قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1859|ئىنكاس: 42
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرىنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋاتقان نەزەريە نامراتچىلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

287

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   95.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35018
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئاپتورى: شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىر ئادۋۇكات كۆرەش ھاشىم


     ئادۋۇكات ئۆزلىرىنىڭ قانۇن بىلىمى ۋە ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق قانۇنغا تايىنىپ جەمئىيەتكە ۋە خەلققە تۆھپە قوشىدىغان قانۇن خىزمەتچىسى. مەيلى دۆلىتىمىز ياكى خەلقئارادا بولسۇن تارىختىن بۇيان نوپۇزلۇق ئادۋوكاتلار زىددىيەت ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان بۇ بىر ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، كەسپىي بىلىمى ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇرى ئارقىلىق، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش يولى ۋە ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەڭ مۇۋاپىق تەدبىرلەر بىلەن دەۋالاشقۇچىلار يولۇققان مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنغا بولغان پىششىقلىقى، تۈرلۈك سىياسەتلەرگە بولغان سەزگۈرلىكى، ئىجتىمائىي بايلىق ۋە سودا پۇرسىتىگە بولغان بايقاشلىرى ئارقىلىق دەۋالاشقۇچىلارنىڭ خېيىم – خەتىرىنى يېنىكلىتىپ، پۇرسەتنى قانداق تۇتۇش ۋە پايدىلىنىشنى ئۇلارغا ئەسكەرتىپ، ئەدىلىيە ئادىللىقىنى قوغداشتا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان قانۇن خىزمەتچىلىرىدۇر. شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، ئادۋۇكات ــ قانۇن مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقىنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك كۈچ. شۇڭا ئادۋۇكاتلىق ساھەسىدە ئىلمىي نەزەرىيىۋى تەتقىقات سەھىپىسىنى ئىچىش ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئورنىتىش ۋە قانۇن مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
      ئادۋۇكاتلىق نەزەرىيىۋى تەتقىقاتى بەلگىلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ۋە مۇددىئاسىنى ئاساس قىلغاندا ئاندىن تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىق نەزەرىيىۋى تەتقىقاتى مىللىي مەسىلىلەردىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تىپىپ چىقىپ ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ پىكىر يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دۆلىتىمىز قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئاپتونومىيە تەتقىقات ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۆلىتىمىزدە ئادۋۇكاتلىق كەسپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ج خ، تەپتىش، سوت، ئەدىلىيە ئورۇنلىرىنىڭ كەسپىي نەزەرىيىۋى تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر بۆلەك خەنزۇ ئادۋۇكاتلىرى ئادۋۇكاتلىق كەسپىي نەزەرىيىۋى تەتقىقاتلارنى ئۇنىڭغا ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئادۋۇكاتلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە تەپەككۇر بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادۋۇكاتلىق تارىخىي تەرەققىياتىدا كەم كۆرۈلىدىغان گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن تىيەنۋىنچىياڭ بىلەن چىن دۈەنخۇا بىرلىشىپ يازغان «جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاشنىڭ جۇڭگودىكى تەجرىبىسى»، شىيا يۇڭ يازغان «كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنىڭ مەنبەسى»، چىن شىڭلىياڭ يازغان «جىنايى ئىشلار پەلسەپىسى»، گۇڭ شىياڭدۈەن يازغان «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش غايىسى ۋە ئەمەلىيىتى»،«نەتىجە قازانغان ئادۋۇكاتلارنىڭ 98 خىل پاراسىتى» ....قاتارلىق 2000 پارچىدىن ئارتۇق كىتابلار بار، ئادۋۇكاتلىق نەزەرىيىۋى تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالىلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ كونكرېت سانىنى بېكىتىش تېخىمۇ قىيىن. بۇ نەزەرىيىۋى تەتقىقاتلار دۆلىتىمىز ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ جېنىغا جان قوشۇپ، ئادۋوكاتلار دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆزلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرىمۇ تىز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان قوشۇنغا ئايلاندى. مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلارنىڭ كەسپىي نەزەرىيىۋى ماقالىلىرى ئاندا – ساندا ئېلان قىلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما مەرھۇم ئادۋۇكات ئەركىن ئەمەتنىڭ سوتتىكى ئاقلاش ۋە ۋاكالەتچىلىك سۆزلىرىنىڭ ئاددىي ھالدىكى رەتلەنگەن «سوتتىكى ئاقلاش ۋە ۋاكالەتچىلىك سۆزى» دىن باشقا بىرەرمۇ نەزەرىيىۋى تەتقىقات خاراكتېرىنى ئالغان كىتابلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلمىدى. كەمىنە ئادۋۇكات بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ «پۇقرالار قانداق ۋاقىتتا روھىي تۆلەمگە ئېرىشەلەيدۇ»، «ئازسانلىق مىللەت ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىق ئۆلۈم جازاسى دېلولىرىنى ئاقلاش ماھارىتىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك»،«ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھاياتتىنمۇ مۇھىممۇ»، «دەۋانىڭ كۆپىيىشى مىللەتنىڭ ساپاسىزلىغىمۇ»،«ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا»،«دەۋالاشقۇچىلار نېمە ئۈچۈن ئادۋۇكاتقا ئىشەنمەيدۇ» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ماقالىنى يېزىپ كەسپىي تەتقىقات نەزەرىيىۋى ئاساسىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىزدىنىش يولىنى ئاچماقچى بولغان بولساممۇ ئەمما خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن بۇ مەخسەتكىمۇ تولۇق يېتەلمىدىم.
       ئىزدىنىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىقىنىڭ نەزىريىىۋى سىستىما شەكىللەندۈرىشىدە چوڭ بىر بوشلۇقىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىمكى ئەگەر بۇ كەسىپ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەزەرىيىۋى ئاساسىنى ھازىرلىيالمىسا ئۆز خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن باشقا قانۇن قويمىچىلار قاتارىغا ئاسانلا كىرىپ قالىمىز. مانا بۇنى ھازىرقى باسقۇچتىكى ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرى ھېس قىلىشقا تېگىشلىك تەخىرسىز زۆرۈرىيەت. نۆۋەتتە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئورنىدا قانۇن ئىدارە قىلىنىدىغان مۇھىتنىڭ تەسىرىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئەكىس ئەتتۈرەلمىسە، ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلارنىڭ كۆلەملىشش ۋە قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
         شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، قانۇننىڭ توغرا يۈرگۈزۈلۈشىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلىشتىمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشالماي قالىدۇ. جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە سىياسىي سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەت دېلولىرىدىن ئاقلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى قارشىلاشتۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ. دۆلەت قانۇننىڭ ئادىللىقىنى، بىردەكلىكىنى نامايان قىلالمايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەدىلىيە ئادىللىققا ئېغىر بۇلغىنىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل بىنۇرماللىق سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە سەلبىي تەسىرلەرنى بەرگەندىن باشقا ئادۋۇكاتلىق كەسپى پائالىيىتىمۇ زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئادۋوكاتلار قوشۇنىدىكى بۇنداق يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈش دەۋالاشقۇچىلارنىڭ جىددىي تەقەززاسى. مۇنەۋۋەر ئادۋوكاتلار ھېس قىلىشقا تېگىشلىك تەخىرسىز زۆرۈرىيەت، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىقىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى كۆپ ساندىكى ئىقتىساسلىق ئادۋۇكاتلارنى يېتىشتۈرۈش شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا، خەلقئارادىكى ئورنىغا، تەسىر كۈچىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئادۋۇكاتلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلارنىڭ سانى مىڭغا، ئۇيغۇر ئادۋۇكاتخانلىىرىنىڭ سانى 50 كە يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئۇلار قانۇن مۇلازىمەت خىزمىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەل بولمىغان مەسىلىلەرگە قارىتا تۈرلۈك خاراكتېردىكى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى ۋە ئۆزىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىدى. بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا ئادۋۇكاتلىق خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال فۇنكىسىيىسىنى ئوبيېكتىپ ۋە ئىلمىي يوسۇندا نەزىريىىۋى تەتقىقات ئارقىلىق تەھلىل يۈرگۈزۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلمىغاندا يۇقارقى ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىشتىن سۆز ئېچىش قىيىن. ئەدىلىيە پائالىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ قاتنىشىشىنى ئوبېيكتىپ جەھەتتىن تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىقى ئۆزىنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ھازىرلاشتا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىدىن خېلى يىراقتا. ئادۋۇكاتلىقنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغانلار يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بىر ئادۋۇكاتتا تەبئىي ھالدىكى جەمئىيەتكە قارىتا ھېسداشلىق ۋە ئادالەت تۇيغۇسى بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇنى ئادۋۇكات دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئۆزىدىن ئەنسىرەش ۋە يولۇققان مەسىلىلەرنى ئازاب ئىچىدە يۇتۇپ ئۆتكۈزۈۋېتىش ئادۋۇكاتچىلىقتىكى ئەڭ چوڭ چېكىنىشتۇر. ھازىر ئۇيغۇر ئادۋوكاتلار قوشۇن قۇرۇلۇشىدا نەزىريىىۋى تەتقىقاتىغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاسنىڭ بولماسلىقى قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ كەسىپ سەزگۈرلۈكىنىڭ ئىنتايىن ئاددىي