قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1449|ئىنكاس: 11

ئادۋۇكاتنى كىم ئاقلايدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

35

دوست

400 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8883
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 800063
تۆھپە : 802415
توردىكى ۋاقتى: 2768
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-24 19:05:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادۋۇكاتنى كىم ئاقلايدۇ؟
كۆرەش ھاشىم,مۇھەممەتئىلى توختى

)شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ مودىر ئادۋۇكاتى، «ئادۋۇكاتىم» قانۇن ياردەم ۋە تەرجىمە گۇرپىسىدىن (



   ئېلاۋە: ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرى 30 نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردى، بۇ 30 نەچچە يىل جەريانىدا ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش، قانۇنننىڭ توغرا يۈرگۈزۈلىشىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتى، قانۇنچىلىق قۇرلىشى، ئەدىلىيە ئادىللىقىنىڭ ئىشقا ئېششى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى كۆپ قىسىم پۇقىرالار، قانۇنى ئېگىلەر ۋە باشقا ئىقتىساتى تەشكىلاتلار ئادۋوكاتلارغا نۇرغۇن ياخشى باھالارنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەيەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، جەمىيەتتە يەنە بىر قىسىم كېشىلەر ئادۋۇكاتلارنى «ئىلمىي قويمىچىلار»، «ئەسكى ئادەملەر ئۈچۈن گەپ قىلغۇچىلار »، «ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچىلار»، « پۇل ئۈچۈن ئاق – قارىنى ئاستۈن ئۈستۈن قىلغۇچىلار»،«جەمىيەت تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ قارشىسىدىكى كىشىلەر»... دېگەندەك يامان ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلەپ، ئادۋۇكاتلارنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتى، بولۇپمۇ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى فونكىسىيلىك رولىنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ.بۇ خىل پاسسىپ ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ كۇنسايىن ئىغىرلىشىپ بېرىشى ئادۋوكاتلارنىڭ كېشىلەر قەلبىدىكى ئوبىرازىغا، مىللى ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال مول قانۇن بېلىمى، تەجىربىسى، كۈچلۈك ئەقىل – پاراسىتى، ئەتىراپلىق لوگىكىلىق تەپەككۇرى، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتىكى سەزگۈرلىكى ئارقىلىق باشقىلارنى ئاقلاش، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ خىزمەت نىشانى قىلغان ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاقلىنىشقا،ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۆزلىرى شوغۇللىنىۋاتقان كەسىپنىڭ ئوبىرازىنى قوغداشقا مۇھتاج قىلىپ قويىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا جەمىيەتتە ئادۋۇكاتلارنى قارلىغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان، ئاممىنىڭ ئادۋوكاتلارنى ۋە ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنى چۈشىنىشى زور دەرىجىدە يېتەرسىز بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئادۋوكاتنى كېم ئاقلايدۇ؟بۇ ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ۋە شوغۇللانماقچى بولىۋاتقانلار ئۈچۈن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك تەخىرسىز مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، جەمىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بېرى. بۇ مەسىلىگە توغرا جاۋاب تېپىش –تاپالماسلىق، ئادۋۇكاتلارنىڭ ئوبىرازىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش تۇرغۇزالماسلىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مىللى ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرىنىڭ قايسى يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققى قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   بۇ ماقالىدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرلغاندىن سېرىت، ئاساسلىق قىلىپ جەمىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ئادۋۇكاتلارغا بولغان تۈرلۈك سەلبىي باھا، پاسسىپ كۆز قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئادۋۇكاتلارنى يۇقارقىدەك ئىبارىلەر بىلەن قارلىغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان، ئادۋوكاتلار ۋە ئادۋوكاتلىك تۈزۈمىگە بولغان چۈشۈنۈش يېتەرسىز بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئادۋوكاتنى كېم ئاقلايدۇ؟ ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ ۋە ئادۋۇكاتلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبىرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ،تېخمۇ كۆپ كېشىلەرنىڭ ئادۋوكاتلار قوشۇنىغا بولغان ياخشى باھاسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مىللى ئادۋۇكاتلار قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى زۆرۈر؟ ..دېگەندەك مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەش مەقسەت قىلىنىدۇ.ئاپتۇر بۇ ئارقىلىق كىتابخانلار بىلەن ئېلمى يۇسۇندا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆمۈد قىلىدۇ.

ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ قىسقىچە تەرەققىياتى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مىللى ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
  ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى قەدىمقى رىمدىن باشلانغان بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. قەدىمقى رىم ئىمپىريىسىنىڭ قانۇنلىرىدا رىم پۇقىرالىرىنىڭ ھەق – تەلەپ دەۋالىرىدا ۋە جىنايى ئىشلار دەۋالىرىدا قانۇننى بىلىدىغان كىشىلەرنى ئادۋۇكاتلىققا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىگە ۋاكالىتەن دەۋاغا قاتناشتۇرشىغا يول قويۇلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنى 2000 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ.دۆلىتىمىزگە نىسىبىتەن ئېلىپ ئىيتقاندا ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى چەتئەلدىن كىرگۈزلگەن تۈزۈم بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا بۈگۈنكى زامان مەنىسىدىكى ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىگە ئوخشاش ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى ئورنىتىلمىغان. پايتەخىت ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى،قانۇن مۇتەخەسىسى، داڭلىق جىنايى ئىشلار ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى تىيەن ۋىنچىياڭ ئۆزىنىڭ «ياش ئادۋۇكاتلارغا يىزىلغان بىر پارچە خەت» ناملىق ماقالىسىدە:« 1912- يىلى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى يۈەنشىكەي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكىمىتى ئىلان قىلغان‹ئادۋۇكاتلار ۋاقىتلىق نىزامى› دۆلىتىمىزدە ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنىڭ رەسمى ئورنىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما كونا جۇڭگۇدا مۇستەبىتلىك ئەۋىج ئالغان، جەمىيەت قالايمىقان بولغاچقا قانۇنى تەرتىپ ۋە ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى دەپسەندە قىلىنشقا ئۇچىراپ نۇرمال تەرەققى قىلالمىدى. 1949- يىلى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى گومىنداڭنىڭ كونا قانۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1954- يىلى ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى قايتىدىن تۇرغۇزۇلدى، 1957- يىلى ئوڭچىلارغا قارشى كۆرەش باشلىنىپ، ئادۋۇكات كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ‹ئەسكى ئادەملەر ئۈچۈن گەپ قىلغۇچى› دەپ قارالغىنى ئۈچۈن ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1979- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ تەجىربە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە ئەمدى 100 يىل بولدى، بۇ 100يىل جەريانىدا ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ نۇرمال تەرەققى قىلغان ۋاقتى پەقەت 1979- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان 30 نەچچە يىل بىلەن چەكلىنىدۇ »[①] دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دۆلىتىمىزدىكى قانۇنشۇناسلار ۋە ئادۋوكاتلار ئارىسىدا بىر قەدەر بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مىللى ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ پۈتۈن مەمىلىكەت ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن بىردەك بولۇپ، 1954- يىلى ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى تۇرغۇزۇلدى، 1957- يىلى ئوڭچىلارغا قارشى كۆرەش تەسىرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 1979- يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.قىسقىغىنە ئوتتۇز نەچچە يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى يۇقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، ئادۋوكاتخانىلار سانى، ئادۋوكاتلار قوشۇنى كىچىكلىتىن زورىيۇپ، تىز سۈرئەتتە كۆپىيىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادۋوكاتلار جەمىيتى تۈزگەن«شىنجاڭدىكى ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنىڭ 1982- يىلىدىن 2012- يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى تەرەققىيات ئەھۋال دوكىلاتى» ناملىق كىتاپتا:«2012-يىلى يىل ئاخىرغىچە رايۇنىمىزدىكى ئادۋۇكاتلار سانى 3535 كە يەتتى،ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكاتلىرى 765 نەپەر بولۇپ، پۈتۈن رايۇن ئادۋوكاتلار سانىنىڭ %21.6نى ئىگەللەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكاتلىرى ئېچىدە ئۇيغۇر ئادۋوكاتلارنىڭ سانى 565 نەپەر دەپ خاتىرلەنگەن»[②] ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مىللى ئادۋوكاتلار سانىنىڭ 700گە، مىلللىي ئادۋوكاخانىلار سانىنىڭ 50 كە يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. 30 نەچچە يىللىق تارىخى تەرەققىات جەريانىدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئادۋوكاتلىق كەسپى ھەق – تەلەپ، مەمۇرى دېلولاردا ۋاكالەتچى بولۇش، جىايى ئىشلار دېلولىرىدا ئاقلىغۇچى بولۇشتىن دەۋا سېرتىدىكى دېلولارنى بېجىرىش، شىركەت ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، ۋاكالىتەن ماركا بېجىرىش،پاتنىت ئىلتىماس قىلىش... قاتارلىقلارغا كىڭەيدى.

