ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ياخشىمۇسىزلەر،ۋىلايەت دەرىجىلىك داڭلىق مۇدىر شەرىپىگە نائىل بولغان قومۇل شەھەر راھەتباغ يېزا راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قابىل،ياش مۇدىرى،قومۇل ئۇيغۇر مائارىپىدىكى سەركەردە،ئىسلاھاتچى،ئەدەبىيات سەنئەت،مەدەنىيەتنىڭ غوللۇق قوللىغۇچىسى ‹‹يىتىم-يىسىرلارنىڭ غەمگۈزارى››،‹‹مېھرىبان ئاتا››،‹‹تەڭرىتاغدىكى قار لەيلىسى››،ئالى دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، 18 يىللىق باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى جان دىل بىلەن ئورۇنداپ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر،ئوقۇغۇچىلار ،ئاتا-ئانىلار ۋە كەڭ جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ۋە تۈرلۈك تەرىپلىرىگە مۇيەسسەر بولغان كېرەم ئابدۇرېھىم مۇئەللىم مەركەزنىڭ باھالىشى بويىچە ۋىلايىتىمىزدىن بىردىن بىر مەملىكەت دەرىجىلىك ‹‹ مۇنەۋەر مۇدىر›› بولۇش نامزاتلىقىغا كۆرسۈتىلدى،ئەمدىكى مۇھىم نۇقتا تۆۋەندىكى ئادرىس بويىچە كېرەم مۇدىرغا بېلەت تاشلاش كېرەككەن،شۇ بېلەتنىڭ سانى بويىچە نامزاتلار ئىچىدىن مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر مۇدىرلارنى تاللاپ چىقىدىكەن،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تاللىنىشى راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ،راھەتباغ يېزىمىزنىڭ جۈملىدىن رايونىمىز مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە ۋىلايىتىمىزگىمۇ زور شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا باغداش مۇنبىرىر ۋە سالونىدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تۆۋەندىكى ئادرىس بويىچە 5-بەتتىكى كېرم مۇدىرغا بېلەت تاشلاپ قويۇشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
مائارىپتىكى بىر قابىل رەھبەرنى قوللاشنىڭ ئۆزىمۇ مائارىپنى قوللاش ۋە مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈشتىن دېېرەك بېرىدۇ.قېنى قېرىندىشىم،كىچىككىنە ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ، دەريادەك كۆڭۈل-كۆسىڭىزنى دېڭىزدەك كەڭ قىلىپ بۇ قابىل رەھبىرىمىزگە بېلەت تاشلاپ قويۇڭ،بىزدىنمۇ مەملىكەت دەرىجىلىك مۇنەۋەر مۇدىرلار چىقسۇن.چۈنكى دەرەخنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر،غولى چوڭ،يوپۇرماقلىرى كۆپ بولسا چۈشۈرىدىغان سايىسىمۇ شۇنچە كەڭرى بولىدۇ.
قېنى تېزدىن ئىكىلەنمەي ھەركەتكە كېلىڭ.
كېرەم ئابدۇرىھىم مۇئەللىمگە بېلەت تاشلاڭ
|