- تىزىملاتقان
- 2015-3-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4078
- نادىر
- 0
- يازما
- 260
ئۆسۈش
  69.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا MIH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-7 19:51
makit يوللىغان ۋاقتى 2015-5-7 12:37 
بەك ئېسىل ،داۋامغا تەشنامىز ...
ناھىيىتى ئېسىل يازما ئىكىن ، ئاتا-ئانىلار بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن يۇقرى پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن .ئەمما بۇنىڭدا چوقۇم ھەركىم ئۆز شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشى ، پەرزەنتلرىنىڭ قىزىقىشى ، دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قارىشى ، ھەرگىزمۇ مۇدا قوغلاشماسلىقى كېرەك .ئەگەر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەشۇنداق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى داشۆلەردە ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلىك ، دەرس نەتىجىسى ياخشى بولسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەدەر كۈچلىك ئىقتىسادى ئاساسىمىز بولسا چوقۇم ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇتىشىمىز كېرەك ، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقۇى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھبىمىز بوپ قالىدۇ .پېقىرمۇ بۇلتۇر بالامنى ئامېركىغا ئوقۇشقا چىقارغان ئىدىم ،‹‹ ئۆيدىكى ھېساپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ›› دېگەندەك ئۇيەردە ماگىستىر ئاسپسرانتلىقنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ قوشۇمچە خىزمەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن ، دېمەك بۇ بارلىق ئوقۇش پۇلىنى ئۆزىمىز ئۈستىمىزگە ئالدۇق دېگەن گەپ . شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇشتىن بۇرۇن يېتەرلىك دەرىجىدە پۇل توپلىشى، ھەرخىل ئېھتىماللىقلارغا تەييارىلق قىپ قويىشى كېرەك . |
|