جەمىيەتتە ئادۋۇكاتلارغا بولغان تۈرلۈك سەلبىي باھا، پاسسىپ كۆز قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا تەھلىل:
     دەرەخ سەۋەپسىز لىڭشىمىغانغا ئوخشاش، سەۋەپسىز نەتىجىنىڭ بولىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ، شۇڭىلاشقا جەمىيەتتە ئادۋۇكاتلارغا بولغان سەلبىي باھا، پاسسىپ كۆز قاراشلارنىڭ كۇنسايىن ئاۋۇپ بېرشىنى سەۋەپسىز بولغان دەپ ئىيتىش دۇرۇس ئەمەس. مۇھىمى بۇ ئىجتىمائىي مەسىلە ئىچىگە يۆشۇرۇنغان سەۋەبنى تېپىپ چېقىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كىرەك. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بىر قىسىم پۇقىرالار ئارىسىدا ئادۋۇكاتلارغا بولغان سەلبىي باھا، پاسسىپ كۆز قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىنى تۆۋەندىكى نوقتىلاغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
   1. جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان باھالىرىنىڭ دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، ماتىماتىكلارغا ئوخشاش يۇقىرى بولماسلىقىنى ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىك بەلگىلىگەن. ئامرىكىلىق ئادۋۇكات لىچاسى خېدىس «مېنىڭ چۈشەنمىگەن يېرىم بىز نىمىشقا ئەڭ ئاخىرىدا مەيدىمىزنى تىك تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزىنى ھاۋالە قىلغان دەۋالاشقۇچىلار ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىش ئادۋۇكاتنىڭ بىر تۈرلۈك فونكىسىيسى دېمەيمىز؟» دېگەن. ئامرىكىلق داڭلىق ئادۋۇكات ئەيلۈن دېشاۋىيس ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى «ئەڭ ياخشى ئاقلاش»تا جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى توغرۇلۇق توختىلىپ: « جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى ئاقلاش پائالىيتى بىلەن شوغۇللانغان ۋاقىتتا، بولۇپمۇ ھەقىقەتەن جىنايىتى بار جاۋابكار ئۈچۈن ئاقلاش ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ خىزمىتى بارلىق قانۇنلۇق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ‹بارلىق پاكىت›نى يۆشۇرۇشتىن ئىبارەت. جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتىغا نىسىبىتەن ئېلىپ ئىيتقاندا ئەگەر دەلىل – ئىسپات قانۇنسىز ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئېرىشىلگەن بولسا ياكى دەلىل – ئىسپاتقا بىر تەرەپلىمىلىك يۈكلەنگەنلىكتىن ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئىھتىماللىقى بولغان بولسا،گەرچە بۇ دەلىل – ئىسپات پۈتۈنلەي راست بولغان تەقدىردىمۇ ئادۋۇكات سوتنىڭ بۇ دەلىل – ئىسپاتنى قۇبۇل قىلىشىغا چوقۇم قارشى تۇرۇشى كىرەك» دېگەن. ئادۋۇكاتلىق كەسىپى بىر تۈرلۈك ئالاھىدە كەسىپ بولۇپ، ئۆزىنى ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغداش ئادۋۇكاتنىڭ باش – تارىتىپ بولماس مەجبۇرىيتى، لىكىن بىر مەسىلە ناھايىتى ئىنىقكى ئادۋۇكات سوتتا پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداۋاتقان شەخس كېشىلەرنىڭ قەلبىدە ئەسكى ئادەم، ھەتتا ئۇچىغا چىققان ئەبلەخ دەپ قارىلىشى مۈمكىن. رايۇنىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر ئادۋۇكاتنىڭ نېمە ئۈچۈن قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، زەھەر ئېلىپ – سېتىش، بۇلانچىلىق قىلىش... جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ قارالغان جىنايەت گۇماندارى ئۈچۈن گەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار سوت ئاخىرقى ھۆكۈمىنى چېقىرىشتىن بۇرۇنلا جىنايەت گۇماندارىنى جىنايەتچى دەپ بىكىتىپ بولىدۇ، ئۇلار «جىنايەتسىز دەپ پەرەز قىلىش» ، تەرتىپ ئادىللىقى، قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتنى چىقىرىپ تاشلاشنىڭ مۇھىملىقىغا، جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ پەرەز قىلىنغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ چوقۇم قوغداشقا تېگىشلىك ھوقۇق-مەنپەتلىرىنىڭ بارلىقىغا، ھەتتا ئۇنىڭ جىنايەتسىز بولۇش ئىھتىماللىقىغا ئىتىبارسىز قارايدۇ. ئۇندىن باشقا ئادۋۇكاتلارنىڭ قانۇن مۇلازىمىتى ھەقلىق مۇلازىمەت بولۇپ، بۇ خىل يۇقىرى دەرىجىلىل مۇلازىمەتنىڭ باھاسىنى رايۇنىمىزدىكى نۇرغۇن كېشىلەر ئادىل ئەمەس دەپ قارايدۇ، ئادۋۇكاتلىق مۇلازىمىتىنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت بولۇش ئالاھىدىكىلكىگە ئاساسلىنىپلا ئادۋۇكاتلارنى سودىگەر دەپ قارايدۇ، ئادۋۇكاتلارنىڭ قانۇن ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىدۇ. شۇڭىلاشقا ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىك جەمىيەتتە ئادۋۇكاتلارغا بولغان باھانىڭ دېگەندەك يۇقىرى بولماسلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك سەۋەبى بولالايدۇ.
  2. ئادۋۇكاتلارنى ھەر خىل يامان سۈپەتلەر بىلەن، ھەتتا ھاقارەت سۆزلىرى بىلەن سۈپەتلەش رايۇنىمىزدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاساسەن دىگۈدەك بار ئىش. نۇرغۇن كېشىلەر ئامرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەردە ئادۋۇكاتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورۇنىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئامرىكىدا دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئىككى تۈرلۈك كەسىپ ئىكەنلىكى، ئامرىكا تارىخىدىكى نۇرغۇن زۇڭتۇڭلارنىڭ ئادۋۇكاتلاردىن سايلانغانلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشىدۇ، لىكىن ئۇ يەردىكى پۇقىرالارمۇ ئادۋۇكاتلارنى يامان سۈپەتلىك، ھەتتا ھاقارەت خاراكتىرلىك ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلەشكە ئادەتلەنگەن. ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى بارلىققا كەلگەن قەدىمكى رىم دەۋرىدىلا ئەپىلاتۇن ئادۋۇكاتنى كەسكىن تەنقىد قىلغان، شىكىسبىر ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئادۋۇكاتنى ئەسكى ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن ھەمدە ئادۋۇكاتلارنى دۇنيادىن يوق قىلۋىتىش غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامرىكىدا نۇرغۇن كېشىلەر ئادۋۇكاتنى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئارۇزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇرال، ئادۋۇكات پەقەت دەۋالاشقۇچىلار قىلمىشىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى توغرىسىدا پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،پۇلدارلارنىڭ باجدىن قېچىشىغا ياردەملىشىدۇ، كۈچلۈك بولغان مۇنازىرە پىكىرلىرى ئارقىلىق پاكىتنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىدۇ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ بولمىغان بارلىق قارارلىرىنى ئىجىرا قىلىدۇ، بىر ياخشى ئادۋۇكات بىر ياخشى ئادەم بولالمايدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ ھەقتە ئەنگىلىيلىك سىياسەتشۇناس، پەيلاسوپ ۋىليام گېدۋېن «بىر ياخشى ئادۋۇكات بىر سەمىمىي ئادەم بولسا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كېشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان، ئەمما ئەيىپلەشكە بولمايدىغان مەسىلىدۇر» دېگەن.ئامرىكىنىڭ «شەيتاننىڭ ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسى»، «ئادۋۇكان لىن كىن»،«ئادۋۇكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنى» قاتارلىق فىلىملىرىدىكى ئادۋۇكات ئوبىرازى ئامرىكا پۇقىرالىرىنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان مۇرەككەپ ھىسىياتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
