قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1246|ئىنكاس: 6

بۈيۈك ئالىم نەسىرىددىن تۇسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

94

تېما

4

دوست

3981

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34763
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 198
تۆھپە : 1262
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-20 21:25:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئالىم كېرىم كۆكئالىپ

   13-ئەسىرنى دۇنيا تارىخىدا ئاجايىپ زور تارىخي ئۆزگىرىشلەر بولغان ئەسىر دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسىردە چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈن ياروپا–ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى دېگۈدەك ئۆز تەسەررۇپىغا ئېلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپىرىيە–موڭغۇل ئىمپىرىيەسىنى بەرپا قىلدى. بۇ دۆلەتنىڭ بارلىققا كېلىشى جەريانىدا نۇرغۇن مەدەنىيەت ئوچاقلىرى ۋەيران قىلىنىپ، ئىلىم ساھىبلىرى كۆزدىن يوقىتىلدى ياكى تەرەپ–تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى. ئەمما ئىمپېرىيە تەۋەسىدە خەلقلەرنىڭ توسالغۇسىز يۆتكىلىپ تۇرۇشى مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى چوڭ قوشۇلۇشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە سودا ئالاقىسىنى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن سودا ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى پەيدا بولدى. ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا ئەسىلىدىنلا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خوراسان رايونى بۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتتىكى سەلتەنىتىنى قايتا نامايان قىلدى.  بۇ رايوندا ئىلىم–پەن ئاسمىنىدا چاقنىغان ئىلىم ساھىبلىرى كەينى–كەينىدىن مەيدانغا كەلدى. نەسىرىددىن تۇسى ئەنە شۇ مەزگىلدە ياشاپ ئۆتكەن، ئەمەلىيەتچىل ئىلمىي ئۇسۇللىرى ۋە نەزەرىيىۋى قاراشلىرى بىلەن يېقىنقى زامان ئىلىم–پەن ساھەسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن يىتۈك ئالىمدۇر.
   غەربلىكلەر ئاددىيلا قىلىپ تۇسى دەپ ئاتىۋالغان بۇ ئالىمنىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئىبىن ھەسەن تۇسى بولۇپ، 1201-يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنى خوراساننىڭ تۇسى دېگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ، 1274-يىل 6–ئاينىڭ  26- كۈنى باغدادنىڭ يېنىدىكى قەزىمىيەھ دېگەن جايدا ۋاپات بولغانىدى. ئۇ ئەل ئارىسىدا  نەسىرىددىن تۇسى دېگەن نام بىلەن تۇنۇلغان. تۇسى كۆپ قىرلىق ئالىم. ئۇ 150 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان بولۇپ، تۆھپىلىرى ئاساسەن ئارخېتىكتورلۇق، ئاسترونومىيە، بىيولوگىيە، خىمىيە، ماتېماتىكا، پەلسەپە، فىزىكا ۋە تىئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاسترونومىيە ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئۇ پتولمىينىڭ ئاسترونومىيە ھەققىدىكى نەزەرىيەلىرىنى ئىسلاھ
قىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام ئاسترونومىيەسىگە زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە كوپېرنىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئاسترونوملىرىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
   نەسىرىددىن تۇسىنىڭ ئائىلىسى شىئە مەزھىپىنىڭ ئىسمائىلىيە تەرەپدارلىرىدىن ئىدى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، لېكىن ئاتىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، ئەتراپىدىكى بىلىملىك كىشىلەردىن تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ، پازىل كىشىلەرنىڭ لىكسىيەلىرىگە دائىم قاتنىشىپ تۇرىدۇ.ئىلىمگە بولغان تەشنالىقىدىن كىچىك ۋاقتىدىلا نىشاپورغا كۆچۈپ بېرىپ فەرىددىن داماد ئاتلىق كىشىدىن پەلسەپە، مۇھەممەد ھەسىب دېگەن كىشىدىن  ماتېماتىكا ئۆگىنىدۇ. ئۇ يەنە سوپىزىمنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بولغان فەرىددىن ئەتتار بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولۇپ، ئۇنىڭدىن سوپىزىم تەلىماتىنى ئىگىلەيدۇ. فەرىددىن پەتتار مۇڭغۇللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قۇتبىددىن ئەل مىسرى ئاتلىق كىشىنىڭ لىكسىيەلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىدۇ. تۇسى كېيىن ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىگە بېرىپ، كامالىددىن يۇنۇس ئاتلىق ئالىمدىن داۋاملىق تۈردە ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيە ئۆگىنىدۇ.
