ھىلارى بىر مەيدان نۇتۇق سۆزلىسە 1 مىليون 500 يۈەن پۇل ئالىدىكەن
مەنبە : chinanews.com
جۇڭگو ئاخبارات تورى 1-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ھەر جايلارغا قاتراپ، نۇتۇق سۆزلەپ پۇل تېپىشقا باشلىغان، ئۇنداقتا ھىلارىنىڭ بىر مەيدان نۇتۇقى زادى قانچە پۇل؟ ئامېرىكا مىسۇرى شتاتى ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھىلارى بىر مەيدان نۇتۇق سۆزلىسە 270 مىڭ 500 دوللار (تەخمىنەن 1 مىليون 500 يۈەن خەلق پۇلى) پۇل ئالىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مىسۇرى شتاتى ئۇنۋىرىستىتى 2014-يىلى ھىلارىنى بۇ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قېتىملىق پائالىيەتكە نۇتۇق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلماقچى بولغان، لېكىن ھىلارىنىڭ بىر مەيدان نۇتۇقىنىڭ «ئاسمانغا تاقاشقۇدەك» باھاسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چۆچۈپ كەتكەن. ھىلارىنىڭ نۇتۇقى بەكلا قىممەت بولغانلىقتىن بۇ مەكتەپ ئامالسىز ئۇنى تەكلىپ قىلىشتىن ۋاز كەچكەن، ھەمدە 65 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 390 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) چىقىرىپ ئۇنىڭ قىزى چىرسى كىلىنتوننى نۇتۇق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان.
بۇنىڭ ئالدىدا ھىلارى سايلام گۇروھىنىڭ دېيىشىچە، 2014-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىغىچە ھىلارى ۋە ئۇنىڭ ئېرى كىلىنتون بىلەن بىرگە جەمئىي 100 مەيدان ھەقلىق نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان، ۋە بۇ ئارقىلىق تاپقان پۇللىرى 25 مىليون دوللاردىن (تەخمىنەن 150 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) ئېشىپ كەتكەن. ھىلارى بولسا بۇ پۇللارنى خەير ساخاۋەت فوندىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
رەسىمدە ھىلارىنىڭ قىزى نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ. |