- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19385
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
  23.46%
|
ساغلام ئائىلە كىشىنى شاد _ خوراملىققا ، جۇشقۇنلۇققا ، ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىدۇ .ساغلام ئائىلىلەر توۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم .
1 . ئائىلە ئەزالىرى ناھايتى ئىناق ئۆتۈشى ، ئۆز - ئارا ئىشىنىشى ، بىر - بىرىگە تايىنىشى لازىم .
2 . ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە ئەمگىگىنى ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى ، بىر - بىرىگە ئىتتەرمەسلىكى لازىم .
3 . ئەر -خوتۇنلار ئۆز - ئارا ھۈرمەتلىشى ، بىر نىيەت ، بىر مەخسەتتە بولۇشى ، ئۆز - ئارا مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە قوللېشى لازىم .
4 . ئائىلىدە خوشاللىق ، يۇمۇرلۇق كەيپىيات بولۇشى ، كىشىگە ئازادە ۋە جۇشقۇنلۇق تۇيغۇسى بېرىدىغان مۇھىت يارىتىلىشى كېرەك .
5 . ئائىلە ئەزالىرى سۆز - ھەىكەتتە بىردەك بولۇشى ، گەپ _ سۆز ۋە يۈرۈش تۇرۇشتا مەدەنىي بولۇشى لازىم .
6 . ئائىلە ئەزالىرى باراۋەر بولۇشى لازىم .
7 . بالا تەربىيەلەشتە ئۆزى ئۈلگە بولۇشى ، ئىلمىي تەربىيەلەش ئوسۇلىنى قوللۇنۇشى ، بالىنىڭ .ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك .
8 . قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىر نىيەت ، بىر مەخسەتتە ھەمكارلىشىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئۆتۈشى ، قول قۇۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى ، ئۆز - ئارا ئاغرىنماسلىقى لازىم .
9 . ئائىلىدە ئارام ئالغاندا ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ، ھەرخىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرۇشى لازىم .
10 . ئائىلە ئەزالىرى بىر - بىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۈرمەت قىلىشى لازىم .
( ماتېرىيالدىن ) |
|