   چىڭگىزخان قوشۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خوراساننى مالىمان قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرى تۇسىنىڭ بىلىمگە تازا تەشنا بولىۋاتقان چاغلىرىغا توغرا كەلگەنىدى. 1230-يىللارنىڭ دەسلىپىدە ئىلىمدە پەللىگە يەتكۈدەك تەربىيە ئالغان تۇسى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان «ئېلخانىيلار دۆلىتى»دە خىزمەتتە بولىدۇ. تۇسى ھىلاكۇنىڭ پەرمانى بويىچە ئۈنۈملۈك ھەم توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئاستىرونومىيە جەدۋىلى-كالىندار تۈزۈش ئۈچۈن، 1256-يىلى رەسەتخانا قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىدۇ. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 1259–يىلى ئەزەربەيجان (ئىراندىكى ئەزەربەيجان) دىكى مەراغە شەھىرىنىڭ غەربىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار رەسەتخانا قەد كۆتۈرىدۇ.
   تۇسى رەسەتخانىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەيىنلىنىدۇ. ئۇ رەسەتخانا خىزمىتى ئۈچۈن ئەتراپتىكى ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئالىملارنى تەكلىپ قىلىدۇ، ھەتتا يىراق جۇڭگودىنمۇ ئاسترونومىيە ئالىملىرى رەسەتخانىغا كېلىپ خىزمەت قىلىدۇ.
گەرچە بۇ رەسەتخانا 50 يىلدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن قالغان ئىلمىي مىراسلار يىراق شەرقتىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تارتىپ ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قەدەر تارقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا،  تارىخىي ھۆججەتلەردە ئۇلۇغبەگنىڭ بالىلىق دەۋرىدە مەراغەدىكى رەسەتخانىنىڭ ئىزناسىنى زىيارەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭ تەسىرىدە سەمەرقەندتىكى رەسەتخانىنى قۇرغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
   ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن ئىلغار ھېسابلىنىدىغان بۇ رەسەتخانا تۇسىنىڭ خىزمەتلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ. تۇسى ئۇيقۇدىن بىدار ئۆتكەن تالاي كېچىلەرگە جاۋاب سۈپىتىدە، 1272-يىلى «زىجى ئېلخانىي» دېگەن كاتتا ئەسىرىنى روياپقا چىقىرىدۇ. ئۇ بۇ كىتابىدا سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئەتراپلىق تەسۋىرلىگەندىن باشقا، يەنە سەييارىلەرنىڭ ئورنىنى ئىنچىكە ھېسابلايدۇ، نۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويىدۇ. بۇ خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى ياۋروپادا، يەنى ئىتالىيەنىڭ شەھەر دۆلەتلىرىدە ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئەمدىلا بىخ سۈرۈۋاتقان، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن قالتىس نەتىجە دېيىشكە تامامەن بولاتتى. بۇ نەتىجىلەر تاكى نىكولاي كوپېرنىك دەۋرىگە قەدەر قوللىنىلدى.
   ھىلاكۇنىڭ ئوردىسىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن كەلگەن نۇرغۇن بۇددىست ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ كالىندار تۈزۈش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىش قائىدىلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلگەنىدى. تۇسىنىڭ «تۈركلەرنىڭ زامان ئۆلچىمى» (بازىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسەر بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەنىكەن) دېگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇر كالىندارىنىڭ ئۆلچەملىرى تۇنۇشتۇرۇلغانىكەن. ئۇ تۈزگەن «ئېلخانىي كالىندارى»دا بىر قانچە يىل ۋە ئايلارنىڭ نامى ئۇيغۇرچە ئاتالغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا تۈزۈلگەن بۇ كالىنداردا يەنە خەنزۇ كالىندارىنىڭ ئېلېمېنتلىرىمۇ بار ئىدى. تۇسىنىڭ مەراغەدىكى رەسەتخانىسىدا ئىشلىگەن مۇھىددىن مەغرىبى ئاتلىق يەنە بىر ئالىم ئۆزىنىڭ كىتابىدا كالىندار تۈزۈش داۋامىدا پايدىلانغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ كالىندارىنى «خەنزۇ – ئۇيغۇر كالىندارى» دەپ ئاتىغانىدى.  شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، تۇسى تۈزگەن «ئېلخانىي كالىندارى» ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىر كۈچىنى نامايان قىلىپ بېرەلەيتتى.
