خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن سۆز قوبۇل قىلىش
ھەققىدە تەكلىپ مۇھەممەت يۈسۈپ
خەلقئارا ئورتاق سۆزلەر دېگىنىمىز خەلقئارا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئاساسلىق تىللار ( ئىنگلىزچە ، رۇسچە ، فرانسۇزچە ، ئىسپانچە ، ئەرەبچە ) دا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان ئاھاڭداش ، شەكىلداش ، مەنىداش سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ . مېنىڭچە ، ئېلىمىزنىڭ تۆتتە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن زامانىۋى تىل –يېزىقنىڭ بولۇشى – كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى . زامانىۋى تىل – يېزىق بولۇش ئۈچۈن ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش بىلەن بىللە ، لاتىن ھەرپى تىرانسكرىپىسىيىسى بويىچە قوبۇل قىلىنغان چەت تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر ـ خەلقئارالىق ئورتاق سۆزلەرنىمۇ مۇۋاپىق قوللىنىش كېرەك . شۇڭا خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن زۆرۈر ۋە مۇۋاپىق بولغانلىرىنى تىلىمىزغا قوبۇل قىلىپ قېلىپلاشتۇرۇشنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ . بولۇپمۇ پەن – تېخنىكا ئاتالغۇلىرىدىن زۆرۈرلىرىنى قوبۇل قىلىش كېرەك . بۇ تىل تەرەققىياتىمىزغا پايدىلىق ئامىل . ئەلۋەتتە تىلىمىزغا خەلقئارا ئورتاق سۆزلەر تەركىبىدىن بىرەر ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش بىلەنلا تىلنى زامانىۋىلاشتۇرغىلى بولىدۇ دەپ قاراش خاتا . خەلقئارا ئورتاق سۆزلەر تەركىبىدىن ئەمەس ، مەلۇم بىرلا چەت تىلدىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش بىلەن خەلقئارا ئورتاق سۆزلەرنى كۆپەيتىش كېرەك ، دەپ قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ . چۈنكى رۇسچە ياكى ئىنگلىزچىغا ئوخشاش مەلۇم بىرلا چەت تىل ئاتالغۇلىرى خەلقئارا ئورتاق سۆزلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . بۇ چەت ئەل تىللىرى ( خەلقئارا ئاتالغۇلار ) دىن ئەمەس ، بەلكى خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن زۆرۈر ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش كېرەك دېگەنلىك .
تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلاردىن زۆرۈر ۋە مۇۋاپىق بولغانلىرىنى خەلقئارا ئورتاق سۆزلەر بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ قېلىپلاشتۇرۇش لازىممۇ – يوق ؟ تىلىمىزغا چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىش زۆرۈر بولغان ئاتالغۇلارنى تۇغقان تىللاردىن ، خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلغاندىن باشقا ، خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن قوبۇل قىلىش لازىم ، دەپ قاراش توغرىمۇ – خاتا ؟ ئۆز تىلىمىزدا يارىتىشقا بولمىغان ۋە قېرىنداش تىللاردىمۇ بولمىغان ھەم خەلقئارا ئورتاق سۆزلەر تەركىبىدە كىرمىگەن ئايرىم ئاتالغۇلارنى ئىنگلىزچىدىن قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ ياكى رۇسچىدىنمۇ ؟ خەنزۇچىدىنمۇ ؟ ياكى خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن قوبۇل قىلىش زۆرۈر بولغان ئاتالغۇلاردىن خەنزۇتىلى لۇغەت فوندىغا كىرمىگەنلىرىنى خەنزۇچە بويىچە ئېلىش لازىممۇ ياكى خەلقئارا ئورتاق سۆز بويىچە ئېلىش كېرەكمۇ ؟ خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىشنىڭ كونكرېت ئۆلچەم – پرىنسىپلىرى قانداق بولۇشى كېرەك ؟
