توردا قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتسىڭىز جاۋابكارغا ئايلىنىسىز! شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئورنىدىن كۆرەش ھاشىم، ئادۋۇكاتىم گۇرۇپىسىدىن مۇھەممەتئىلى توختى
ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا توردا ئۇچۇر تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىرىشكەن كۆپلىگەن پۇقرا ۋە كارخانچىللىرىمىز، تور دۇنياسىىدا ئۇچۇر تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، تىخنىكىلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۆزلىرى توپلىغان خىلمۇ – خىل ئۇچۇرلارنى رەتلەپ ۋە تارقىتىپ، مەلۇم ئىقتىسادى نەپكە ئىگە بولغاندىن باشقا، شىنجاڭنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى قۇرلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مىللى مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم روللارنى ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئۇچۇر تارقاتقۇچى توربەت ئىگىللىرى ۋە باشقۇرغۇچىلار توردا ئۇچۇر تارقىتىش ھوقۇقىنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكتىن، قانۇنسىز ھالدا توردا قىسمەن ئورۇن ۋە شەخسىلەرنىڭ يازما ئەسەرلىرى، ئىغزاكى ئەسەرلىرى، موزىكا، تىياتىر، ئەلنەغمە، ئۇسسۇل، سىرىك سەنئىتى ئەسەرلىرى، گۈزەل – سەنئەت، فوتۇ – سۈرەت ئەسەرلىرى،كىنو ئەسەرلىرى... قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۋاتقان توردا تارقىتىپ ياكى ئۆزگەرتىپ مىللى مەدەنىيەتنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشىغا، ئۇچۇر ئالمىشىشنىڭ ساغلام راۋاجلىنشىغا تەسىر كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە توردا بىر قىسىم ئېلىم ساپاسى ھازىرلانمىغان «ئوبزورچىلار ۋە ھاقارەتشۇناسلار» باشقىلارنىڭ شەخسيتى، قەدىر - قىممەت ھوقۇقىغا چىقىلىدىغان، ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەن ئىغۋالارنى تارقىتىپ، جەمىيەت مۇقىملىقىغا، ساغلام ئېلىم رىقابىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا يامان تەسىرلەرنى بەردى. بىر قىسىم ئاپتۇرلارنىڭ نام – شۆھرەت ھوقۇقى،ئەسەر ھوقۇقى، كىشىلىك ئىززەت – ئابرۇيى خالىغانچە ھاقارەت قىلىنىپ، تالانت ئىگىللىرىنىڭ ۋە ئاپتۇرلارنىڭ مەنىۋى قاتىللىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىللىرى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىللىرىنىڭ رۇخسىتىنى، ماقۇللىقىنى ئالماي – تۇرۇپ تارقىتىش، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىللىرىنى ۋە ئەسەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتمەسلىك، كىنو – فىلىملەرگە ئۆزى خالىغانچە بۇزۇپ ئاۋاز بېرىپ تارقىتىش، ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز ئەسەر مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋىتىش، باشقىلارنىڭ ئەسىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى باھالىغاندا سالاھىيتىنى يۆشۇرۇپ، «نىقاپلانغان» سالاھىيتى بىلەن ئوتتۇرىغا چېقىپ، ئىلمىيلىكتىن چەتنەپ، شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلىش، يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ تۆھمەت قىلىش ۋە ھاقارەتلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.يىقىنقى بىر يىلدىن بۇيان توردا كىشىلىك – قەدىر قىممەت ۋە نام شۆھرەت ھوقۇقى چىقىلىشقا ئۇچىرىغان ئەلى قۇربان، زىۋىدە خانىم، ئۆمۈد غېنى، يالقۇن رۇزى، زۇلپىقار بارات ئۆز باش .. قاتارلىقلار بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بولالايدۇ. بۇلارنىڭ ئەسىرنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ كىشىلىك قەدىر – قىممىتى، نام – شۆھرەت ھوقۇقى دۆلەت قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئۇلارنىڭ شەخسىيتىگە چىقىلىش قانۇن تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ. بەلكىم بىر قىسىم «تۆھمەتشۇناس ۋە ھاقارەتشۇنۇسلار» ئۆزلىرىنىڭ نىقابلانغان سالاھىيتىگە زىيادە ئىشىنىپ، « بىز نىمە دېسەك، كىملىكىمىزنى ھىچكىم بىلەلمەيدۇ، جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇپ قالىمىز» دەپ ئويلاپ قالغان بولىشى مۈمكىن. ئەگەر « ھاقارەت ۋە تۆھمەت» كە ئۇچىرىغۇچى دەۋاگەر مۇجۇت بولۇپ، دېلو مەلۇم قىلىنىپ قالسا قانۇن ئورگانلىرى «كوكۇلىڭىزدىن تۇتۇپ» جاۋابكارلىققا تارتىپ، نۇرمال تۇرمۇشىڭىزدىن ئايرىپ قويۇشى مۈمكىن. بۇ سوتسىيالىشتىك دۆلەتنىڭ قانۇنى كاپالىتىدۇر.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كىرەككى توردا ئۇچۇر تارقىتىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىۋاتقان توربەت ئىگىللىرى يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، ياكى بولمىسۇن ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، توربىتىنىڭ كۆرۈلۈش قىتىم سانى، تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەزالار سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە تىخىنىكىلىق تەدبىرلەرنى قوللانماي، ئۇنى چەكلىمەي ياكى ئالدىنى ئالماي، جەمىيەتتە يۇقارقىدەك سەلبىي ھالەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولىشىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولىۋاتىدۇ. بۇنى توردا ئۇچۇر تارقاتقۇچى توربەت ئىگىللىرى، ئاتالمىش «ھاقارەتشۇناس» ئاپتۇرلار قانۇن نوقتىسىدا تۇرۇپ چۈشەنمىسە، قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان ئىغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانماق قىيىن. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا توردا ئىغۋا تارقىتىش سەۋەبىدىن جىنايى جاۋابكارلىقىقا تارتىلغانلارنىڭ نەقەدەر كۆپلىكىنى بىر قىسىم تور بەت ئىگىللىرى ۋە يۇقارقى «ھاقارەتشۇناسلار» بىلمىسە كىرەك. بۇنى چوقۇم توردا ئۇچۇر تارقىتىش سالاھىيتىگە ئىرىشكەن توربەت ئىگىللىرى، تور بەت باشقۇرغۇچىلار ئالدى بىلەن بىلىشكە تېگىشلىك تەخىرسىز زۆرۈرىيەت. ئۇنداق بولسا تۇردا ئۇچۇر تارقىتىش ھوقۇقى دېگەن نىمە؟ يۇقارقىدەك قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى تىخنىكىلىق تەدبىر ئارقىلىق تور باشقۇرغۇچى تىزگىنلىيەلەمدۇ ـ يوق؟ توردا يۇقارقىدەك قانۇنسىز ئۇچۇرنى تارقىتىپ، باشقىلارنىڭ ھوقۇقى چىقىلىشقا ئۇچىرسا ئۇچۇر يازغۇچى جاۋابكار بولامدۇ ياكى توردا ئۇچۇر تارقاتقۇچىمۇ ؟ قانۇندا بۇنىڭغا قارتا قانداق بەلگىلىمە بار؟ ئۇلار قايسى خىل جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؟ . بىز مۇشۇ مەسىلىلەرنى قانۇن دائىرسىدە تۇرۇپ، ئۆز قىرىنداشلىرىمىزغا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت نوقتىسىدىن چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى لايىق تاپتۇق. بۇنىڭ «ھاقارەتشۇناس ۋە تۆھمەتشۇناس» لارغا ھەمدە تور بىكىتى قۇرغۇچىلارغا ئاز – تولا پايدىسى بولۇپ ، ھاقارەت ۋە تۆھمەتتىن خالى ئىلمى مۇنازىرە مۇھىتى شەككىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ قارايمىز.
1. توردا ئۇچۇر تارقىتىش ھوقۇقى دېگىنىمىز ــــ «توردا ئۇچۇر تارقىتىش ھوقۇقىنى قوغداش نىزامى» نىڭ 26- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا:« سىملىق ياكى سىمىسىز شەكىلدە جامائەتچىلىكنى ئەسەر، ئويۇن، ئۈن – سىن بۇيۇمى بىلەن تەمىنلەپ، جامائەتچىلىكنى ئۆزلىرى تاللىغان ۋاقىت ۋە جايدا ئەسەر، ئويۇن، ئۈن – سېن بۇيۇمىغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ بەلگىلىمە توردا ئۇچۇر تارقاتقۇچىغا چىقىرىلغان مەخسۇس بەلگىلىمە بولۇپ،بۇنى كونكىرىتنى تەدبىقلىغاندا توردا ئۇچۇر تارقاتقۇچىنىڭ كەڭ جامەتچىلىكنى ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىت ۋە جايدا ئۇچۇرغا ئىگە قىلىش مەجبۇرىيتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2.تور ئابۇنۇتلىرى قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى يولىغاندا تور باشقۇرغۇچى قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى تىخنىكىلىق تەدبىر ئارقىلىق تىزگىنلىيەلەيدۇ. تىخنىلىق تەدبىر دېگىنىمىز «توردا ئۇچۇر تارقىتىش ھوقۇقىنى قوغداش نىزامى»نىڭ 26-ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا «ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئەسەر، ئويۇن، ئۈن – سىن بۇيۇمىنى كۆرۈش، ھوزۇرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، چەكلەيدىغان ياكى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتچىلىكنى ئەسەر، ئويۇن، ئۈن – سىن بۇيۇمى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۆنۈملۈك تىخنىكا، ئۈسكىنە ياكى سەپلىمىلەرنى كۆرسىتىدۇ. » دەپ بەلگىلەنگەن. توردا ئۇچۇر تارقاتقۇچى يۇقارقىدەك تىخنىلىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا توردا ئۇچۇر تارقاتقاندا ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلار چوقۇم قانۇنى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرشى كىرەك . توردا ئۇچۇر تارقاتقۇچى ھەرقانداق قانۇنسىز ئۇچۇرنى ۋاقتىدا چەكلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق ھازىرلىغان بولىدۇ، بۇ تور باشقۇرۇش تىخنىكىلىق ئىقتىدارى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.