   نەسىرىددىن تۇسى ئۆزىنىڭ سەييارىلەر ھەرىكەت مودېلىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، بىر قانچە گىيومېتىرىيەلىك ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلغان. بۇنىڭ بىرى باشقىلار تەرىپىدىن «تۇسى قوشمىقى»دەپ نام بېرىلگەن چەمبەر ئوربېتا تەسۋىرىدۇر. بۇنىڭدا چوڭ بىر چەمبەرنىڭ ئىچىدىن ئايلانغان بىر كىچىك چەمبەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان «سەييارىلەر چەمبەر شەكىللىك ئوربېتىدا ھەرىكەت قىلىدۇ»، دېگەن چۈشەنچىنى ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ بېرەلەيتتى. تۇسى بۇ ئۇسۇلنى پتولمىينىڭ سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. بىراق ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلى بىلەن مېركۇرىينىڭ ھەرىكىتىنى تەسۋىرلىگىلى بولمايتتى، بۇ مەسىلىنى كېيىنچە ئەلى قۇشچى ھەل قىلغان. تۇسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ماھىر لايىھەلىگۈچى ئىدى. ئۇ رەسەتخانىنىڭ كۆزىتىش سايمانلىرىغا بولغان ئېھتىياجى بويىچە سۈپىتى ياخشى، نازۇكلۇق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش ئەسۋابلىرىنى كەشىپ قىلغان. ئۇستىرلاپ ئەنە شۇ ئەسۋابلارنىڭ بىرىدۇر.
   تۇسى ئەمەلىي كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئارقىلىق پتولمىي ئوتتۇرىغا قويغان «يەر شارى ھەرىكەت قىلماي جىم تۇرىدۇ»، دېگەن قاراشنى ماتېماتىكىلىق ئىسپات بىلەن تەنقىدلىگەن. بۇ ئىش ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم ساھەسىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. 1543- يىلى  كوپېرنىك ئوتتۇرىغا قويغان «قۇياش مەركەز تەلىماتى»دا ئۇنىڭ بۇ تەنقىدى قوغدالغان. سامانيولى سىستېمىسى توغرىسىدا تۇسى مۇنداق يازىدۇ: «سامانيولى ناھايىتى زور ساندىكى شارسىمان يۇلتۇزلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار زىچ ھالەتتە توپلىشىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قارىماققا سۈت رەڭگىدە كۆرىنىدۇ». ئۈچ ئەسىردىن كېيىن سامانيولى توغرىسىدىكى ئەمەلىي كۆزىتىشتىن بولغان ئىسپات 1610–يىلى ئىتالىيەلىك ئالىم گالىلېي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
   نەسىرىددىن تۇسىنىڭ بىيولوگىيە جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىنىڭ يېڭىلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئۇ «ئەخلاقى نەسرى» دېگەن ئەسىرىدە تۈرلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ھەققىدە ئاساسىي بولغان نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇ نەزەرىيەسىنى «ئالەم تەڭپۇڭ ۋە كىچىك بولغان ئېلېمېنتلاردىن تۈزۈلگەن» دەپ باشلايدۇ. تۇسى ئۆز نۇقتىئىنەزىرىدە، بەزى ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز ھەمدە باشقا ماددىلاردىن پەرقلىق بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە ئېلېمېنتلارنىڭ مېنېراللارغا تەرەققىي قىلىشىنى، ئۆسۈملۈكلەر ، ھايۋانلار ۋە ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشەندۈرگەن.
   تۇسى جانلىقلارنى ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانلار ۋە ئىنسانلار دەپ بۆلىدۇ. ئۇ ئىرسىيەتچانلىقنىڭ جانلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق يازىدۇ:«ھايۋانلار ئۆسۈملۈكلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەركىن يۆتكىلەلەيدۇ، ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇقنى تۇتۇپ يىيەلەيدۇ... ھايۋانلار يېڭى ھەرىكەتلەرنى، ئۆزىدە بولمىغان ئىقتىدارلارنى ئۆگىنەلەيدۇ. مەسىلەن، كۆندۈرۈلگەن ئات ۋە لاچىن  ھايۋانات دۇنياسىدا ئۆز تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرغان بولىدۇ». تۇسى ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:«ئادەمسىمان مايمۇنلار سۇداننىڭ غەربىي قىسمىدا ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ھايۋانلارنىڭكىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ...ئىنسانلارنىڭ شۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى باركى، ئادەمسىمان مايمۇنلاردىن پەرقلىنىدۇ، بىراق يەنە بەزى ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بار».
   تۇسىنىڭ بىيولوگىيە ساھەسىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ قاراشلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە تۈرلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى، ئىنسانىيەت ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات ۋە ئىلمىي نەزەرىيەلەرمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ. تۇسى فىزىكا ۋە خىميە ئىلمىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان «ماسسىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى»نى مۇنداق چۈشەندۈرگەنىدى: «ماددىنى پارچىلاپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، بىراق ئۇنى يوقىتىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ شەكلىنى، شەرت-شارائىتىنى، قۇرۇلمىسىنى، رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، مۇرەككەپ ماددىلارغا قوشۇۋېتىش مۇمكىن، ئەمما ماددىنى تۇلۇق يوقاتقىلى بولمايدۇ». تۇسىنىڭ بۇ شەرھىيسى بۈگۈنكى كۈندە سىستېمىلىق ھالغا كەلتۈرۈلگەن ماسسىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى بىلەن پەرق قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە. ماتېماتىكا نەسىرىددىن تۇسىنىڭ ئاسترونومىيەدىن باشقا مۇستەقىل تەرەققىي قىلدۇرغان چوڭ ساھەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.تۇسى ئاسترونومىيەدىن مۇستەقىل ھالدا تىرىگونومېتىرىيە توغرىسىدا تۇنجى بولۇپ ئەسەر يازغان. ئۇ «تۆت تەرەپلىكلەر ھەققىدە»ناملىق ئەسىرىدە سىفرىك تىرىگونومېتىرىيەگە كەڭرى ئورۇن بەرگەنىدى. بۇرۇن ئۆتكەن مۇسۇلمان ماتېماتىكلاردىن ئەبۇ ۋەفا بۇزجانى (940-998) قاتارلىقلار سىنۇس ئاكسىيومىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەنىدى. تۇسى بولسا سىنۇس ئاكسىيومىسىنى سىفرىك ئۈچبۇلۇڭلارغا بىرلەشتۈرۈپ، سىفرىك ئۈچبۇلۇڭلارغا ماس كېلىدىغان تانگېنىس ئاكسىيومىسىنى بايقىدى، ھەم بۇنى ئىسپاتلىدى.
   نەسىرىددىن تۇسىنىڭ  بۇ بۈيۈك خىزمەتلىرى بۇرۇندىن تارتىپ خاتىرىلىنىپ كەلگەن. 15-ئەسىردە ماۋارائۇننەھر پادىشاھى، ئۇلۇغ ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سەمەرقەندتە دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ ھەممىسى ئىنتىلىدىغان رەسەتخانا قۇرۇش بىلەن بىللە، تۇسى تۈزگەن «زىجى ئېلخانىي»نى تەتقىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭدىكى خاتالىقلارنى تۈزەتتى. شۇنداقلا تېخىمۇ ئىنچىكىلىگەن ئاساستا «زىجى كۆرەگانىي»نى روياپقا چىقاردى.
   بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ بۈيۈك ئالىمنى خاتىرىلەش ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. ئاينىڭ جەنۇبىي يېرىم شارىغا جايلاشقان دىيامېتىرى 60 كلومېتىر كېلىدىغان ئازگالغا «نەسىرىددىن» دەپ نام بېرىلگەن. 1979 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئاسترونومى نىكولاي ستىپانوۋىچ ئۆزى بايقىغان كىچىك بىر سەييارىگە «10269تۇسى» دەپ نام بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۇ بۈيۈك ئالىمغا ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. ئىراندا «تۇسى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» بار، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدە بولسا تۇسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان شەمەخى رەسەتخانىسى بار.  تور دۇنياسىنىڭ سەركىسى ھېسابلىنىدىغان گوگېل شىركىتى تۇسى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 812 يىللىقى خاتىرىسىدە ئۆز تور بېكىتىنى ئەرەبچە خەت بىلەن بېزىگەنىدى.
   نەسىرىددىن تۇسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدە، پاتپاراقلىققا تولغان زاماندا ياشاپ تۇرۇپمۇ ھازىرىقى زامان كىشىلىرىنىڭمۇ ئەقلى لال بولغۇدەك ئىلمىي قاراش ۋە نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىشى ھەربىر كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ، ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ھەر بىرەيلەننىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ بۈيۈك ئالىمنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۇنتۇپ قالماي، مەڭگۈگە خاتىرىلەيدۇ.

«شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 2014 – يىللىق 7- سانىدىن ئېلىندى


uyghuray

0

تېما

0

دوست

596

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   19.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35823
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-20 21:44:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  چەت ئەللەردە ئالىمىنىڭ نامىنى سەييارە، يۇلتۇزلارغا، مەلۇم بىر يىلغا نام قىلىپ قويۇپ خاتىرلىسە بىز قوپۇپ ئاشخانا، كىيىم-كىچەك...لەرگە ماركا نامى قىلىپ قويۇپ  قويۇپ خاتىرلەيمىز، چۈنكى، ئۇچىمىزدا كىيىم، بەدىنىمىزدىكى ئىشتىھا ھەر قاچان بار ئەمەسمۇ.

0

تېما

7

دوست

3272

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33796
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 998
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-20 22:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا كۆمۈلۇپ ياتقان گۇھەرلەرنى كشىلەر ئىزدەپ تېپىۋاتقىندەك.....بۇنىڭ دەك ئالىملارننڭ تۆھپەسىنى ئىسانىيەت قېزىپ تاپىدۇ ھەم قەدىرلەپ ساقىلايدۇ.ئىسانىيەت ئەزەلدىن ئالملارنى قەدىرلەپ كەلگەن.

0

تېما

2

دوست

2474

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23855
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 786
توردىكى ۋاقتى: 194
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-21 19:28:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر مۇسۇلمان ئالىمىنىڭ ئنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرىنى بىلىۋالدىم ،سىزگە كۆپ رەخمەت
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1181

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36843
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-22 16:15:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور نامىڭلارنى تۈز قىلساڭلار باللا  پەيزە تېمىكەن

1

تېما

24

دوست

5236

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 1527
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-24 19:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما

1

تېما

1

دوست

2150

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22356
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 672
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-25 18:49:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ۋە خانە كەئبىنىڭ بوسۇغىسىغا ئېسلىپ ئاللاھقا يېلىنىش ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن خانە كەئبىگە كەلگەن ھاجىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيى. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس قىبلىسى بولغان خانە كەئبىنىڭ ئىشىكىگە دىققەت بىلەن قارىغان كىشىنىڭ كۆزىگە «ئابدۇرېھىم ئەمىن» دېگەن بىر ئىسىم چېلىقىدۇ. بۇ دەل مەزكۇر تېمىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغان پەخىرلىك ئۇيغۇر خەتتاتىمىزنىڭ مۇبارەك نامىدۇر.
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھەرزامان تەلپۈنۈپ ياشايدىغان، ناماز ھەم دۇئالىرىدا يۈزلىنىدىغان مۇقەددەس قىبلەنىڭ ئالتۇن ئىشىكىگە نامى يېزىلىش شەرىپى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە بىر ئىش ئەمەس.
ئابدۇرېھىم ئەمىن ۋەتىنىمىزنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1925-يىلى قاغىلىقتىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە «يېتىم-يېسىرلار مەكتىپى»دە ئوقۇغان.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەد قاسىم ھاجىم مۇنداق دەيدۇ: «خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن 1938–يىلى مەدىنىدىن مەككىگە كېلىپ يەرلەشكەن ۋە شۇ يەردىكى بىر ئۇستامدىن تىككۈچىلىك ئۆگەنگەنىكەن. بىز 1950-يىللىرى مەككىگە كەلگىنىمىزدە، مەككىنىڭ قەدىمىي كوچىلىرىدىن بىرى بولغان «بۇخارى كوچىسى»دا بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ دۇكىنى بار بولۇپ، ئابدۇرېھىم ئەمىنمۇ شۇ كوچىدا تىككۈچىلىك قىلاتتىكەن. ئارىدىن 10-15 يىللار ئۆتكەندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى مىسىر رەئىسى جامال ئابدۇنناسىرنىڭ ئارىسى بۇزۇلغاچقا، سەئۇدى تەرەپ تارىختىن بىرى مىسىردىن كېلىۋاتقان خانە كەئبىنىڭ يوپۇقىنى مەككىنىڭ ئۆزىدە توقۇشنى قارار قىلغان ۋە 1962-يىلى مەككە بىلەن جىددە ئارىلىقىدىكى كونا يولدا مەخسۇس «خانە كەئبە يوپۇقى توقۇش فابرىكىسى»نى قۇرۇپ چىققان. ئابدۇرېھىم ئەمىن ئەينى دەۋردە سەئۇدى ئەرەبىستان تەۋەسىدە تونۇلغان يېتۈك خەتتات بولغاچقا، مەزكۇر فابرىكىدا يوپۇق خېتىنى يېزىشقا تەينلەنگەن. مەشھۇر خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن خانە كەئبىنىڭ يوپۇقىنى تېكىش ۋە خەت كەشتىلەشتىن سىرت، خانە كەئبىنىڭ 280 كىلوگرام ساپ ئالتۇن بىلەن ياسالغان ئىشىكىدىكى ھۆسىنخەتلەرنىمۇ ئۆز قولى بىلەن ئويۇپ چىققان.
ئۇنىڭ خىزمەتتىكى تولىمۇ ئەستايىدىل، تېرىشچانلىقى، بولۇپمۇ بۇ ئۇلۇغۋار خىزمەتكە نىسبەتەن ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان غايەت دەرىجىدىكى ئىخلاسى ۋە مۇھەببىتى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىشەنچىسىگە، ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، مەزكۇر فابرىكىنىڭ مەسئۇللىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.»
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى «دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى»دا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز رەھمەتۇللا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجى 1980-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەد سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندە ئۆز ئارا سۆھبەتتە بولۇشقان ۋە ئۆزىنىڭ قاغىلىقتىن كېلىش جەريانى ۋە بىر قىسىم سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەنىكەن.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم 1993-يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئىككى پەرزەنتى ھازىر مەككە مۇكەررەمەدە ھاجىمدىن قالغان چوڭ ئۆيدە ياشاۋېتىپتۇ.

قوشۇمچە:
خانە كەئبىنىڭ يوپۇقى
بەزى تارىخىي مەنبەلەردە خانە كەئبىگە تۇنجى بولۇپ يوپۇق ياپقان كىشىنىڭ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىنسا، يەنە بەزى مەنبەلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجدادلىرىدىن ئەدنان دېگەن كىشىنىڭ ئەڭ دەسلەپ خانە كەئبىگە يوپۇق ياپقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بىر قەدەر ئىشەنچلىك رىۋايەتلەرگە قارىغاندا خانە كەئبىگە مىلادىيە 350-يىلى تۇببە ئەبۇ كەرەب دېگەن كىشىنىڭ تۇنجى بولۇپ يوپۇق ياپقانلىقى ۋە شۇنىڭدىن بىرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 5-بوۋىسى قۇسەي ئىبنى كىلابنىڭ زامانىغا كەلگەندە، خانە كەئبىگە ھەر يىلى بىر قېتىم يوپۇق يېپىش مۇراسىمى يولغا قويۇلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن خانە كەئبىگە يەمەندە توقۇلغان يوپۇق يېپىلغان. بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەرنىڭ زامانىغا كەلگەندە، خانە كەئبىگە ياپىدىغان يوپۇقنى مىسىردا توقۇتۇپ كېلىشكە باشلىغان. مىسىر شۇ زاماندىن تاكى 1962-يىلىغىچە ھەر يىلى خانە كەئبىگە يوپۇق يېپىش شەرىپىگە نائىل بولۇپ كەلگەن ئىدى. 1962-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا مەخسۇس «خانە كەئبە يوپۇقى توقۇش فابرىكىسى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، خانە كەئبىگە يوپۇق يېپىش شەرىپى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. خانە كەئبىنىڭ يوپۇقى يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇلىدۇ. خانە كەئبىنىڭ ئالماشتۇرۇلغان كونا يوپۇقى پارچىلىنىپ مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرگە ھەدىيە قىلىنىدۇ. ھەر يىلى ھىجرىيە زۇلھەججە (12-ئاي)نىڭ 1-كۈنى مەككە مۇكەررەمە ئەمىرىنىڭ باشچىلىقىدا خانە كەئبىگە يوپۇق يېپىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. خانە كەئبە يوپۇقىنىڭ خىراجىتى بۇرۇندىنلا مىسىر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خانە كەئبە ئۈچۈن ئاتالغان مەخسۇس ۋەقىپتىن قىلىناتتى. ئۆز ۋاقتىدا پادىشاھ ئىسمائىل قەلاۋۇن مىسىردىن ئۈچ يېزىنى سېتىۋېلىپ، شۇ جايلارنىڭ پۈتۈن كىرىمىنى خانە كەئبىنىڭ يوپۇقى ئۈچۈن ۋەقپ قىلغان. كېيىنچە ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ سۇلتانى سەلىم يەنە يەتتە يېزىنى سېتىۋېلىپ مەزكۇر ۋەقپكە قوشقان.  
مۇھەممەد ئەلى پاشا دەۋرىگە كەلگەندە مىسىر ھۆكۈمىتى مەخسۇس خانە كەئبىنىڭ يوپۇقى ئۈچۈن بىر ئورگان تەسىس قىلغان بولۇپ، شۇندىن بىرى خانە كەئبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش ۋە ئەۋەتىش ئىشلىرى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن.


1962-يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە «خانە كەئبە يوپۇقى توقۇش فابرىكىسى» قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇنجى قېتىم توقۇپ چىقىلغان يوپۇق ئالاھىدە ئېسىل ۋە كۆركەم بولۇپ چىققان. فابرىكىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 240 نەپەر بولۇپ، خانە كەئبە يوپۇقىنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن خادىملارنىڭ مائاشى ۋە مۇناسىۋەتلىك چىقىملار بولۇپ يىلىغا 17 مىليون رىيال (4.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) سەرپ قىلىنىدۇ.
خانە كەئبىگە يوپۇق يېپىش پائالىيىتى باشلانغان ئۇزاق تارىختىن بېرى يوپۇقلار تەييارلىغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشى ۋە قول سېلىپ ئىشلىشى بىلەن، شۇ دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا ھەرخىل شەكىل، ھەرخىل رەڭ ۋە ھەرخىل ماتېرىياللاردا توقۇلۇپ كەلگەن. پەقەت ئابباسىيلار خەلىپىسى ناسىرنىڭ زامانىغا كەلگەندە، يوپۇقنى قارا رەڭلىك يىپەكتىن توقۇش قانۇنلاشتۇرۇلغان. شۇندىن بېرى قارا رەڭلىك يىپەكتىن توقۇلۇپ كېلىنمەكتە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )