپۇس سانىمۇ ئۇنچە جىق ئەمەستى ، چاڭپىڭ ئۇرۇشىدا چىن بەگلىكى جاۋ بەگلىكىنىڭ 4 يۈزمىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تىرىك كۆمۈۋەتكەن ، جاۋ بەگلىكى شۇنداقتىمۇ يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان . ئۈچ پادىشاھلىق تىركىشىش ھالىتى شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە جۇڭگو نوپۇسى ئۇنچىلىك ئازمۇ ئەمەس . يەنە بىرسى بۇ جەرياندا باشتىن ئاخىر دېگۈدەك ۋېي بەگلىكىنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى ۋۇ ، شۇ ئىككىسىنىڭ يىغىندىسىدىن چوڭ ، ۋېينىڭ ئۇنچىلىك قوشۇن چىقىرالىشى تەبئىي . ئەڭ مۇھىم بىر تەرىپى شۇكى ، ئەگەر سىز بۇ گەپنى تېلۋىزوردىكى پېرسوناژلارنىڭ دىئالوگىدىن ئاڭلىغان بولسىڭىز چوقۇم يالغان يېرى مەۋجۇت ، چۈنكى قەدىمكى زامان ئۇرۇشلىرىدا قاتناشقۇچى تەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ قوشۇن سانىنى ھەرگىز توغرا دېمەيدۇ ، كامىدا بەش ھەسسىسىنى ، ئېشىپ كەتكەنلىرى ھەتتا يۈز ھەسسىسىنى دېگەن ئەھۋال مەۋجۇت . ئەلۋەتتە يۇقارقىلىرى مېنىڭ پەرىزىم . |
|