3. توردا قانۇنسىز ئۇچۇرنى تارقىتىپ، ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى، نام – شۆھرەت ھوقۇقى دەخلى تەرۈزگە ئۇچىراپ، دەۋا شەكىللەنسە جاۋابكارلىقنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ دېگەن مەسىلىگە قارتا « ھوقۇققا چىقىلىش جاۋابكارلىق قانۇنى» نىڭ 36- ماددىسىدا:« تور ئابونۇتچىللىرى، تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭ ھەق – تەلەپ ھوقۇق – مەنپەتىگە توردىن پايدىلىنىپ زىيان يەتكۈزگەنلىرى ھوقۇققا چىقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىش كىرەك. تور ئابۇنۇتچىللىرى تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ ھوقۇققا چىقىلىش ھەركىتىنى قىلغاندا ھوقۇقى چىقىلىنغۇچى ئۆچۈرۋىتىش، نىقاپلاش، ئۈزۈۋىتىش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھەققىدە تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىرى زىياننىڭ كۆپىيىپ كەتكەن قىسىمى ئۈچۈن شۇ تور ئابۇنۇتچىسى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن ئابۇنتچىنىڭ ئۆزىنىڭ تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ھەق – تەلەپ ھوقۇق مەنپەتىگە زىيان يەكۈزىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىرى زىياننىڭ كۆپىيپ كەتكەن قىسىمى ئۈچۈن شۇ تور ئابۇنۇتچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا يۇقارقىغا ئوخشاش « غەيۋەتشۇناس ۋە تۆھمەتشۇناس» لار توردىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقى، كىشىلىك قەدىر – قىممەت ھوقۇقىغا چىقىلغان قىلمىشى ئۈچۈن قانۇنى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، بۇنى بىلىپ تۇرۇپ تەدبىر قوللانمىغان، ئۆز مەيلىگە قويىۋەتكەن تور بەت ئىگىللىرى، تور بەت باشقۇرغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا قانۇنى جەھەتتىن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
4. توردا قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش قىلمىشى يىنىك بولغاندا ھەق – تەلەپ جاۋابكارلىقى، مەمۇرى جاۋابكارلىقنى ، ئىغىر بولغاندا جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنداق دېيىشتىكى ئاساسىمىز ئالىي خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتىغا ئاساسلانغاندا توردىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا ھاقارەت قىلغان، تۆھمەت قىلغان ئۇچۇر ئىلان قىلىنىپ، كۆرۈش قىتىم سانى 5000 دىن ئارتۇق بولسا ياكى تارقىتىش قىتىم سانى 500 دىن ئارتۇق بولسىلا تۆھمەت قىلىش جىنايىتى ياكى ھاقارەت قىلىش جىنايتى شەكىللىنىدۇ. تارقاتقان ياكى كۆرگەنلەر سانى بۇنىڭدىن ئارتۇق بولسا قىلمىشى ئىغىر دەپ قارىلىدۇ. «جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 246- ماددىسىىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئىغىر بولغانلىرىغا قانۇنغا بەلگىلەنگەن چەك ئىچىدە ئىغىر جازا بېرىلىدۇ. توردا ئۇچۇر تارقاتقۇچى يالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، توردا تارقاتقان، ياكى باشقىلارنى تەشكىللەپ، كۈشكۈرتىپ، توردا ئۇچۇر تارقىتىپ، چوقان كۆتۈرۈپ ئىش چىقىرىپ، جەمىيەت تەرتىۋىنى ئىغىر قالايمىقان قىلغانلارغا «جىنايى ئىشلار قانۇنى» 293- ماددىسىدىكى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
شۇڭا توردا ئۇچۇر تارقاتقۇچى ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى چۈشەنگەندىن باشقا، تورغا ئۇچۇر يوللىغۇچىلارنىڭ يامان نىيەتتە يوللىغان ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا تىخنىكىلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىشى،ئۆزى قۇرغان تور بەتلىرى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى دەبدەبىگە سالىدىغان ھاقارەتچىلەر بازسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېلىم – پەن، ئەقىل ئىختىرالىرىنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇردىغان ساغلام تور مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، جەمىيەتكە مەسئۇل بولىشى كىرەك.
ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ مۇنبەرگە يوللاندى !
باغداش تورىغىلا خاس رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ! |