- تىزىملاتقان
- 2011-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11497
- نادىر
- 0
- يازما
- 509
ئۆسۈش
  3.74%
|
بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى sarsan88دە2011-09-10 13:23يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنىڭچە ئۇيغۇرلار قاپاقنى سۇ ئىچىدىغان قاچا قىلىپ ئىشلەتكەندىن باشلاپ قاپاق مەدەنىيتىگە كىرىدۇ :
قاپاققا گۈل سىزىش باشلانغان ۋاقىتمۇ قاپاق مەدەنىيتىگە كىرىدۇ . تار مەنىدىن قاپاق سەنئىتىنىڭ باشلانغان ۋاقتى بولىدۇ .
شۇنداق قىلىپ ئېيتقاندا ئىلىمنىڭ دېگىنى توغرا بوپ قالىدۇ .
.......
يۇقۇرقى سىزنىڭ شەخسەن يۈزەكى كۆزقارىشىڭىزدىنلا ئىبارەت خالاس. چۈنكى بۇ توغۇرسىدا ھازىرغا قەدەر ئەمەلىي يازما پاكىتلارمۇ يوقلا . سىز تەھلىل قىلىپ باقسىڭىز قاپاق مەدەنيىتى بىلەن قاپاق سەنئىتى ئوتۇرسىدا ئاسمان زىمىندەك پەرىقلەر بار ، ئىككىسى ھەرگۈزمۇ بىر گەپ ئەمەس .چۈنكى بىزدە ھازىرچە بار بولغىنى <ئوبۇل ھاشىم ئەھمەد ئېقىنى >يېزىپ قالدۇرغان< ئۇيغۇرلاردا قاپاق مەدەنيىتى> توغۇرسىدىكى يازمىسىدا قاپاق مەدەنيىتى باشلانغىلى نەچچە مىڭ يىللار بولغان بولسىمۇ لېكىن قاپاق سەنئىتى باشلانغىلى تېخى 200 يىلدىن ئاشقانلىقى ئەمەلىي پاكىتلىرى بىلەن ئېنىق كۆرسىتىلگەن . شۇڭا بىز تۇرمۇشتا قاپاقنى ئىشلىتىشكە باشلانغان چاغنى قاپاق مەدەنيىتى باشلانغان ۋاقىت دەيمىز . مەلۇم ئۇزۇن زامانلاردىن كىيىن ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئېڭى تەدرىجى شەكىللىنىپ قاپاقنى سەل پەل كۆركەم قىلىش ئۈچۈن زىننەتلەشنى ئوموملاشتۇرغان ۋاقىتنى بولسا قاپاق سەنئىتى باشلانغان ۋاقىت دەپ ھىساپلايمىز .ئەگەر سىزلەر دىگەندەك قاپاق سەنئىتى باشلانغىلى 3000 يىل بولغان بولسا ،شۇ 3000 يىل بۇرۇن سىزىلغان بىرەر پارچە قاپاق نۇسخىسى ياكى يازما ماتىريالىدەك ئەمەلىي پاكىتىڭىزلار بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا مەنمۇ خەۋەردار بولۇپ قالاي قېنى ئوتۇرغا قويۇڭىزلار ، ئەگەر پاكىتىڭىزلار بولمىسا مەنمۇ ئىلىمنىڭ ۋە سىزنىڭ يۈزەكى دەپ قويغان گىپىڭىزلەرگە ئىشىنىشكە ئامالسىز . |
|