- تىزىملاتقان
- 2015-6-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 484
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
  92%
|
ئىلگىرى ئاتلان تىل ئۈگۈنۈش مەكتىۋىدە مېنىڭ قەيسەر راخمان دېگەن ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچۇم ماڭا شۇنداق دېگەن : ئادەم توختىماي ئۈگۈنۈشى ۋە ئىزدىنىشى كېرەك ، ھەم ئىلىم جەھەتتە ھەرگىز قانائەت قىلماسلىق لازىم . سىز ئۈگۈنۈپ ماڭىۋېرىڭ ، توختىماڭ . شۇ چاغدا ئالدىڭىزغا ھەر قانداق سىناقلار كەلسىمۇ ئۇرۇپ ، دەسسەپ ، ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىسىز دەپ .
بۈگۈن مەكتەپتە بىر ئايال خىزمەتداش ھەدىمىز ماڭا شۇنداق بىر گەپنى قىلدى . ( مەن ئىشەشلىك يەردىن خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئۆسىدىغان ئىش بولسىمۇ ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇش تارىخىنى ئاساس قىلىدىكەن ، شۇڭا قايتا ئوقۇپ بىلىمىمنى ئاشۇرۇشنى خالىماي تېخنىكوم ھالەتتە توختاپ قالدىم دەپ . ) مەن پەقەت مېيىقىمدىلا كۈلۈم قويدۇم . ھازىرقىدەك ماددى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قامدىيالماي ، مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئېشىنالمايۋاتقان ھالەتتە يەنە نېمىمۇ دېيالەيمەن دېسەممۇ بەرىبىر ئاڭلىمايدۇ .
مېنىڭچىمۇ ھەربىر ئادەم تۇغۇلۇشتىن تارتىپ تاكى قەبرىگىچە بولغان بۇ ئارلىقنى ئۈگۈنۈش ، ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق ئۆتكۈزگەندىلا ، ئۇنىڭ ھاياتى ناھايىتى مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك ھايات بولىدۇ . شۇنداقلا مۇشۇ زېمىندا تۇرۇپ ئېلىۋاتقان ھەربىر نەپىسىگە جاۋاپ قايتۇرالايدۇ .
ئەلۋەتتە : ياشاش ھايات قېلىشتىن ئارتۇقتۇر .
ئاخىرىدا فاتىمەنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، شىجائىتىگە تېخىمۇ قەيسەرلىكنىڭ يار بولۇشىنى تىلەيمەن .
ھۆرمەت بىلەن : غ ش 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى
___ رەخىمجان ناسىر |
|