ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ،كۆپچىلىك :
مىللەتنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقان ئوت يۈرەك ئەزىمەتلىرىمىزدىن يالقۇن روزى ۋە زۇلپىقار باراتنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇنازىرە داۋاملىشۋاتىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ مۇنازىرىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ھەقىقەتەن يوقىرى، بىزگە شۇ ھەقىقەت ئېنىقكى بىز ئوڭ قولىمىزنى دەپ سول قولىمىزدىن كېچەلمەيمىز ،ھەتتاكى بىر بارمىقىمىزدىنمۇ كېچەلمەيمىز .دىمەك مەيلى يالقۇن روزى ياكى زۇلپىقار بارات ئۆزباش بولسۇن بىز زور ئۈمىدلەر بىلەن تەلمۈرۋاتقان ھوسۇللۇق زىيالىيلىرىمىز.شۇنداقلا مۇنبەردىكى ھەربىر قېرىندىشىمىزمۇ بىز ئۈچۈن ئالەمچە ئۈمىدلەر مۇجەسسەملەنگەن ياشلىرىمىزدۇر .
دۇنيا تەرەققىياتى كۆپ قىرلىق ،رەڭدارلىق ۋە ئوخشىمىغان پىكىر-مۇلاھىزىلەرنىڭ چېقىنلىرىدىن چىققان ئۇچقۇنلار بىلەن يېڭى-يېڭى مەنزىللەرنى ئىزدەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر تارىخىمۇ ئەلۋەتتە بۇ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسدىن مۇستەسنا ئەمەس. بىزدە زىددىيەت يوق،بىزدە مەنپەئەت توقۇنىشى يوق. بىزدە ئورتاق نىشان بار،بىزدە ئوخشىمىغان ئۇسۇلدىكى تىرىشچانلىقلار بار. بۇ ئورتاق نىشان ھەممىمىزنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتىدۇر.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە ۋە مەسلىھەت بىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بايلىقتۇر. بىز بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ ھەقىقەتەن بىزنىڭ بايلىقىمىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز ۋە بۇ مۇنازىرە كەيپىياتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. شۇڭا تورداشلارنىڭ ئىككى مۆھتىرەم ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ، قانداقتۇر شەخسىي مەنپەئەت توقۇنىشىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
باغداش تورى بۇ خىل ئىجابىيلىققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان پىكىر تەلقىنلىرىدىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئۈمىدۋار. بۇ ئىككى زىيالىيىمىزنىڭ مۇنازىرىسىدىن يېڭى-يېڭى بىلىملەرگە ئىنتىزار. بۇ ئىككەيلەن ئۈچۈن باغداش تورىنىڭ نەق مەيدان زىيارەت زالى ھازىرلاندى. بۇ بىر مەيدان سۆھبەتنىڭ روياپقا چىقىش ياكى چىقماسلىقى ئىككى ئەدىپنىڭ دادىللىقىغا قالدى .
ھۆرمەت بىلەن :باغداش تور بېكىتى |