- تىزىملاتقان
- 2012-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4250
- نادىر
- 2
- يازما
- 178
ئۆسۈش
  75%
|
Fatiha يوللىغان ۋاقتى 2015-4-8 18:05 
گەپلىرىڭىزنى قوللايمەن. سىز شۇ كەسىپتە خىزمەت قېلۋ ...
تۈركىيەدە نۇتۇق سۆزلىگەن ئول زات شۇ سۆزنى دەپ قويۇپ، ئاخىرىغا ئىگە بولمىدى. سۆزلىگەن ئىكەن چوقۇم ئېنىق ئادرېسلىرىنى ياكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇشى كېرەك ئىدى. مانا مۇشۇ نۇقتىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، ئالدامچىلار مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى قاقتى- سوقتى قىلماقتا.
بۇ دورىلار شۇ يەمەنلىك ئۇستازنىڭ نامى بىلەن قولدىن قولغا ئۆتۈپ دىيارىمىزغا كىرگەن بولۇشى مۇمكىن، ھەممىسى «ئاللاھ خالىسا شىپا قىلىدۇ» دەپ سېتىۋېرىدۇ.
مۇسۇلمانلارغا سۈيقەست كۆپ دېدىڭىز، بەلكىم سۈيقەستلەر بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، مەزھەپلەرگە بۆلىنىش، ھەتتا بىر- بىرىنى قىرغىن قىلىش ئاشۇ سۈيقەستلەردىنمۇ ياماندۇر. تاشقى ھۇجۇمدىن ئىچكى زىدىيەت يامان. مىڭ دۈشمەندىن بىر نادان دوست يامان. مۇسۇلمانلار مۇشۇنداقلا نادان ھالەتنى ساقلايدىكەن، ئاللاھ ھەرگىز بىزلەرنىڭ ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتمەيدۇ، بۇ ھەقتە قۇرئاندىمۇ «بىر قەۋىم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزى ياخشىلىمىغۇچە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» دەپ ئايەت بار.
شۇڭا، ئەھۋالىمىزنى خەقتىن كۆرمەي، ئۆزىمىزدىنمۇ ئىزدەپ كۆرەيلى! |
|