مۇسۇلمانلارمۇ <<مۇسۇلمانلار ب د ت سى>> قۇرۇشى كېرەك! ئىسلام تورى خەۋىرى: قازاقىستان پىرىزدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغاندا، مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش كېرەكلىكىنى، ھەر قايسى دۆلەتلەر تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلەپ، دەۋر تەرەققىياتىغا يېتىشىۋېلىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ:«بۇ ئىسلام ئائىلىسى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ، تىنچلىق بىلەن، زامانىۋىلاشقان، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت مائارىپ ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى كېرەك. ئىسلام ئۈممەتلىرى بىرلىشىپ چەكسىز ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولىشى كېرەك، ئەمما بىز چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىقنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات مېخانىزىمىنى ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك» دېگەن.
نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ:«ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىي كۈچىدىن قارىغاندا، بىز بۇ شەرتلەرنى ھازىرلاپ بولدۇق، ئەمما چوقۇم ھەرىكەت خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز كېرەك. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر مىللىي ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنى ئەمدى 9500 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزدى، ياۋروپا دۆلەتلىرى 24 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈپ بولدى. ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ تەڭپۇڭ ئەمەس، مەسىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم نامرات دۆلەتلەرنىڭكىدىن 100 ھەسسە يۇقىرى بولىشى مۇمكىن. ئىسلام دۆلەتلىرى دۇنيا ئېنىرگىيە بايلىقىنىڭ %70 ئىگەللەيدۇ، ئەمما يەر شارى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ پەقەت %7.5 نى ئىگەللەيدۇ، يەر شارى سودا سوممىسىنىڭ %11 نى ئىگەللەيدۇ، بۇ خىل ۋەزىيەتنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئسىلام دۆلەتلىرىدىكى ئىقتىسادشۇناسلار تېزراق كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەۋر تەرەققىياتىغا تېزراق يېتىشىۋېلىشتا ئامال تېپىشى كېرەك، ھازىرقى ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ھەمدە تېخنىكا يېڭىلاشنى كۈچەيتىشى كېرەك» دېگەن.
ئۇ:«يېقىندا يەر شارى بىر قېتىملىق ئېغىر پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىغا ئۇچرىدى، ئەمما ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادى بەك زور تەسىرگە ئۇچرىمىدى، بۇ خىل ئەندىزىنىڭ ئۈنۈملۈكلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بىز ھېچ بولمىغاندا بىر ئارتۇقچىلىقتا دۇنياغا تۆھپە قوشىشىمىز كېرەك، ئۇ بولسىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ پۇل-مۇئامىلە تۈزۈلمىسى» دېگەن.
ئۇ يەنە:«قازاقىستان ئىسلام بانكىسى ئاچتى ھەمدە ئسىلام پۇل-مۇئامىلە تۈزۈلمىسىنى مەزكۇر رايوندا كەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاكىتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇشنى يولغا قويماقتا. مەن شەخسەن ئۆزۈم ئالمائاتادا بىر قېتىملىق ئىسلام پۇل-مۇئامىلە خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بىز ئالمائاتادا مەزكۇر رايوندىكى ئىسلام پۇل-مۇئامىلە مەركىزىنى قۇرۇشىمىز، ئسىلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېگەن.
نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بارلىق ئسىلام دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىگە كەلگۈسىدىكى مۇسۇلمانلار نوپۇس مەسىلىسىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ:«خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ نوپۇسى 2 مىليارد 200 مىليونغا يېتىپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. نوپۇس ھەم يۈك ھەم بايلىق، ئۇلار تەربىيلىنىشى ۋە پەن-تېخنىكا جەھەتتىن يېتىشتۈرۈلىشى كېرەك. ئىسلام مەدەنىيىتىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش ۋە دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتى نىشانىغا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى دەۋر يېڭى تەپەككۇر شەكلى ۋە يېڭىلىق يارىتالايدىغان زىيالىيلارغا موھتاج» دېگەن. ئۇ ئىسلام تارىخىدا پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بارلىقىنى، بۈگۈنكى دەۋردە مەدەنىيەتنىڭ قايتىدىن ئويغىنىشى، ئىلىم ۋە پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە يادرو قورالىسىز رايون قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى دوستانە ھەرىكەتلەرنى ئاكىتىپ قانات يايدۇرۇپ، باشقا دىن ۋە مەدەنىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە سىغدۇرىشى كېرەكلىكىنى، باشقىلار ئالدىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى يارىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ:«قازاقىستان ھۆكۈمىتى يولغا قويغىنى دىندىن خالىي سىياسىي تۈزۈلمە، ئەمما بىزنىڭ نوپۇسىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى مۇسۇلمانلار، شۇڭا بىز مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقىنى قوللايمىز، ئىچكى ۋە سىرتقا قارىتا ئاقىلانە، دوستانە ۋە كەڭ قورساق پىرىنسىپىمىزدا چىڭ تۇرىمىز» دېگەن.
مەنبە: كەڭساي مۇنازىرە مۇنبىرى |