- تىزىملاتقان
- 2014-3-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4106
- نادىر
- 0
- يازما
- 161
ئۆسۈش
  70.2%
|
kiqik-sabiri يوللىغان ۋاقتى 2015-7-2 02:15 
بىز دېھقانلارنى بىر دەم بولسىمۇ شادلانسا دەيمىز ،
غە ...
مەنمۇ دېھقانلارنى قايغۇرسا دېمەيمەن. گېپىمنىڭ بۇنچىلىك خاتا چۈشەنچە بېرشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.
دېھقانلار پىروگراممېىغا قاتنىشىپ شادلىنامدۇ ياكى شادلانغان دېھقانلار پروگراممېىغا قاتنىشامدۇ؟؟؟
شەخسەن كەنتىمىزدىكى يىل بويى ھاشارگە بېرىپ ،بۇغداي تېرىسا گۇڭشىغا بەلگىلەنگەن نۇرمىدا ئاشلىق تۆلەپ (مەجبۇرى سېتىشىمۇ كېرەك) ، سۇ ھەققى تۆلەپ ،يەنە ئاتالمىش بەلگىلمىگە بويسۇنۇپ ،قېرى ياش ،ساق -كېسەل دېمەي پوستا تۇرۇپ، ئۇسسۇل ئويناپ ،،،ئشقىلىپ ھۆكىمەت (يەرلىك ،چوڭ -كىچىىك ھۆكىمەت) نىمە دېسە بەجا كەلتۈرۋاتقان دېھقانلارنىڭ غەم قايغۇسىغا كەلگەندە ئۆزىگە باغلىق بوپ قالامدۇ.؟؟؟
پىروگراممېنىڭ دائىرسىنى سەل كېڭەيتىپ ،دېھقانلار ئاۋازى دېگەندەك ناملاردا ئاتاپ ،مەيلى شادلىقى ياكى قايغۇسى بولسۇن ،چىن ،ھەقىقىي ئاڭلىتىلسا، بىزمۇ ھەم
دېھقانلارنىڭ شادىلىقغا شادلانساق ،قايغۇسىغا ھەم بىرگە قايغۇرساق دېگەنلەرنى ئويلىدىم .بۇ پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئويى.
|
|