   3. كىشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان غايىۋى تەسەۋۇرى بىلەن ئەمىلىيەت ئوتتۇرسىدىكى پەرىق، ئۇلارنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان باھاسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر تۈرلۈك سەۋەب. كىشىلەر دائىم دېگۈدەك تاماق يىيىشكە، كىيىم – كچەك سېتىۋىلىشقا، ساتىراچخانىلارغا، ھەتتا دوختۇرخانىلارغا بېرىشقا مۇھتاج بولۇپ تۇرىدۇ، لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر دەۋاغا قاتناشماسلىقى، ئادۋۇكات بىلەن ئۇچىراشماسلىقى مۈمكىن، ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى ئادۋۇكات ئوبىرازى كېنو، تىلىۋوزۇرلاردىكى جانلىق ئوبىرازلاردىن، يازما نەشىر بۇيۇملىرىدىكى توقۇلما ئارلاشقان بايانلاردىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئادۋۇكات كۈچلۈك لوگىكىلىق تەپەككۇرى، مول قانۇن بىلىمى، قايىل قىلارلىق نوتۇقى، دەۋا تەجىربىسى ئارقىلىق سوتنى قايىل قىلىپ، جىنايەت گۇماندارلىرىنى شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە گۇناھسىز قىلىپ قويدۇرۋىتەلەيدىغان، سوت مەيدانىدا ئەركىن مېڭىپ يۈرۈپ پىكىر بايان قىلالايدىغان، قولىدىن ھەممە ئىش كېلدىغان غايىۋىلەشتۈرۈلگەن ئوبىرازلاردۇر، لىكىن ئەمەلىيەت بۇنىڭدىن كۆپ يىراقتا، ھەتتا دۆلىتىمىزدە ئادۋۇكاتلارنىڭ مىڭىپ يۈرۈپ مۇنازىرە پىكىرىنى بايان قىلىشى،جاۋابكار، گۇۋاھچى، زىيانكەشلىكە ئۇچىرىغۇچىلاردىن خالىغانچە سۇئال سورىشى چەكلەنگەن.بۇرۇن ئەزەلدىن دەۋاغا قاتنشىپ باقمىغان كېشىلەر بىرەر دەۋاغا قاتنىشىپ، ئادۋوكاتنىڭ ئولتۇرۇپ تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىشلىرىنى، مۇنازىرە نۇتۇقىنىڭمۇ كىنو، تىلىۋۇزلاردىكى ئادۋوكاتلار نوتۇقلىرىدەك جەلىپ قىلارلىق ئەمەسلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن ئادۋۇكاتتىن ئۆمۈدسىزلىنىدۇ.
   4. دۆلىتىمىزنىڭ ئادۋۇكاتلارغا، ئادۋۇكاتلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن- تۈزۈملىرى دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق – ھوقۇق مەنپەتىنى قايسى دەرىجىدە تولۇق قوغدىيالىشىغا، كېشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان باھاسىغا تەسىر كۆرسىەتتى. ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، تىز سۈرئەتتە تەرققى قىلىپ گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. دۆلىتىمىزنىڭ «ئادۋۇكاتلار قانۇنى» 1996- يىلى ئىلان قىلىنىپ، يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ 2013- يىلىغىچە جەمئىي 3 قىتىم ئۆزگەرتىلدى، قەر قىتىملىق قانۇن ئۆزگەرتىشتە ئادۋۇكاتلارنىڭ ھوقۇقى قەدەممۇ – قەدەم كۆپەيتىلىپ، ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى قىلىپلاشتۇرۇلدى.«جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»، «ھەق – تەلەپ دەۋا قانۇنى»،«مەمۇرى دەۋا قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارغىمۇ ئارقا – ئارقىدىن تۈزۈتۈش كىرگۈزلۈپ، ئادۋۇكاتلارنىڭ ھوقۇق دائىرسى كىڭەيتىلدى، لىكىن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇردىكى پەرىق يەنىلا بىر قەدر زور.تۈزۈم جەھەتتىكى ھەر خىل توسالغۇلار ئادۋۇكاتلارنىڭ ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىنى ھەقىقى تۈردە، تولۇق قوغدىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پۇقىرالارنىڭ ئادۋوكاتلارغا بولغان باھاسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
    5.بىر قىسىم ئادۋۇكاتلارنىڭ كەسپى بىلىم سەۋىيسى بىر قەدەر تۆۋەن، لوگىكىلق قانۇن تەپەككۇرى بىر قەدەر ئاجىز، ئونۋىرسال ساپاسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، نوتۇقى ئادەمنى قىلالمايدىغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان باھاسىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئىتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى خېلى كۆپ ساندىكى ئادۋۇكاتلار ئەدىلىيە ئىمتاھانىدا ئۇيغۇرچە ئىمتاھان بېرىپ C كىنىشكە ئالغان، C كىنىشكىسىگە تايىنىپ ئادۋۇكاتلىق قىلىدۇ. مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ C كىنىشكە بىلەن A كىنىشكە ئوتتۇرسىدىكى پەرىق ئادۋۇكاتلارنىڭ قانۇن بىلىمى، ئەمىلىي ئىقتىدارى ئوتتۇرسىدىكى پەرىقتىن دېرەك بېرىدۇ، A كىنىشكە ئالغان ئادۋۇكاتلارنىڭ ئونۋىرسال ساپاسى، ئەمىلى دېلو بېجىرىش سەۋىيسى C كىنىشكە ئالغان ئادۋۇكاتلاردىن يۇقىرى دېمەكچى ئەمەس. نۇرغۇن C كىنىشكە ئالغان پىشقەدەم ئادۋۇكاتلارنىڭ دېلو بىر تەرەپ قىلغان ۋاقىتتىكى ئەقىل پاراسىتى، سالماقلىقى، لوگىكىلىق تەپەككۇرىنىڭ كۈچلۈكلىكى A كىنىشكە ئالغان ئادۋۇكاتلارنى بېسىپ چۈشىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ مول تەجىربىسى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى، توختىماي ئۈگۈنۈش، ئىزدىنىش قىزغىنلىقى ئارقىلىق A كىنىشكە ئالغان ئادۋۇكاتلارنى بېسىپ چۈشمەكتە، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دېپلۇم بىلەن ئەملىي ئىقتىدارنىڭ تەڭداش مۇناسىۋەتتە ئەمەسلىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىسپاتى ھىساپلىنىدۇ. لىكىن يىڭىدىن كەسىپكارلىق بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئادۋۇكاتلار چوقۇم تېرىشىپ A كىنىشكە ئېلىشنى قولغا كەلتۈرشى كىرەك. ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم مىللى ئادۋۇكاتلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيسى دېگەندەك ياخشى، قوش تىلدا دەۋالىشىشتا قىينىلىپ قالىدۇ، يەنە نۇرغۇن ئادۋۇكاتلارنىڭ ئادۋۇكاتلىق كەسپى بىلەن شوغۇللىنىشى ئامالسىزلىقتىن، مەمۇرلۇق ئىمتىھانى، كەسپى ئورۇنلار ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي، ياخشىراق خىزمەت تاپالمىغانلىقتىن بولغان. دۆلتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن ئومۇمىي گەۋدىسى ئىچىدە زور ئىقتىدار، يۇقىرى ماھارەت، كۈچلۈك ئونۋىرسال ساپا تەلەپ قىلدىغان كەسىپنى بوراندىن پاناھلىنىدىغان پورت، ئامالسىزلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراش ئادۋۇكاتلىق كەسىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، كىشىلەرنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شوغۇللانغۇچىلارغا بولغان باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    6. ئاز بىر قىسىم ئادۋۇكاتلارنىڭ ئادۋۇكاتلا كەسپى ئەخلاقىغا رىئايە قىلماي، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەتلىرىنى زىيانغا ئۇچىرتىشى ئادۋۇكاتلارنىڭ كېشىلەر قەلبىدىن ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇننى تاپالماسلىقىدىكى يەنە بىر تۈرلۈك سەۋەبتۇر. «ئادۋۋۇكاتلار قانۇنى»، «ئادۋۇكاتلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى» قاتارلىق قانۇن نىزاملاردا ئادۋۇكاتلارنىڭ كەسپى ئەخلاقى، كەسىپ قائىدىسى بويىچە كەسىپكارلىق بىلەن شوغۇللىنشى تەلەپ قىلىنغان، لىكىن ئاز بىر قىسىم ئادۋۇكاتلار نامۇۋاپىق رىقابەتلىشىپ، پۇل تېپىشنى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداش، قانۇننىڭ توغرا يۈرگۈزۈلىشىنى قوغداشنى نىشان قىلغان كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىشنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى دەپ قاراپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچىرىتىپ، ئادۋۇكاتلار ئوبرازىنى بۇلغىماقتا. ئۇندىن باشقا ئاز بىر قىسىم ئادۋۇكاتلار ئۆز كەسىپداشلىرىنى ھۆرمەت قىلماي، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆز كەسىپداشلىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۆز كەسىپدىشنىڭ ئىززەت – ئابىرۇيىنى يەرگە ئۇرۇش بەدىلىگە ئۆزىنى قالتىس ئىقتىدارلىق قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇنماقتا، كەسىپداشلار ئارىسىدىكى بۇ خىل ناتوغرا رىقابەت كېشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان ئىجابىي باھالىرىنى يوق قىلىپ، ئادۋۇكاتلارغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچيىپ بېرىشىغا تۆھپە قوشماقتا.

ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش يوللىرى توغرىسىدا تەھلىل:
  يۇقىرىدا ئىيتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك جەمىيەتتە ئادۋۇكاتلارغا بولغان ھەرخىل نارازلىق كەيپىياتلىرىنىڭ، سەلبىي باھا، پاسسىپ كۆز قاراشلارنىڭ، يامان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشلەرنىڭ كۈچىيىپ بېرىش سەۋەبلىرى نۇرغۇن بولۇپ، بۇنىڭ ئېچىدىكى ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىلىك ، قانۇن – تۈزۈملەرنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، كېشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئادۋۇكاتلار ئوبىرازىنىڭ ئەمەلىييەتتىن يىراق بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ئادۋۇكاتلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ھەل قىلىش قىيىنغا توختايدۇ، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جەمىيەتتىكى ھەر قايسى ساھالەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا، قانۇنچىلىق قۇرلۇشىنىڭ سىجىل، تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشىغا، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىندىغان دۆلەت قۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشقا، ئاممىنىڭ قانۇن – تۈزۈم ئېڭىنى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىلى ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ، تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلغىنىغا نەچچە يۈز يىل، ھەتتا نەچچە مىڭ بولدى، بىزگە نىسبىتەن تىخى كىچىك بالا ھىسابلىنىدىغان بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى بىر نەچچە يىل ئېچىدە تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ سەۋىيسىگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس.
    ھەر قانداق كەسىپ ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرماقچى، ئۆزىنىڭ بۈيۈك، گۈزەل ئوبىرازىنى تىكلىمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم شۇ كەسىپ بىلەن شوغۇللانغۇچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. باشقىلارنى ئاقلاش، دەۋالاشقۇچىلارغا ۋاكالىتەن پىكىر بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغداش ئادۋۇكاتلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغۇچىلاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئىقتىدار. ئادۋۇكاتلار سەلبىي سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ، ئادۋۇكاتلارنىڭ ئوبىرازى خۈنۈكلەشتۈرلىۋاتقان، ئادۋۇكاتلار ئاقلىنىشقا مۇھتاج بولىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئادۋۇكاتلارنى ئاقلاشقا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ مۇۋاپىقراق نامزات بولمىسا كېرەك. ناپالىيۇن:«مەۋجۇت بولماقچى بولساڭ ئۆزۈڭگە تايان» دېگەن، ئادۋۇكاتلىق كەسىپىنى ساغلام، تىز تەرەققى قىلدۇرۇش، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئادۋۇكاتلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنى قالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئادۋۇكاتلارغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئادۋۇكاتلار تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى زۆرۈر.
  1. ئادۋۇكاتلار ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۆز كەسپىدىن پەخىرلىنشى، ئۆزىگە توغرا باھا بېرىشى كىرەك. ئادۋۇكاتلار قانۇن ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەپتىش، سوتچى، ئەدىلىيە خادىملىرىغا ئوخشاش قانۇنچىلىق قۇرلىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى پەرىق يۇقىرى – تۆۋەنلىكتە، ياخشى – يامانلىقتا ئەمەس، بەلكى خىزمەت تەقسىماتىدا ئىپادىلىنىدۇ.ئادۋۇكاتلىق كەسپى تەرەققى قىلغان ئەللەردە ناھايىتى يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانغا ئوخشاش دۆلتىمىزدىمۇ ئوخشاشلا ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇننى تاپالايدۇ.ئادۋۇكاتلار باشقىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا، ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىشى، ئۆز كەسپىنى ھۆرمەت قىلىشى، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىشى، ئۆزىنىڭ ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز كەسپىنىڭ ئوبىرازىنى قوغدىشى كىرەك. ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىر تەرەپلىمىللكە ئىگە باھالىرىنى ئاڭلاپلا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇش توغرا ئەمەس.
  2. ئادۋۇكاتلار توختىماي ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرشى، كەسپى ساپاسىنى ئۆستۈرشى كىرەك. قانۇن ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتى، يىڭى شەيئى، يىڭى ھادىسىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلشىگە ئەگىشىىپ، بۇرۇن تۈزىگەن قانۇنلار جەمىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالماي قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن تۈزۈلگەن قانۇنلارغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشكە، يىڭىدىن قانۇن تۈزۈشكە، ئەدىلىيلىك ئىزاھاتلارنى ئىلان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 2013- يىلى 11- ئايدىكى تولۇق بولمىغان سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا دۆلىتىمىزدە ھازىر 1109 تۈرلۈك قانۇن – نىزام بار بولۇپ، ئاساسى قانۇن تۈرى، ھەق – تەلەپ قانۇن تۈرى، جىنايى ئىشلار قانۇن تۈرى، مەمۇرىي قانۇن تۈرى، ئىقتىسادى قانۇن تۈرى، داۋالاش – سەھىيە قانۇن تۈرى، يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن تۈرى.... قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە چېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن، نىزام، ئەدىلىيلىك ئىزاھاتلار مەڭگۈ يېڭىلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. شۇنىسى ئىنىقكى ئۈگۈنۈشنى، ئىزدىنىشنى توختىتىپ قويغان ئادۋۇكات ياخشى ئادۋۇكات بولالمايدۇ.
