ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى 7-سان
2014-يىلى ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرىنىڭ 7-سانى قارلۇق شركىتى يىغىن زالىدا ئۆتكۇزۇلدى.لېكسيەنى ئامېرىكا تېىكساس بىئو-مېدىتسنائىنۇستىتۇتى گېنىتىكا كەسپى دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچىسى تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە بەردى.لېكسيە 2 سائەت ئەتراپىدا ناھايتى قىزغىن ۋە جانلىقداۋاملاشتى.كۆپچىلىك ساغلاملىق، بىئولوگىيە ئىلمى تەرەققىياتى،تۇرسۇنجاننىڭ تەتقىقات تېمىسىغا ئائىت نۇرغۇن سۇئاللارنى سوراشتى.
لېكسيە پىلانلىغۇچى ۋە رىياسەتچى:تاھىر ئىمىن
قوللىغۇچى :ئۈرۈمچى قارلۇق شركىتى يېغىن زالى.
ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى-2012-يىلى 11-ئايدا تاھىر ئىمىن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويۇپ پىلانلىغان،قارلۇق شركىتى قوللىغان ئىلمى مۇنبەر بولۇپ، مسرانىم قاتارلىق ئۇيغۇرتور بىكەتلىرى سۈرەتكە ئىلىپ تارقىتۋاتقان،<<ئنسانچىللىق،ئىلمى روھ،تەرەققىيات>>تىن ئىبارەت ئۇچ ئاساسى پىرىنسىپنى يادرو قىلغان كەسپى ئىلمى مۇنبەر بولۇپ، جەمىيەتتە لېكسيەلەرنىڭ ئومۇملىششى ئۇچۇن زور كۇچ چىقارغان. مۇنبەردەمەخسۇس ئىلمى تېما مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ھەر كەسپتىكى نوپۇزلۇق ئىلىم ئەھلى تەكلىپ قىلىنىدۇ.لېكسيەلەر پۈتۈنلەي ھەقسز ئىلىپ بىرىلىدۇ.
1-جەمىيەتشۇناسلىق ئىلمىغا كىرىش مىللەتلەر ئۇنېۋرسىتىتىدىن ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇق ، 2-قۇتادغۇبىلىكنى چۈشىنىش ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى رەئىسى ئازات سۇلتان ،3-مىللى كارخانىلاردا باشقۇرۇشتا ساقلانغان مەسللەر: مۇھەممەد ياسىن دوكتۇر ،4-قازاقستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائى مەدەنىيەت ئەھۋالىنى چۇشىنىش دوكتۇر مۇقەددەس مىرزا،5-ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى يۈزلىنىشى –دوكتۇر يتەكچىسى ،پىراففسور ئارسلان ئابدۇللا 6-ئۇچۇر ئىلمىنىڭ بۇگۇنكى يۇزلىنىشى –ئاكادېمىك ھوشۇر ئسلام 7-يېڭى ئەۋلات گىنتېخنىكىسى –دوكتۇر ئاشتى تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە.
نورمال قويۇلمىسا ياكى يانفوندا كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
http://v.qq.com/page/n/8/j/n0150cb678j.html
ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى ھەيئىتى
|