جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى ئازاب بىلەن باھا ئۇرۇشى قىلماقتا
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 31-مارت خەۋىرى (ئوكيان تەرجىمىسى): جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى پايدىنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق سېتىشنى جانلاندۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى، چۈنكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى سەۋەبلىك ئۆيلەرنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قېلىشى ئۇلارغا بارغانسېرى بېسىم بولدى، بىرلا ۋاقىتتا يېڭى مەبلەغكە ئېرىشىش يولى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ قالدى.
جۇڭگودىكى پېيى بازارغا سېلىنغان كۆپ قىسىم ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ئېلان قىلغان مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى كىرىمى مۇقىم ئاشقان، ئەمما نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ پايدىسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇ قەرز يۈكى ئېغىر ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ بېسىلىپ قالغان ئۆيلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق نەق پۇل ئۈچۈن باھانى چۈشۈرۈش تەدبىرىنى قوللانغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى.
ياجۈلى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى شىركەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان، ئەمما پايدىسى %11 تۆۋەنلىگەن. گۇاڭجوۋ فۇلى ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ پۈتۈن يىللىق پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 تۆۋەنلىگەن، يۈجوۋ ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ پۈتۈن يىللىق پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 چۈشكەن، يەنى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسىدا ئېشىش كۆرۈلگەن.
مۇدىينىڭ تەھلىلچىسى بىر دوكلاتىدا:«بىز كەلگۈسى نەچچە ئايدا باھانىڭ يەنىلا چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق، چۈنكى ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى قارمىقىدىكى تۈرلەرنى داۋاملىق باھا چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ» دەپ يازغان.
بىر قىسىم مۇۋەپپەققيەت قازانغان ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىمۇ تۆۋەنلىگەن. بىگۇييۈەننىڭ 2014-يىلدىكى كىرىمى %33 ئاشقان، لېكىن پايدىسى پەقەت %20 لا ئاشقان.
ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاسات بولۇشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاستىلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كرېدىتنىڭ قۇرۇلۇش پائالىيىتىگە تۈرتكە بولۇشىنى تايىنىشنى تۆۋەنلەتمەكچى بولۇشىغا ئەگىشىپ، 2014-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى %7.4 بولدى، بۇ 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش سۈرئىتىدۇر.
شىياڭگاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان فاڭشىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى خې ساۋ بىلدۈرۈپ:«ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىر مەزگىل چوڭقۇر تۈزەش مەزگىلىنى داۋاملىق باشتىن كەچۈرىدۇ. ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى پايدىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىلمۇ خىل خرىسقا دۇچ كېلىدۇ» دېدى.
روبىنى يەر شارى ئىقتىسادىي مەسلىھەت بېرىش شىركىتىدىكى كىيان زاندىيېخ (Kiyan Zandiyeh) ۋە دالى ۋاڭ (Daili Wang) ئاگاھلاندۇرۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ قېلىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇلار دوكلاتىدا:«ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى سېتىشنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ھەمدە بازار ئۈلۈشىنى قوغدىماقچى، شۇڭا ئۇلارنىڭ داۋاملىق يېڭى ئۆي سېلىشىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بار، بۇ بازاردىكى تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ۋەزىيىتىنىڭ پەقەتلا تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ يازغان.
ئوكيان تەرجىمىسى
جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆي بازىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىر قوللاندى
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 31-مارت خەۋىرى ( ئاپتورى: ئالېكس فرانگوس، ئوكيان تەرجىمىسى): جۇڭگو ئۆي بازىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرى ئەمەلىي تەدبىر قوللاندى. مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ قېتىمقى تەدبىرنىڭ ئامال بار ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىملىق ئېھتىياتچان قويۇپ بېرىش تەدبىرلىرى بىردەك ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرەلمىدى، ئەمەلدارلار 30-مارت تېخىمۇ كەسكىن ھەرىكەت قوللاندى. جۇڭگو ئۆي قەرزىدە تۇنجى قېتىمدا تۆلەش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى، بۇ ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينىڭ قەرزىدىكى تۇنجى تۆلەش نىسبىتى %60 دىن تۆۋەن بولماسلىق %40 دىن تۆۋەن بولماسلىققا تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گەرچە غەربنىڭ ئۆلچىمىدە بۇنداق تۇنجى تۆلەش تەلىپىنى يەنىلا نىسبەتەن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم تەڭشەش ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغى كۆپ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ يەنە بازارغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلغانلىق سىگنالىنى بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىكىمۇ قىسمەن ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ تىجارەت بېجىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تىجارەت بېجىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىش دولقۇنى بىر مەھەل ئەۋج ئالغان ئىدى.
بۇ تەدبىرلەر جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بوئاۋ مۇنبىرىدە سەپەرۋەرلىك قىلغاندىن كېيىن جاكارلاندى. ئالدىنقى ئايلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىپادىسى ناچار بولدى، مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشنى يەنە ئىلگىرى سۈرىدىغان سىرلىق ۋاسىتىنىڭ بار يوقلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، جۇڭگو رەھبەرلىرى: بىزگە ئىشىنىڭلار، بىزنىڭ يەنە كۆپلىگەن سىياسەت قوراللىرىمىز بار، دېگەن مەنانى يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو رەئىسى شى جىنپىڭ «جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك بوشلۇقى چوڭ، سىياسەت قورالى كۆپ» دېدى. مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى جوۋ شىياۋچۈەن پۇل پاخاللىقى تارىيىش خەتىرىدىن ئاگاھ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، بۇ خىل ئىپادە مەركىزىي بانكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل قويۇپ بېرىش تەدبىرى چىقىرىشقا تەييارلاندى، دەپ چۈشىنىلىدۇ. بازار مەركىزىي بانكىنى ناھايىتى تېزلا بانكا ئامانەت زاپاس پۇل نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ دەپ قارايدۇ.
پاي چېكى بازىرى قوزغىتىش تەدبىرىگە ئالاقىدار سىگناللارغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. شاڭخەي ئاكسىيەسى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 30-مارت %2.6 ئۆرلەپ، يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى، بۇنداق ئۆرلەش ۋەزىيىتى رەنە قەرز تەلىپىنى بوشىتىدىغانلىقىنى جاكارلاشتىن ئىلگىرى كۆرۈلدى. بازارنىڭ ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۆتكەن 14 سودا كۈنىنىڭ 13 سودا كۈنىدە پاي بازىرىدا ئۆرلەش كۆرۈلدى.
پاي چېكى بازىرىنىڭ داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو چوقۇم بۇ خىلدىكى قويۇپ بېرىش تەدبىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇشى كېرەك. ئەمما كىشىلەرنىڭ بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئىلگىرىكىدەك چوڭ بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ئاساسى بار. سېتىلمىغان ئۆيلەرنىڭ بېسىلىپ قېلىشى نۆۋەتتە تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆي باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن چۈشۈش دەرىجىسى %5 كە يەتكەن بولغاچقا، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ دەرھال بازارغا كىرمەي يەنە بىر مەزگىل قاراپ بېقىشنى ئويلىشىشىنىڭ ئەمەلىي ئاساسى بار.
سىناققا دۇچ كەلگىنى جۇڭگو چىقارغان بۇ ئەنئەنىۋى تەدبىرلەر رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ يوق.
ئوكيان تەرجىمىسى
|