  3. ئادۋۇكاتلار كەسىپلىشش يولىغا مېڭىشى كىرەك. يۇقىرىدا ئىيتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك قانۇن- نىزاملارنىڭ تۈرىلا نەچچە مىڭ خىلغا، قانۇن ماددىلىرىنىڭ سانى نەچچە يۈز مىڭغا ھەتتا مىليۇنغا يېتىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا دەۋالارنىڭ تۈرىمۇ ھەر خىل بولىدۇ، بىر ئادۋۇكات قانچىلىك قابىلىيەتلىك، كۆپ ئىقتىدارلىق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە ساھەدە مۇتەخەسس دەرىجىلىك ئادۋۇكات بولۇپ كېتەلىشى ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مەخسۇس جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىدىغان، مەخسۇس ھەق – تەلەپ دەۋالىرىنى، مەمۇرىي دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلدىغان، خەلىقئارالىق ئىقتىسادى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلدىغان ، ھەتتا تېخمۇ ئىنچىكىلىشىپ مەخسۇس نىكاھتىن ئاجرىشش ماجىرالىرىنى، ئەقلى مۈلۈك ماجىرالىرىنى، ئىلان ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلدىغان ئادۋۇكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلغىنىغا نۇرغۇن يىللار بولدى، ئۇلارنىڭ مۇۋەپەقىيەتلىرى كەسىپلىششنىڭ ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ ئاخىرقى چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. ئاپتۇنۇم رايۇنىمزغا قارايدىغان بولساق، مەخسۇس مەلۇم تۈردىكى دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئادۋۇكاتخانىلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، ھەتتا مەخسۇس مەلۇم تۈردىكى دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلدىغان ئادۋۇكاتلارنىڭ سانىمۇ يوق دىيەرلىك. بۇ ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر نۇرغۇن بولىشى مۈمكىن، لىكىن مىللى ئادۋۇكاتلاردىكى قايسى خىل دەۋاغا يولۇقسا شۇ خىل دەۋانى بېجىردىغان بۇ خىل ئەنئەنىۋى، كەسىپلىششتىن يىراق ئادۋۇكاتلىق شەكلىنى چوقۇم ئىسلاھ قىلىش كىرەك. كەسىپلىشش يولىغا ماڭالماسلىق دەۋالاشقۇچىلارغا شۇنداقلا ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.
  4. ئادۋۇكاتلار ئونۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۈرشى كىرەك. ئادۋۇكاتلىق كەسپى يالغۇز قانۇنغا چىتىلىپلا قالماستىن جەمىيەتتىكى ئىقتىساد،سىياسىي، مۇلازىمەت، مائارىپ، سەھىيە، جەمىيەتشۇناسلىق،نۇتۇقشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، لوگىكا، پەلسەپە قاتارلىق .. نۇرغۇن ساھالەرگە چېتىلىدۇ. ئادۋۇكاتلاردىكى ئونۋىرسال ساپانىڭ كەمچىل بولىشى ئۇلارنىڭ دەۋالاشقۇچىلار يولۇققان مەسىلىلەرنى تىز سۈرئەتتە، ئۆنۈملۈك ھەل قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قانۇن بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈشكىلا ئەھمىيەت بەرگەن ئادەم بەلكىم بىر لاياقەتلىك، كېشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن قانۇن تەتقىقاتچىسى بولالىشى مۈمكىن، لىكىن ئۇ بىر لاياقەتلىك ئادۋۇكات بولالمايدۇ. ئىچكىر ئۆلكىلەردە ئىنگىلىزتىلى، فىرانسۇز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، خەلىقئارالىق ئىقتىسادى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئادۋۇكاتلارنىڭ سانى خىېلىلا كۆپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بولسا دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇتىلى ئۆتكىلىدىن تولۇق ئۆتۈپ بولالمىغان ئادۋۇكاتلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس، ئونۋىرسال ساپانىڭ بىر تۈرى بولغان تىل ئۆتكىلدىىن ئۆتەلمەسلىك باشقىلاردىن بىر قەدەم ئارقىدا قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان قانۇن، ئەدىلىيلىك ئىزاھاتلارنىڭ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىشىغا مۇئەيەن جەريان كېتىدۇ. ئونۋىرسال ساپانى ئۆستۈرۈش ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك يولىدۇر.
   5. ئادۋۇكاتلار كەسپى نەزىريىۋى تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنشى كىرەك. شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتخانىسىنىڭ مودىر ئادۋۇكاتى كۆرەش ھاشىم ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرىنى نۇمۇسقا قويىۋاتقان نەزىرىيە نامىراتچىلىقى» ناملىق ماقالىسىدە خەنزۇ ئادۋۇكاتلارنىڭ نەزىرىيۋى تەتقىقات نەتىجىللىرى بىلەن ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرىدىكى نەزىرىيە بوشلۇقىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، نەزىريىۋى تەتقىقاتنىڭ ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسىبىتەن ئوينايدىغان رولىنىڭ پەۋقۇلادە زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ قارايدىغان بولساق مەرھۇم ئادۋۇكات ئەركىن ئەمەتنىڭ «سوتتىكى ئاقلاش ۋە ۋاكالەتچىلىك سۆزى» ناملىق كىتاۋىدىن باشقا ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىقىدا تا بۈگۈنگە قەدەر نەزىريىۋى تەتقىقاتقا ئائىت بىرەر كىتاپنىڭمۇ نەشىر قىلىنمىغانلىقى،ئادۋۇكالىق نەزىريىۋى تەتقىقاتىغا ئائىت ئىلمىي ماقىلىلەرنىڭ، ئېلمىي تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئادۋۇكاتلارنىڭ يوق دېيەرلىك بولىشى ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرىدىكى ئىتىراپ قىلىشقا تېگىشلىك مەغلۇبىيەتتۇر. ئادۋۇكاتلىق نەزىريىۋى تەتقىقاتى ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى، ئادۋۇكاتلار ھەركەت ئۆلچىمىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەقلى ھاسىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەمىيەتكە ئادۋۇكاتلىق كەسپىنى، ئادۋۇكاتلارنى چۈشەندۈرۈشتىكى ئۆنۈملۈك قۇرال.ئادۋۇكاتلىق كەسپى نەزىريىۋى تەتقىقاتقا تاينىپ ئۆزىنى جەمىيەتكە تونۇتۇشنى تەققازا قىلىدىغان كەسىپ، كەسپى نەزىريىۋى تەتقىقاتقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان، كەسپى نەزىريىۋى تەتقىقاتتىن ۋاز كەچكەن ئادۋۇكاتلارنىڭ جەمىيەت ئادۋۇكاتلارنى چۈشەنمەيدۇ دەپ ئاغرىنىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر خىل كۈلكىلىك ئىشتۇر. بۇ ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئاقلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
   6. ئادۋۇكاتلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرشى، دەۋالاشقۇچى، سوتچى، تەپتىشلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پۇل خەجلەپ ئادۋۇكات تەكلىپ قىلغانلىقى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ شۇ ئادۋۇكاتقا بولغان ئىشەنچى، دېلونىڭ توغرا، ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئادۋۇكات دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن دەۋالاشقۇچىلار بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ دېلو ئەھۋالىنى، ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى دوكىلات قىلىپ تۇرشى، دەۋالاشقۇچىلارغا دەۋا جەريانىدىكى بارلىق خىيىم – خەتەرلەرنى ئەسكەرتشى كىرەك، بۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ ئىپادىلىنىشى. بىز بىر قىسىم ئادۋۇكاتلارنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا ئەيىپلىگۈچى ئورگان چىقارغان بىر پارچە ئەيىپلەشنامىگە تايىنىپلا ئاقلاش پائالىيتى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلىقىنى ئۇچىرتىپ تۇرىمىز، بۇ شۇ ئادۋۇكاتنىڭ تولىمۇ ئىقتىدارلىق ئادۋۇكات ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ماۋزىدۇڭ:« تەكشۈرمىگۈچىلەرنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق» دېگەن، نەچچە توپلام دېلو ماتىريالىنى كۆرمەي، ئەستايىدىل تەتقىق قىلماي تۇرۇپ ئاقلاش پائالىيتى بىلەن شوغۇللىنىش تەكشۈرمەي تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دېلو ماتىرياللىرىنى، دەلىل – ئىسپاتلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئېلىپ بېرىلغان ئاقلاش ئۆنۈمسىز ئاقلاشتۇر، بۇ ئادۋۇكاتلاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭىلاشقا ئادۋۇكاتلار چوقۇم مەسئۇلىيەت، بۇرۇچ تۇيغۇسىنى ئۆستۈرشى، ئۆزىنىڭ دېلو ئۈچۈن چەككەن جاپا – مۇشەقەتلىرىنى دەۋالاشقۇچىلارغا ئۇلار قۇبۇل قىلالايدىغان شەكىل بىلەن بايان قىلىپ بېرىشى كىرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئادۋۇكاتلىق كەسپى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ، ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى كەلگۈسىدە دەۋالاشقۇچى بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى بولغان كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلەيدۇ.
   7. ئادۋۇكاتلار كەسىپكارلىق بىلەن شوغۇللانغان ۋاقىتتا «ئادۋۇكاتلار قانۇنى»، «ئادۋۇكاتلار كەسپى ئەخلاقى ۋە ھەركەت ئۆلچىمى»ىگە ئاڭلىق رىئايەت قىلىشى، ئۆز كەسپى ئەخلاقىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق كېشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى كىرەك. ھەر قانداق بىر كەسىپنىڭ مۇناسىپ كەسپى ئەخلاقى، كونكىرىت ھەركەت ئۆلچىمى بولىدۇ، ئادۋۇكاتلىق كەسپىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ھازىر ئادۋۇكاتلار ئارىسىدا ئەۋىج ئالغان ئادۋۇكاتلار كەسپى ئەخلاقىغا يات قىلمىشلار ئادۋۇكاتلار ئارىسىدىكى ناتوغرا رىقابەت ۋە دېلونىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا دەۋالاشقۇچىلارغا قالايمىقان ۋەدە بېرىشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئۆز كەسىپداشلىرىنىمۇ ھۆرمەت قىلىشنى بىلمىگەن ئادۋۇكاتنىڭ باشقىلاردىن ھۆرمەت تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ، ئۇندىن باشقا دۆلىتىمىز ئەدىلىيە تۈزۈلمىسىدە دېلو نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ ۋە تۇراقسىز بولۇپ، دېلو نەتىجىسى توغرىسىدا قالايمىقان ۋەدە بېرىش ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئالداش بىلەن خۇلاسلىنىدۇ. مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش بىر قىسىم ئادۋۇكاتلارنىڭ ئادۋۇكاتلىق كەسپى ئەخلاقىغا يات، پۇل تېپىشنى ئەڭ ئالىي نىشان قىلغان قىلمىشلىرى ئادۋۇكاتلىق كەسپى ۋە ئادۋۇكاتلارنىڭ كېشىلەر قەلبىدىكى ئوبىرازىنى خۈنۈكلەشتۈرىدۇ. شۇڭىلاشقا ئادۋۇكاتلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى، كەسپى ئەخلاققا يات قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرشى، دەۋالاشقۇچىلار باشقا ئادۋۇكاتلارنىڭ كەسپى ئەخلاققا يات قىلمىشلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغاندا ئۇلارغا ئادۋۇكات ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئادۋۇكاتخانا، ئادۋۇكاتلار جەمىيتى، ئەدىلىيە ئىدارىسى ئادۋۇكاتلار باشقارمىسىغا شىكايەت قىلىش ياكى دەۋا قىلىش يولى ئارقىلىق ئادۋۇكاتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش توغرىسىدا توغرا مەسلىھەت بېرىشى كىرەك.
    ئومۇملاشتۇرۇپ ئىيتقاندا، ئادۋۇكاتلىق كەسپى «ئاساسىي قانۇن» تەرىپىدىن مۇئەيەنلەشتۈرۈلگەن كەسىپ، ئادۋۇكاتلار قانۇن تەرىپىدىن ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلگەن مەلىكىلىك كەسىپكارلاردۇر. ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بەرگەن باھاسى ۋە ئىشەنچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، جەمىيەتتە ئادۋۇكاتلارغا بولغان خاتا چۈشۈنۈش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، ئادۋۇكاتلارنى بىر بىلەت بىلەن ئىنكار قىلىش خاھىشلىرى ئەۋىج ئالغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا، ئادۋۇكاتلارنى ئاقلايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئادۋۇكاتلاردۇر، ئادۋۇكاتلار گەپ – سۆزلىرى، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ مۇقەددەس ئوبىرازىنى قوغدىشى زۆرۈر.

ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن باغداش تورىغا يوللاندى!

باغداش تورىغىلا خاس رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!
uyghuray

0

تېما

7

دوست

3266

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33796
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 998
توردىكى ۋاقتى: 253
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-24 22:18:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت يازمىڭىزغا ئادۋۇكاتلىق توغۇرلىق ئازراق چۈشەنچە ھاسل بولدى..بىلمىدىم ئىسلام ئەللىرىمۇ ئادۋۇكات ئىشلتەمدۇ؟

1

تېما

0

دوست

1196

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30982
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 368
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-25 16:57:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم ئادۇۋكاتلارنىڭ كەسپى نەزەرىيە بىلىمىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى،قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ كەسپى ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى،قىسقىسقى ئادوۋكات بۇلۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ توغرا قىلىپسىز.

0

تېما

0

دوست

816

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34696
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 244
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-25 22:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بىرى ماڭا قاراپ تۇرۇپ مېنى مەجبۇرلاپ ھۆججەت يازدۇردى دەپ قارا چاپلىدى،يا سەن مېنى مەجبۇرلاپ ھۆججەت يازدۇردى دەپ ئەرز قىل بولمىسا مەن سېنى قارا چاپلىدى دەپ ئەرز قىلىمەن دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم .سوتچىلارمۇ قىززىق،ئادەم ئالداپ دەۋادىن ۋاز كەچتۈرىۋېتىدۇ
uyghuray

5

تېما

1

دوست

9291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   85.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 2390
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-26 01:25:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما مەزمۇنىدىن بىلدىمكى ئادۇۋكات قانۇن ئالدىدا قانۇندىن ياردەمگە ئرىشەلمەپتۇ، بەلكىم بۇ سىياسى دۇنيادىكى چوڭ قارا يۇمۇرلاردىن بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن (ئەگەردە خەنچىگە تەرجىمە قىلىنسا)...... باشقىسىنى ئوقۇغۇم كەلمىدى.

0

تېما

1

دوست

2571

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28269
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 766
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-26 03:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنىم ئادۇكاتلىرىم چىرايلىق قارا كۆزلىرىم ھەقاسىلىرغا ئەرزىم بار:

(توردا قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتسىزڭىز جاۋاپكارغا ئايلىنىسىز!) دىگەن يازمىلىرىدا قانداق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنىڭ قانۇنسىز بولدىغانلىقى توغرۇلۇق تەپسىلىي،مەزمۇنلۇق چۈشەنچە بىرىشىپلا. مەلۇم كىشىلەرگە قارتىپ سۆز قىلغاندا دىققەت قىلىش توغرۇلۇقمۇ ئەسكەرتىپ ئۈلگۈرۈشۈپلا. ئەكسىچە بولغاندا «كوكولاڭدىن تۇتۇپ گۇندىخانىغا ئاپىردۇ»دەپ قورقاقمۇ سىلىشىپلا...
ماقۇل شۇنداقمۇ دەيلى. بىراق قانداق پىكىرنىڭ قانۇنسىز بولدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە قانداق پىكىرنىڭ قانۇنلۇق بولدىغانلىقى توغرۇلۇق نىمىشقا چۈشەنچە بىرىشمىلە؟ قانۇن ماددىلىرىدا سۆز ئەركىنلىكى،پىكىر بايان قىلىش ھوقوقى قاتارلىق پۇقراۋىي ھەق ھوقوق ماددىلىرى بار بولغاندىكىن بۇ ھەقتە تەپسىلى ، ئۆلچەملىك قىلىپ قانۇنسىز پىكىر مانداق بولۇدۇ،قانۇنلۇقى مانداق بولۇدۇ ،سۆز ئەركىنلىكىنىڭ ئۆلچىمى مانا مانداغ دەپ ئىنىق چۈشەندۈرۈشلىرى كىرەك ئىدىغۇ دەيمەن؟
گەپ قىلىڭ دىسە ئالتە ئىشەككە ئارتقىدەك گەپنى قىلىپ ،قانۇنىي مەلۇماتنى بىر تەرەپلىمىلىك يەتكۈزۈپ ،بولمىسا قانۇننى پەش قىلىپ كوكۇلاڭدىن تۇتىمەن دەپ قورقاق سىلىپ خەخنى بىزار قىلىدىغان سوغۇق گەپ سۆزلەر بىلەن خىتاپ قىلىپ..... كىيىن ئۆز قىلمىشىنىڭ ساپاسىنى تەكشۈرمەيلا ،خەخلە ئادۇۋكاتنى ئانداق تىللىدى ماندا تۆھمەت قىلدى دەپ رەنجىيدىغان ئىشنى قانداق چۈشەنسەك بولاركىن تاڭ؟

ماڭا چۈشەندۈرۈپ قوياملا ھۆرمەتلىك ئادۇكاتلىرىم؟

0

تېما

0

دوست

696

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22113
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-26 10:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەجبۇرىيەت بىلەن بىرگە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇقمۇ تەڭ سۆزلەنسە - ھە ؟

0

تېما

0

دوست

690

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35676
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-26 11:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى مەندەك يانچۇقىدا پۇلى ئوتىدىغان گىپى يوقلارنى سوتخانا بىلەن دوختۇرخانىدىن خۇدايىم ساقلىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )