قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6657|ئىنكاس: 67

دوپپىنى زادى قانداق كېيىش كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

6

دوست

4250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 527
تۆھپە : 1000
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-9 22:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-ماي كۈنى ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى بولۇپ ئۆتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرغۇن نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز شۇ كۈنى ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق دوپپىلىرىنى كېيشىكەنلىكى ئېنىق. لېكىن بۇ ھەقتە، مەن بىر مەسىلىنى ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتىمەن. يەنى دوپپىنى زادى قانداق ئۇسۇلدا كېيىش كېرەك؟
ئۆزەم كونا سۈرەتلەرنى كۆرۈشكە ئامراق بولغاچقا، بىرەر يۈز يىل ئاۋۋالقى دوپپا كەيگەن ئۇيغۇرلارنى كۆرگىنىمدە، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا كىيىش ئۇسۇلىغا ئوخشىماي قالغانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. ئەلۋەتتە، بۇنى تۆنۈگۈن ياكى بۈگۈنلا ھېس قىلىپ يەتكىنىم يوق، بەلكىم ئىككى يىللار بولۇپ قالغاندۇ. كونا سۈرەتلەر بىلەن ھازىرقى سۈرەتلەردىكى دوپپا كىيىش ئۇسۇلى، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ دوپپا كىيىش ئۇسۇلىدا خېلى پەرق بارلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
كونا سۈرەتلەردە، دوپپىنىڭ ئىككى قىرى ئىككى چېكىگە ئۇددۇل قىلىنىپ ياكى بىر چېكىسىنى قاشنىڭ قىرىغا ئۇددۇللاپ كېيىلىدىكەن.
ھازىرقى ئەرلەر بولسا دوپپىنىڭ خالىغان بىر قىرىنى پىشانىسىنىڭ ئۇددۇلىغا كەلتۈرۈپ كېيىدىكەن. بۇنداق كىيىش ئۇسۇلىنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ كونا رەسىملىرىدىن ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
بۇ جەھەتتە، بىز بىلەن ئوخشاش دوپپا كېيىدىغان ئۆزبەكلەر دوپپىنىڭ توغرا كېيىلىش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قالغان. بەلكىم ئۇيغۇرلار ئۆزبەكلەردىن پەرقلىنىش ئۈچۈن، دوپپىنى ئالدىغا قىرلاپ كېيىۋالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن، دوپپىنى ئەجداتلارغا ئوخشاش ھالەتتە كىيىش ئەڭ توغرا دەپ قارايمەن.
تۆۋەندە بىر قانچە كونا رەسىملەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. ئالدى بىلەن، ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ دوپپا كىيىشىنى كۆرۈپ باقايلى.


باشقا كونا سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى

قەشقەردىكى سېتىقچى بالا. بالىنىڭ كەينىدىكى بادام دوپپا كەيگەن يەنە بىر بالىغا قاراڭ، دوپپىنى قانداق كىيىپتۇ؟


قەشقەر بازىرىدىكى دۇكان ئالدىدا تۇرغان بادام دوپپىلىق يىگىتكە قاراڭ.


يەكەنلىك دوپپا تىككۈچى يىگىت.


قەشقەر بازىرىدىكى سازەندىلەر سورۇنى. رەسىمنىڭ ئالدىدىكى بىزگە قاراپ تۇرغان يىگىت ھازىرقى ئۇيغۇرلاردەك كېيىۋالغاندىن باشقا، قالغانلىرى ھەممىسى ئاساسەن ھازىرقى ئۆزبەكلەردەك كېيىۋالغان. ئەمەلىيەتتە ئۆزبەكلەردەك ئەمەس، بەلكى توغرا ئۇسۇلدا كەيگەن. ئالدىدىكى يىگىت بەلكىم دوپپىسىغا دىققەت قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن.


قۇچاقتىكى ئىككى بالىنىڭ دوپپا كىيىش ئۇسۇلىغا قاراڭ. ئۇ بالىلار ئەلۋەتتە ئۆزى شۇنداق كېيىۋالغان بولۇشى ناتايىن، ئېنىقكى ئاتا- ئانىسى ئاشۇنداق كەيدۈرۈپ قويغان. ئىشىنىمىزكى، ئاتا- ئانا بولغۇچى ئەلۋەتتە دوپپىنىڭ ئەڭ توغرا كىيىش ئۇسۇلى بويىچە بالىلىرىنى كېيىندۈرىدۇ.


دۆلىتىمىز يېڭى ئازات بولغان چاغدىكى دېھقانلارنىڭ سۈرىتى. دېمەك، شۇ چاغلاردىمۇ دوپپىنىڭ توغرا كېيىلىش ئۇسۇلىنى ئۇنۇتمىغان.


ئەمدى، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دوپپا كىيىش ئۇسۇلىغا قاراپ باقايلى.



لېكىن بەزى ياشانغان مويسىپىتلىرىمىز دوپپىنىڭ توغرا كېيىلىش ئۇسۇلىنى ئۇنۇتمىغان.


چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ دوپپىنى توغرا كېيىپ كەلگەن. تۆۋەندىكىسى ئاتاقلىق ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ دادىسى مۇزەپپەر مۇتەللىپ، قاراڭ، ئۇ كىشىنىڭ دوپپا كىيىش ئۇسۇلىغا!


كونا- يېڭى رەسىملەرنى ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنى كۈزىتىش ئارقىلىق، دوپپىنى ئەجداتلىرىمىزدەك كەيسەك توغرا بولغۇدەك دېگەن پىكىرگە كەلدىم. بۇرۇن مەنمۇ دوپپىنىڭ بىر ئۇچىنى قىرلاپ كېيتەتتىم، لېكىن ئىككى يىلدىن بۇيان ئەجداتلاردەك كېيىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەلۋەتتە بۇ بايقاشلار پىنھان قالسا بولمايدۇ دەپ ئويلاپ، توردىن ئىزدىنىش ئارقىلىق مۇشۇنداق بىر تېما يېزىشنى دۇرۇس تاپتىم.
ئۇنداقتا قەدىرلىك دوستۇم، سىز دوپپىنى  قانداق كەيمەكچى؟


ھۆرمەت بىلەن، قومۇل تارانچىدىن ئىسكەندەر جېلىل (كۆكتاش) يازمىسى   
      ئۆز قەلەم     
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2826

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10786
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 730
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-9 23:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

1

دوست

3100

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34835
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 936
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-10 00:10:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇركى مىللەتلەر دوپىنى قاچاندىن باشلاپ كىيىپ ئ‍ادەتلەنگەن بولغىيتى.....بىلدىغانلار بولساڭلار چۇشەنچە بارسەڭلار

----كىتابخۇمار----

9

تېما

89

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1564
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 4958
توردىكى ۋاقتى: 1025
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-10 00:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بىز تالاش تارتىش قىلمىغان مۇشۇ مەسىلە قالغان ئىدى ھە ،مەن ئىلگىرى بىر ماتىريالدىن ئۇيغۇرلار دوپپا قىرىنى ئۇدۇل قىلىپ كىيىدۇ  دەپ كۆرگەن …يا تەۋبە خۇدايىم تۇتامغا چىقمايدىغان مەسىللەر ئۈستىدە زىيادە ئويلىنىپ تالاش تارتىش قىلىدىغان ئ‍ىش ئ‍ادە ئ‍ادەت بولوپ قالمىغاندۇ بىزگە …
uyghuray

4

تېما

52

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3854
توردىكى ۋاقتى: 1256
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-10 00:33:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چوڭلاردىن سورۇدۇم بۇمەسىلىنى .
بىرقانچىسىنىڭ دىيىشىچە :
ياشلار(توي قىلمىغانلار) دوپپا قىرىنى پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلاپ كىيىدىكەن .
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار  ئىككى قىر ئوتتۇرىسىنى پىشانە يۆلىنىشى بويىچە كىيىدىكەن .

10

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 1099
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 3678
توردىكى ۋاقتى: 950
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-10 01:34:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭچە دوپپىنى قانداق  كىيىش مەسىلىسىنى  ئويلىشىشتىن  ئاۋال ، بۇنۇڭدىن كىيىن دوپپىنى كىيەلەمدۇق   يوق... دىگەن مەسىلىگە باش قاتۇرۇش  مۇھىمراقمىكىن .

مۇشۇ  دوپپىنى  قانداق  كىيىش  توغۇرسىدا تەتقىقات  ئىلىپ بىرىۋاتقان  كاتتا ‹قەھرىمان›لىرىمىزنىڭ  ئوننىڭ ئىچىدە  5-6  سى  دوپپا  كىيىشنى ئۆزىدىن باشلىسا  مىنىڭچە  دوپپا توغۇرسىدىكى ئىشلار ناھايىتى تەبىئىي ھالدا ياخشى  بولۇپ  كىتەتتى .

0

تېما

0

دوست

563

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35352
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-10 04:37:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدا ئىككى خىل قاراش بار .   دوپپىنىڭ قىرى ، قاڭشار، كۆكرەك ۋە ئەزا  بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە كىلىدۇ دىگەن قاراش.  يەنە بىر  خىل قاراش،   ئۇيغۇرلارنىڭ  چىكىسىگە گۈل قىسىش ئەنئەنىسى بويىچە   دوپپىنىڭ  قىرىغا  گۈلنىڭ سىمۋولى  پۆپۈكنى بەلگە قىلىپ  تۇرۇپ قىرىنى پىشانىنىڭ ئوتتۇرسىغا قىلىپ  كىيىش.   مەن  تىلىۋىزوردىن ، ئەمەلىيەتتىكى ئاياللارنىڭ دوپپا كىيىش ئادىتىگە دىققەت قىلدىم ،  ئاياللار دوپپىنى  قىرلاپ كەيمەيدىكىەن،شۇڭا مىنىڭچە ئەجدادلىرىمىز  دوپپا  كىيىش ئادىتىنىمۇ ئەر ئاياللىق پەرقى   بولۇش  كىرەك دەپ ئويلايمەن.  

0

تېما

0

دوست

563

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35352
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-10 04:47:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، شىنجاڭ تىۋىزىيە  ئىستانىسى بىزنىڭ سىنىپتىكى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  نورۇزدا شىنجاڭ  ئۇنۋىستىتى فىلولوگىيە مۇزىيىنى زىيارەت قىلغان فىلىمنى سۈرەتكە ئالغان. ئاشۇ چاغدا ساۋاقداشلار ئوتتۇرسىدىمۇ  مۇشۇنداق  تالاش تارتىش  بولغان ئىدى ، ئىسمىنى ئەسلىيالمىدىم، ئوغدۇرمىش  تەخەللۇسىنى ئىشلىتىدىغان مۇئەللىم (بۇ مۇئەللىمنى تونۇيدىغانلا ئەسلى ئىسمىنى ئىنكاسقا ئەسكەرتىپ قويسەڭلار،رەخمەت) ئاشۇ  مۇئەللىم  دوپپىنى پىشانە بىلەن ئوخشاش يۆلىنىشتە كىيىشنى  تەشەببۇس  قىلغان. لىكىن   ئاتاقلىق تارىخچى   شىرىپ خۇشتار ئەپەندىم   دوپپىنى   قاڭشارغا  ئۇدۇللاپ  كىيىشنى   تەشەببۇس   قىلغان.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )