- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7904
- نادىر
- 1
- يازما
- 327
ئۆسۈش
  58.08%
|
بۇرۇن بىر پادىشا ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ بىر كۈنى: «كىمدە كىم بۈگۈنگىچە بولۇپ باقمىغان بىر يېڭىلىق ياراتسا ئۇنىڭغا 100 تىللا ئىنئام قىلىمەن» دەپ يارلىق چىقىرىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ پادىشا دۆلىتىدە ھەر يىلى بىر قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن دۇنيادا ھېچ كىم قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى كۈتۈۋېلىپ داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپتۇ. بۇ مۇراسىمغا يۈزلەرچە بىلىم ۋە ئەقىل ساھىپلىرى يىغىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئاجايىپ غارايىباتلارنى كۆرمەكچى بولغان كىشىلەرمۇ يىراق- يېقىندىن سەلدەك ئېقىپ كېلىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ بىر قېتىملىق مۇراسىمدا ماھارەت كۆرسىتىش نۆۋىتى بىر يىگىتكە كەپتۇ. يىگىت مىڭلارچە خالايىق ئالدىدا پادىشانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ماھارىتىنى كۆرسىتىپتۇ. ئۇ بىر يىپنىڭ ئۇچىنى يوقۇرى قىلىپ يەرگە قويۇپتۇ ۋە 5 قەدەم ئۇزاقتىن قولىدىكى يىڭنىلەرنى بىردىن- بىردىن ئېتىپتۇ. يىڭنىلەرنىڭ ھەممىسى تۆشىگىدىن يىپقا ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. بۇ كارامەتنى كۆرگەن پادىشا ۋە ئوردا ئەھلى ھەيران قېپتۇ. خالايىق توۋا دەپ ياقىسىنى تۇتۇپتۇ. يىگىت قولىدىكى 100 تال يىڭنىنى يىپقا ئېتىپ بىرنىمۇ قاچۇرۇۋەتمەي ھەممىسىنى تولۇق يىپقا ئۆتكۈزۈپتۇ.
پادىشا يىگىتكە قاراپ، سەن ھەقىقەتەن بۈگۈنگىچە ھېچ كىم قىلىپ باقمىغان بىر يېڭىلىق ياراتتىڭ دەپتۇ- دە 100 تىللا ئىنئام قىلىشقا بۇيرۇپتۇ ۋە ئارقىدىنلا پەرمان چىقىرىپ يىگىتنى 100 دەررە ئۇرۇڭلار دەپتۇ. ۋەزىرلەر، دانىشمەنلەر، ئوردا ئەھلى ۋە خەلق، بۇ قانداق بولغىنى دەپ ھەيران قېپتۇ. پادىشا:
- بۇ يىگىت راستىنلا بۈگۈنگىچە تېخى ھېچ كىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ 100 تىللا ئىنئام ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى. ئەمما بۇ يىگىت نە بىزدىن بۇرۇن، نە بىزدىن كېيىن، نە ئىنسانىيەتكە، نە باشقا جانلىقلارغا قىلچىمۇ پايدىسى يوق بىر ئىشقا ئۆمرىنى نابۇت قىپتۇ. 100 دەررە بولسا ئۇنىڭ ئەقلى بار تۇرۇغلۇق مۇشۇنداق پايدىسىز ئىشنى ئۆگەنگىنىنىڭ جازاسى دەپتۇ. |
|