ئىكەنلىكىدىن ۋە كەسىپلىشىش جەريانىدىكى تەرەققىيات نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئادۋوكاتلار كەسىپكارلىقتا يولۇققان مەسىلىلەرگە قارىتا مۇنەۋۋەر ئادۋوكاتلار ئۆزىنىڭ كەسپى مەجبۇرىيىتىنى تونۇپ يېتىشتە جەمئىيەتكە ئۈلگە بولۇشى كېرەككى، جەمئىيەت ئالدىدىكى ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ياقىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇشنى ئەڭ چوڭ نومۇسلۇق ئىش دەپ بىلىشى كېرەك. نۆۋەتتىكى ئادۋوكاتلار كەسپىي نەزەرىيىۋى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماي، ئىجتىمائىي ئادىللىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىدىن چەتنەپ، ئادۋۇكاتلىق سالاھىيىتىنى پەقەتلا پۇل تېپىشىنىڭ بىر دەسمايىسى قىلىۋېلىپ، يامانغا يانتاياق بولۇپ جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي بۇلغىنىشنىڭ سەۋەبلىرىنى تىپىپ چىقىپ ئۇنى ئورتاق ھەل قىلىش يولىنى تېپىپ چىقالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ، نەزەرىيىۋى نامراتچىلىق بولماي نېمە؟
          نەزەرىيە دېگىنىمىز -كىشىلەر ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش، تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن مەلۇم كەسىپىي بىلىم خاراكتېرلىق ئەقلىي ھاسىلات. نەزەرىيە تەتقىقاتى بولسا- يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەقلىي ھاسىلاتنى بايقاش، سىستېمىلاشتۇرۇش پائالىيتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندائادۋۇكاتلىق نەزىرىيىسى دېگىنىمىز -ئادۋۇكاتلىق كەسپىي ۋە ئادۋۇكاتلىق قانۇن، تۈزۈم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىزدىنىش، تەپەككۇر قىلىش، تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بايقىغان، سىستېمىلاشتۇرغان ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى، ھەرىكەت ئۆلچىمىنىڭ ئەكىس ئەتتۈرىدىغان، ئادۋۇكاتلىق كەسىپ تەرەققىياتىنى يېتەكلەش رولىغا ئىگە قىلىدىغان ئەقلىي ھاسىلاتتۇر. ئاپتونوم رايونىمىز مىللىي ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، ئادۋوكاتلار قوشۇنى كىچىكلىكتىن زورىيىش جەريانىدا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىلمىي نەزىرىيەنىڭ يېتەكلىشىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ تەرەققىيات جەريانى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان خەنزۇ ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرىنىڭ بىزگە قارىغاندا تەرەققىيات ۋە تەتقىقات ئاساسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىنى ئاشكارىلاپ قويدى.
            ئەگەر ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرىمىزنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىگە مەسئۇل بولىمىز دەيدىكەنمىز، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزنى يەكۈنلەپ تۈرلۈك ئۇچۇر ۋە ئاساسلارنى ئەدىلىيە ئىسلاھاتىنىڭ تەتقىقات ئاساسىغا قاتناشتۇرشىمىز كېرەك.
ماركس : «ئادەم ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆز ئىدىيسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك، ئەمەلىيەت جەريانىدا ھەققانىيلىقى ئىسپاتلانغان نەزەرىيە ئەمەلىيىتىگە قارىتا ئالدىن مۆلچەرلەش، يېتەكلەش رولىغا ئىگە» دېگەن ئىدى. شۇڭلاشقا مۇنەۋۋەر، تەجرىبىسى مول ئادۋوكاتلار نەزەرىيە كەسپى تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئاپتونوم رايونىمىز ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرىنى نەزەرىيىۋى تەتقىقاتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشى، قانۇن مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ ئىجتىمائىي ئادالەتنىڭ يۈزلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ ئۇنى يېتەكلىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىقى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنى تەرەققى قىلدۇرغان مەسئۇلىيەتچان، كەسپى سەزگۈرلىكى يۇقىرى، ئەقىل- پاراسەتكە تويۇنغان، سەرخىل ئادۋوكاتلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈشكە موھتاج. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى كەسپىي نەزەرىيىۋى تەتقىقاتىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى ئادۋۇكاتلاردا ئىجتىمائىي ئادىللىق ئېڭىنىڭ يېتىلمىگەنلىكى ياكى كەسپى مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىك بىلەن باراۋەردۇر. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ھەرقانداق بىر ئادۋۇكات ئۆزى يولۇققان مەسىلىلەرگە قارتا ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى تىپىپ چىقىشى نەزەرىيىۋى يۈكسەكلىككە ئىپادىلىشى كېرەك .ئۆز ئىجتىمائىي تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرگە قارىتا مەسئۇلىيەت ئېڭى بولمىغان قوشۇننىڭ سۈپەت ئاساسى بىر دەۋر ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرىنىڭ بېقىندىچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ پۇقرالىق قەدىر -قىممەت ھوقۇقىنىڭ قوغدىنىش چېكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئەمەس، بەلكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يۇقىرى قانۇن مۇلازىمىتى قوبۇل قىلىشىغىمۇ زور پايدىسىز ئىدىيىۋى بۇلغىنىشلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.

قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.

0

تېما

1

دوست

563

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28539
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
نەزىرىيە مۇ نەزەرەيەمۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

137

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   45.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ  نەزر    يەكەن

8

تېما

8

دوست

3511

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1022
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-31 19:52  

سىزنىڭ تۈزمەكچى بولغان نەزەريىڭىز مۇشۇ جەمىيەتتە ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتمىغان دىيىلىپ ھەر ۋاقىت ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشى ئوچۇق گەپ. قانۇن ئومۇمىيلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلەلمىگەن جەمىيەتتە، سىزدەك ئادۋوكاتلار قانۇننىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا قادىر بولالمايدىغان جەمىيەتتە يەنە نىمە نەزەرىيە بازىرى ئۇ؟ . ئەسلىدىنلا تايىنى يوق يۈزنىڭ يەنە نەرى تۆكۈلمەكچىدى؟

1

تېما

0

دوست

287

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   95.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35018
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇلارنىمۇ شاللايدىغان كۈنلەر كىلىۋاتىدۇ. بۇ يىلقى ئىسلاھات سەل رەھىمسىزدەك تۇرىدۇ.

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
  ئادۋۇكاتلىق كەسپى زىددىيەتلەر ئىچىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا ئېغىر كىرىزىسكە دۈچ كىلىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش نەزەرىيىسى بۇ كەسىپكە مەلۇم ئۈمىتلەرنى ئېلىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ بۇ نەزەرىيەنىڭ ئەمىلىلىشىشىنىڭ قانداق بۇلىشى ئۆز نۆۋىتىدە بۇ كەسىپنىڭ ئاخىرىدا پۇقرالارنىڭ ھوقوق - مەجبۇرىيىتىنىڭ قوغدىلىش ، ئادا قىلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

0

تېما

0

دوست

41

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35059
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەن 2-3 يىلدىن بۇيان ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ئادۇۋكاتلار بىلەن كۈرۈشۈپ تۇرىۋاتىمەن، بەزىدە سوتقا چۈشسەم بەزىدە سوتتا گۇۋاھچى بولدۇم، بەزى ئادۇۋكاتلارنىڭ سورىغان سۇئالىنىڭ قەتئىي تايىنى يوق، سورىغان سۇئالىنىڭ دىلونىڭ ئاساسىي پاكىت ئەمىليىتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، ئۇلارنىڭ مەقسىدى داۋالاشقۇچىلارنىڭ پۇلىنى ئالغان بولغانكىن سوتتا 1-2 سوئال سورىمىسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ.

0

تېما

2

دوست

3865

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7417
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 114
تۆھپە : 1209
توردىكى ۋاقتى: 443
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    مىنىڭ چۈشەنگىنىم،ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى خەنزۇ ئادۋۇكاتلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ، ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلار چوقۇم ئادۋۇكاتلىق بىلىم سەۋيەسىنى ئۆستۈرىشى كىرەك دىگەنلىككەن.بۇ قاراش توغرا .ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلار ئادۋۇكاتلىق بىلىم سەۋيەسىنى ئۆستۈرشى كىرەك.
    مىنىڭ چۈشەنمىگىنىم ماقالىدە توختىماي ‹‹«ئازسانلىق مىللەت ئۇيغۇر››دىگەن گەپ بەك كۆپ تەكىتلىنىپتۇ. دىمىسىڭىزمۇ مەن ئۆزەمنىڭ تولىمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ توختىماي بۇنى تەشۋىق قىلىپ بىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئادەتتىكىدەك ئۇيغۇر دەپ ئالغان بولسىڭىزمۇ مەن چۈشىنەلەيىتتىم. سىز دەۋىرىپ مەن كۆپ سانلىق مىللەت بولسام بۇ ئەپەندى، ئاز سانلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە كۈچەۋىتىپتىمۇ قانداق دىگەن خىيال پەيدا بولۇپ قالدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )