- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 6568
- نادىر
- 3
- يازما
- 178
ئۆسۈش
100%
|
تۈركىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا قانۇن چىقىرىپ ھاراق تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى ، ئىگىلىنىشىچە ،بۇ يېڭى قاننۇندا ، ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئېلان ياكى ياشلار قاتناشقان يىغىلىشلاردا پەيدا بولىشى چەكلەنگەن . پەقەت ئىجازەتكە ئېرىشكەن ماخىزىن ۋە ئاشخانىلارنىڭلا ھاراق سېتىشىغا يول قويۇلغان .بۇ بەلگىلىمە تۈركىيە جەمئىيتىدە تالاش - تارتىش پەيدا قىلدى.بەزى كىشىلەر بۇنى "ھۆكۈمەتنىڭ دىندىن خالى تۇرمۇش شەكلىنى چەكلىگەنلىكى " دەپ قارىدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھاراقنى چەكلىگەنلىكى ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنى نارازى قىلدى، تۈركىيەلىك مەيپۇرۇش ( يېڭى قانۇن چىقىرىلغاندىن كېيىن تور ئارقىلىق ئۈزۈن ھارىقىمنى ساتالمايلا قالماي ، يەنە ھاراق كېچىلىكىمۇ ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولدۇم )دېدى. ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى 12-يانۋار :"تۈركىيەدىكى ئەفىس بىسسون ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئىسمى داڭلىق پىۋا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش بولغاچقا ،بۇ كوماندا ئەمدى ئىسمىنى ئۆزگەرتمىسىە بولمايدىغان بولدى "دەوپ خەۋەر بەردى.
ئۆكتىچىلەرنىڭ باياناتچىسى "چەكلەش پىسخىكىسى "تۈركىيەنى كونتىرول قىلماقچى بولىۋاتىدۇ ،بۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ دىندىن خالى تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ "دېدى .لېكىن بۇ قانۇننى يولغا قويۇشقا مەسئول تاماكا-ھاراق باشقۇرۇش كوممىتىىتنىڭ مەسئولى "ھاراق چەكلەش بۇيرۇقى بىلەن دىندىن خالىي تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتى يوق دېدى.
تۈركىيەدە 90% تىن ئارتۇق ئادەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .تۈركىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭلىسى ئەردۇئان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دىنىي تۈسى قويۇق رەھبەر ، ئەردۇئان ھۆكۈمىتى ھاراق ئىچىشنى تەرغىپ قىلمىسىمۇ،لېكىن ھاراقنى چەكلىمەيدۇ.ەردۇنئانمۇ كۆپ قېتىم ئىسپىرتلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ ئۈزۈم يىمەي ، ئۈزۈم ھارىقى ئىچىدىغانلىقىنى چۈشۈنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى ،تۈركىيە ئۈزۈم ھارىقى ئىستىمال قىلىش تارىخى ئۇزاق دۆلەتلەرنىڭ بىرى ، بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەدە يەنە (ژاگۈلۈ)ماركىلىق ھاراق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ . بۇ ھاراققا سۇ قوشۇلغاندىن كېيىن ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا "شىر سۈتى "دەپمۇ ئاتالغان ، تۈركىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ،توي ،ۋە باشقا مۇھىم يىغىلىشلاردا "ژاگۈلۈ" ماركىلىق ھاراق بىلەن ئۈزۈم ھارىقى كەم بولسا بولمايدۇ
ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتىدىن باغداش تورى تور يۈزىگە يوللىدى
ئەسكەرتىش:كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ،ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! |
|