مانا مۇشۇنداق بىر قاتار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . مېنىڭچە ، تىلىمىزغا زۆرۈر بولغان خەلقئارا ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش كېرەك . چۈنكى خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن سۆز قوبۇل قىلىش زۆرۈرىيىتى ــ خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەننىۋا تىللارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئورتاق يۈزلىنىش ، خەلقئارادىكى سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، پەن – تېخنىكا ، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە زامانىۋى ئىنفورماتسىيىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ، تىل جەھەتتىمۇ چەت تىللاردىن ( خەلقئارا ئورتاق سۆزلەردىن ) سۆز قوبۇل قىلىش بارغانچە كۆپەيمەكتە . بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى تىللاردا خەلقئارا ئورتاق سۆزلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى مۇقەررەر يۈزلىنىش ، بۇنداق قىلغاندا مەيلى خەنزۇچىدىن ۋاستىلىق تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بولسۇن ياكى خەلقئارادا ئاساسلىق قوللىنىلىدىغان چەت تىللاردىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بولسۇن، دۇنيادىكى تۈرلۈك پەنلەر بويىچە ئىلغار بىلىملەرنى ئىگىلىشىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ . شۇڭا خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىۋاتقان ئاتالغۇلارنى، جۈملىدىن يەر ناملىرى ،ئادەم ئىسىملىرى ، خاس ئاتالغۇلارنى ئەسلىسى ( ئەدەبىي تىلىمىزدا تەلەپپۇز قىلىنىپ يېزىلىشى ) بويىچە تىلىمىزغا قوبۇل قىلىپ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك ، دەپ قارايمەن . خەلقئارا ئورتاق سۆزلەرنى پرىنسىپسىز ، ئۆلچەمسىز ھالدا تىلىمىزغا قارىسىغا قوبۇل قىلىپ ، تىلنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك . ئەلۋەتتە ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئۆتكەندە يۈز بەرگەن ھەرخىل ئېغىشلارنى ھەرگىز قايتا سادىر قىلماسلىقىمىز كېرەك . بۇ خىزمەتنى كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پىلان – تەدبىرى بولغان ھالدا ئىلمىي ئىزغا سېلىش لازىم .
分裂主义 نى بۆلگۈنچىلىك دېمەي ، بۆلۈنمىچىلىك دەپ
تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا مۇھاكىمە
分裂主义者,分裂主义,分裂 دېگەن سۆز ، ئىبارىلەر تىلىمىزدا ئۇزاق يىللارىدن بۇيان پارچىلاش ، بۆلگۈنچىلىك ، بۆلگۈنچى دەپ تەرجىمە قىلىنىپ ئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ . ش. ئۇ . ئا . ر ئاتالغۇلار كومىتىتىنىڭ 92-يىلى 4- ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلاردىمۇ 民族分裂主义 نى مىللەت بۆلگۈنچىلىكى دەپ بىكىتىلگەنىدى . مەن بۇ ئۈچ سۆزنى بۇنداق تەرجىمە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ھېساپلاپ ، بۆلۈنمىچىلىك ، ئايرىلىش مەسلىكى ( يولى ) ، بۆلۈنۈش – ئايرىلىش تەرەپدارى ، بۆلۈنگۈچى – ئايرىلغۇچى دەپ تەرجىمە قىلىنىش كېرەك دېگەن قاراشتا بولۇپ كەلمەكتىمەن .
ئاۋۋال يوقىرقى تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆزلەرنىڭ ئېتمولوگىيىسى ۋە سېماسئولوگىيىسى ئۈستىدە توختىلايلى .
分裂 تۈپ سۆز ۋە بۇ تۈپ سۆزدىن ياسالغان ، 分裂主义者 分裂主义دېگەن ياسالما سۆزلەر خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە تېكىستىلاردا كۆپرەك سۈپەت ۋە ئىسىم بولۇپ ئۇچرايدۇ ، ئالاقىدار لۇغەتلەردە ئۇيغۇرچىغا بىردەك ھالدا بۆلۈش ، بۆلۈۋېتىش ، پارچىلاش ، ئايرىش ، ئايرىلىش ، ئاجىرتىۋېلىش قاتارلىق سۆزلەر بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ( بۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل مەنىلىرى بۇ ماقالە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا بىر – بىرلەپ كۆرسەتمىدىم ) 分裂主义者, 分裂主义 دېگەن ئاتالغۇلارمۇ بۆلگۈنچىلىك ، بۆلگۈنچى دەپ تەرجىمە قىلىنغان . ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گېزىت – ژۇرناللاردا ۋە رادىئو – تېلىۋىزىيەلەردىمۇ مۇناسىپ ھالدا شۇنداق تەرجىمە قىلىنىپ قوللانماقتا .
بۆلگۈنچىلىك ، بۆلگۈنچى ... دېگەن سۆزلەرنى سۆز مەنىسىدىن ئالغاندا ، « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى ( 518-519- بەتتە ) بۆلگۈنچى دېگەن سۆزگە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن :
1. سۈپەت شەكلىدە كەلگەندە – بىرلىكنى پارچىلايدىغان ، ئارىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان ، ئارىنى بۇزىدىغان ، بۆلگۈنچى ئۇنسۇر ( ئۇيۇشتۇق چىڭ جىمى مىللەت ئەلگە بولۇپ قۇرغان ، غەزەپلىك قەھرىمىز ۋولقان ھامان بۆلگۈنچى شەيتانغا )
2. ئىىسم شەكلىدە كەلگەندە – شۇخىل قىلمىشلار بىلەن شوغۇللانغۇچى كىشى .
بۆلگۈنچىلىك – ( ئىسىم ) بىرلىكىنى پارچىلايدىغان ، ئارىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان ، ئارىنى بۇزىدىغان قىلمىش ( دۇەن جاۋشۇ : « ئەمدى ئۇيغۇر تىلىدا بىر پارچە ماقالە يېزىڭ ، سادىر پالۋان توغرىسىدا يېزىڭ ، سىزنىڭ پىكرىڭىز توغرا ، شۇ چاغدىكى تارىخى شارائىت بويىچە « ئېلى سۇلتانلىقى » نى تەھلىل قىلىش كېرەك ، ئۇ ھەرگىزمۇ بۆلگۈنچىلىك بولمايدۇ ، بۇ بىر ئىلمى مەسىلە » دېدى.
بۆلگۈنچىلىك سالماق – بۆلۈنۇش پەيدا قىلماق ، مۇناسىۋەتنى يامانلاشتۇرماق : ( « جەڭنامە » سۆزلەشنى باھانە قىلىپ ، ئاممنىڭ مۇناسىۋىتىگە ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ، دىندىن پايدىلىنىپ ، ماركىسىزم – لېنىنىزمغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ ) .
بۆلگۈنچىلىك قىلماق – بىرلىكنى پارچىلاشقا ، بۆلۈنۇش پەيدا قىلىپ مۇناسىۋەتنى يامانلاشتۇرۇشقا ياكى ئارىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنماق .
بۆلۈنمەك : (1) بۆلمەك پېئىلنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى ، مەسىلەن : بۆلۈنگەننى بۆرە يەر ( ماقال ) ؛ ئاتوم – ئاتوم يادروسى بىلەن ئېلىكتىرونغا بۆلۈنىدۇ . بۆلگۈنچى – 1) سۈپەت شەكلىدە – بۆلۈنىدىغان ، پارچىلىنىدىغان ، بۆلگۈچى شەيئىي ، بۆلۈنگۈچى ماددا ، 2) ماتىماتىكىدا بۆلمەكچى بولغان سان ( ئىسىم ) ، لوگىكىدا بۆلۈنمەكچى بولغان جىنىس ئۇقۇم .
ئەمدى 分裂主义 دېگەن سۆز بىرىكمىسىگە مىللەت دېگەن ئىسىم قوشۇلۇپ كەلگەندە ( 民族分裂主义) مىللىي بۆلگۈنچىلىك دەپ تەرجىمە قىلىنۋاتقان سىياسى ئاتالغۇنىڭ خەنزۇچە مەنىسىگە كەلسەك « مىللەت لۇغىتى » ( 355- بەت ) ئۇنىڭغا مۇنداق يەشمە بېرىلگەن : يەنە بىر نامى 民族分离主义( مىللىي ئايرىلىشچىلىق ، مىللى بۆلۈنمىچىلىك ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ مىللەتچىلىكنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ تارىخى شەرت – شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئۇنىڭ ئىپادىسىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، سىنپى ئېكسپالاتاتسىيە تۈزۈمى شارائىتىدا بۇرژۇئا ھۆكۈمىرانلىقىنى ھىمايە قىلىشنى ياكى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىپ ھەر قايسى مىللەت پرولېتارىيات ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ بىرلىشىپ كۆرەش قىلىشقا قارىشى تۇرىدۇ ، مىللەت تەركىبى بويىچە سىياسىي پارتىيە ياكى تەشكىلاتلارنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ، سوتسىيالىزم تۈزۈمى شارائىتىدا بولسا ئاتالمىش مىللىي دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كومپارتىيە رەھبەرلىكىگە قارشى تۇرىدۇ ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئۆز مىللىتىنى سوتسىيالىستىك كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدىن بولۇپ – ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنىدۇ . دېمەك بۇ يەشمىدىن مەلۇمكى 民族分裂主义,民族分裂主义者 نى مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ، مىللەت بۆلگۈنچىسى دەپ تەرجىمە قىلغاندا خەنزۇچىدىكى ئۇقۇم ئەينەن ئىپادىلەنمەي قالىدۇ ھەمدە بۆلگۈنچى ۋە بۆلگۈنچىلىك دېگەن سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەتتىكى ئىزاھاتىمۇ مىللەت لۇغىتىدىكى يەشمە بىلەن ئوخشىمايدۇ ، بەلكى بۆلۈنمىچىلىك ، بۆلۈنمىچى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە دەل ئوخشاش كېلىدۇ . چۈنكى يۇقىرىقى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى تىلدىكى ئايرىم – ئايرىم ئىزاھلاشتىن مەلۈمكى ، مىللەت بۆلگۈنچىلىكى دېگەن ئۇقۇم بىلەن مىللەت بۆلۈنمىچىلىكى ، بۆلۈنگىچىلىك ، ئايرىلىشچىلىق – ( ئايرىلىش يولى – ئايرىلىش مەسلىكى ) ھەرگىز تەڭداش ئۇقۇم ياكى مەنىداش سۆز ئەمەس ، چۈنكى ۋەتەن بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداش مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەنلا ئەمەس ، بەلكى مۇھىمى ۋەتەن بىرلىكىنى پارچىلاپ ، بۆلۈش – بۆلۈۋېلىش – ئاجىرىتىۋېلىش ھەتتا ( بۆلۈۋالىدىغان ، ئاجىرىتىۋالىدىغان ) بىر قىسىم زىمىندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا ئۇرۇنۇشقا قارىتىلغان ئۇقۇم ، شۇڭا ۋەتەن بىرلىكىگە بۆلگۈنچىلىك قىلىش دەپ تەرجىمە قىلغاندا خەنزۇچە ئەسلى مەنىسىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . بۆلگۈنچىلىك قىلىش دېگەنلىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ياكى كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت جەھەتتە ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشنى ، ئايرىمچىلىق قىلىشنى ، ئازار پەيدا قىلىپ ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرۇشنى بىلدۈرۈپ بۆلگۈنچىلىك سالغانلىق بولىدۇ . شۇڭا ئۇقۇم جەھەتتە ۋەتەن بىرلىكىنى پارچىلاش – بۆلۈۋېتىش ( بۆلۈنۇش ، ئايرىلىش ) بىلەن مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىشنى پەرىقلەندۈرۈپ چۈشىنىش ھەم تەرجىمىدىمۇ مۇناسىپ پەرقلەندۈرۈپ ، مىللىي بۆلۈنمىچىلىك ، مىللىي بۆلۈنمىچى ، دەپ ئىپادىلەش لازىم دېمەكچىمەن .
يۇقىرقى ئۈچ خەنزۇچە سۆز- ئىبارىنى ئېنگلىزچە ، رۇسچە تىللار بىەن ئالماشتۇرۇپ بىر – بىرىگە سېلىشتۇرغاندا خەنزۇچە – ئېنگلىزچە ئالاقىدار لۇغەتلەردىكى ئىزاھلاشلارمۇ يۇقىرقىدەك پەرقلەندۈرۈپ چۈشىنىش ۋە تەرجىمە قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ . بۇ ئۈچ سۆز ئىبارە ئېنگلىزچىدە Separate,Separatism,Separaist دەپ ، رۇسچىدا دەپ بىر تۈپ سۆز ۋە بۇ تۈپ سۆزدىن ياسالغان ياسالما سۆز بىلەن ئېنىقلانغان . ئېنگلىزچە ۋە روسچىدىكى بۇ ئۈچ سۆزمۇ ئۇيغۇرچىدىكى بۆلۈنۇش – بۆلۈنۇش ( ئايرىلىش ) ۋە بۆلۈنمىچىلىك ، بۆلۈنگۈچى – ئايرىلغۇچى ، بۆلۈنۇش – ئايرىلىش تەرەپدارى دېگەن سۆزلەرگە دەل ئۇدۇل كېلىدۇ . بۇلاردىن باشقا تۈركىي تىللاردىن ئۆزبەكچىدىمۇ 分裂主义 نى روسچە دېگەنگە سېلىشتۇرۇپ ئايرىشچىلىق ۋە تۈرۈكچىدە ئايرىلىش ، پارچىلىنىش ، بۆلۈنۈش دەپ ئاتالغان . 分裂主义 نى بۆلگۈنچىلىك دەپ تەرجىمە قىلىش رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ 70-يىللاردا 要团结不要分裂 دېگەن سۆز ئۇزۇندىسى ئېلان قىلىنغاندا ئىتتىپاقلىشىش كېرەك ، بۆلگۈنچىلىك قىلماسلىق كېرەك دەپ تەرجىمە قىلىنغاندىن باشلاپ شۇنداق تەرجىمە قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىدۇق .مېنىڭچە ، بۇ سۆزئۇزۇندىسىمۇ ئىتتىپاقلىشىش كېرەك ، بۆلۈنمەسلىك كېرەك دەپ تەرجىمە قىلسا ئەسلى مەنىسىگە دەل ئۇيغۇن بولاتتى ) ، چۈنكى :
社会党因内部矛盾使分裂左派右派دېگەن جۈملىنى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئىچكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن ئوڭچىلار ۋە سولچىلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى ، دەپ تەرجىمە قىلىپ ئادەتلىنىپ كەلگىنىمىز بىلەن ھەمدە ئەسلى سىياسىي ئۇقۇم مەنىسى بىلەنمۇ بىردەك بولغان بولاتتى ، خەنزۇچە تېكىستلاردىكى :
这一分析深刻的揭露了分裂主义的反动本质,划清了分裂问题与民族问题, 宗教问题的界限。
分裂问题与民族问题在矛盾性上是根本不同的。
بۇ تەھلىلدە بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن . بۆلۈنۇش مەسىلىسى بىلەن مىللىي مەسىلىنىڭ ، دىنىي مەسىلىنىڭ چىگرىسى ئېنىق ئايرىپ بېرىلگەن . . . بۆلۈنۇش مەسىلىسى بىلەن مىللىي مەسىلە زىددىيەتنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىن زادىلا ئوخشىمايدۇ ، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » نىڭ 90-يىل 2-ساندىكى ( ئۇيغۇرچە شۇ يىل 4-ساندىكى ) چى ۋېنلىنىڭ « بۆلۈنۇشكە قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش – سىياسى كۆرەش ) دېگەن ماقالىسىدىن – ئۇيغۇرچە ( 30-،31-بەتلىرىدىن ) بۇ تەرجىمىدە 分裂 ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۆپ يىللاردىن بۇيان بۆلگۈنچىلىك دېمەي ، تۈنجى قېتىم بۆلۈنۇش دەپ توغرا تەرجىمە قىلىنغان ، بۆلۈنۇش دەپ ئېلىش سۆز مەنىسى جەھەتتىنلا توغرا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپلا قالماستىن ، مۇھىمى سىياسى ئۇقۇم مەنىسى جەھەتتىنمۇ توغرا تەرجىمە قىلىنغان ، لېكىن بۇ ماقالىدا 分裂主义 مۇناسىپ ھالدا بۆلۈنمىچىلىك دەپ تەرجىمە قىلىنماي يەنىلا بۇرۇنقىدەك بۆلگۈنچىلىك دەپ ئېلىنغانلىقى مۇۋاپىق بولمىغان دېگەن قاراشتىمەن .
تەرجىمە ئەمىلىيىتىدە ئۇچرىغان تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئەمىلى مىساللار يۇقىرىقى قارىشىمىزنىڭ توغىرلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ :
1. 总书记个戈尔巴乔夫在本月十日召开的。。。会议上发出号坚持同在苏联的民族分裂主义势力作斗争。
باش شۇجى گورباچىپ مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان . . . يىغىندا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۆرەش قىلىش توغرىسىدا چاقىرىق چىقاردى. ( توغرىسى . . . مىللەت بۆلۈنمىچىلىكى كۈچلىرىگە قارشى . . . تەرجىمە قىلىنسا بولاتتى . ھالبۇكى ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلىيەتتە 15مىللەت جۇمھۇرىيىتىگە بۆلۈنۇپ كەتتى .
2. 帝国主义长期以来,一直企图把台湾从我们祖国分裂出去。
جاھانگىرلار ئۇزاقتىن بۇيان تەيۋەننى ۋەتىنىمىزدىن بۆلۈۋېلىشقا ئىزچىل ئۇرۇنۇپ كەلدى. ( روشەنكى . . . ۋەتىنىمىزدىن پارچىلاشقا . . . دەپ تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ ) .
3.无论过去和现在,国内外敌对势力总是在分裂新疆上打主意。
ئۆتكەندە بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن ئىچكى ، تاشقى دۈشمەن كۈچلەر ھامان شىنجاڭنى بۆلۈۋېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىپ كەلمەكتە . . . ( روشەنكى . . . شىنجاڭنى پارچىلاشنىڭ . . . دەپ تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ ) .
4. گورباچىپ : مۇستەقىللىق ئۇقۇمىنى ئىتتىپاقتىن ئايرىلىدىغان بۆلگۈنچىلىكتىن پەرقلەندۈرۈش لازىم دېدى . ( « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 91-يىلى 12- ئاينىڭ 5-كۈنى 6-بەتتىكى بىر خەۋەردىن ) توغرىسى گورباچىپ : مۇستەقىللىق ئۇقۇمىنى ئىتتىپاقتىن ئايرىلدىغان بۆلۈنمىچىلىكتىن پەرقلەندۈرۈش لازىم دېدى . گورباچىپ : دېمەكچى بولغان ئەسلى پىكىر مۇستەقىللىق ئۇقۇمىنى ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىگە ياكى ئىتتىپاقتىكى ھەر قايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ياكى ھەر قايسى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈستىدە ئەمەس ، بەلكى ئىتتىپاقتىن ئايرىلىدىغان بۆلۈنمىچىلىكتىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈستىدە كېتىۋاتقان بولغاچقا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ تەرجىمىسىدە ئەسلىدىكى پىكىر – مەنە توغرى ئىپادىلەنمەي قالغانلىق ئېنىق كۆرۈنۇپ تۇرمامدۇ ؟
مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقوقى باغداش تورىغا خاس ، قالايمىقان كۆچۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ
|