- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 75426
- نادىر
- 7
- يازما
- 3344
ئۆسۈش
  0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-25 18:54
1.قومۇل شەھەرىنىڭ جەنوبى قىرغىقىدىكى شەھەرئايلانما يولىغا جايلاشقان قومۇل موزىيى ، مۇقام سارىيى ، يولنىڭ ئۇ ياقىدىكى قومۇل ئالتۇنلۇق ۋەھېيىتگاھ قۇرلىشى ۋە يېڭىدىن سېلىنغان قومۇل ۋاڭ ئوردىسى دىگەندەك قۇرۇلۇشلار قومۇلنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك قۇرلۇشلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى .
2.ئەپسۇس قومۇل موزىينىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر يولى شۇنداق بىر خىل ئەبگاھ ۋەيرانە ھالەتتە ئىگىز پەس ئوڭغۇل دوڭغۇل بۇلۇپ بۇ يولدىن ئۆتۇپ كەچكەن پىيادە ئېكىسكورسىيەچىلەرگە ، كەچلىك سەيلىچىلەرگە ، ئەڭ مۇھىمى ۋېلىسپىتلىك مەكتەپكە ماڭغان ئوقۇغۇچى باللىرىمىزغا تولىمۇ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە .
3. ئەمدى قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ ئىشى كۆپ بۇنداق يوللارنى تەكشۇرۇپ بىلىپ تۇزلەپ يېڭىلىغۇچە بىرمۇنچە ۋاقىت ئۆتۇپ كىتىشى مۇمكىن .شۇڭا قومۇلنى سۆيىدىغان بىر قومۇللۇق بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن بۇ قومۇل موزىينىڭ ئالدىدىكى ئوڭغۇل دوڭغۇل يولنى تۇزلەش توغۇرلۇق تورغا ۋە ۋالى خەت ساندۇقىغا بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
4. ئەمدى يەنە مەسئولىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتساق بۇ ئەسلىدە ئۆھۆ ئەسلىدە موزىينىڭ ئىشكاينىسى بولغاندىن كىيىن موزىيدىكى ئەرباپلار ۋاقتىدا ھۆكۆمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىپ ئۆز تەۋەسىدىكى مەسەللەرنى تۇزىتەلىسە ئۆزى تۇزۇتۇپ بولمسىا قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتكە ئىنكاس قىلىشى زۆرۇر ئىدى . مانا بۇنى مەسئولىيەت دەيمىزدە .
5. قومۇل شەھرىمىزنى تېخىمۇ ئەلگە قولايلىق قومۇل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇچۇن ئىلتىماسىم ھەر بىرلىرىمىز ئۆز ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتىمىزغا بىرەر قۇر قاراپ چىقساق ، مانا بىزنىڭ كۇچىمىز يەتمەيدىغان خۇنۇك مەنزىرىلەرنى ئوڭشاشقا شەھەرلىك ھۆكۆمەت ھەر ۋاقىت تەييار دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە . مۇھىمى ئاشۇ ئىدارە ئورگانلار ئۆز ھويلىىسى ئەتراپىدىكى ئاممىغا قۇلايسىز شارائىتلار ھەقىدە كۆپرەك ئويلۇشۇپ كۆرسە بولاتتى . |
|