- تىزىملاتقان
- 2014-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 902
- نادىر
- 0
- يازما
- 43
ئۆسۈش
80.4%
|
مىنىڭچىمۇ بۇ پىلان سەل چەكتىن ئىشىپ كىتىپتۇ.ئەمما بەكلا رەدىيە بىرىپ بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ دىلىنى ئاغىرىتمايلى.بۇ قىرىندىشىمىزدە بەلكىم مۇشۇ خىل ئۇسسۇل بىلەن ئۆز كارامىتىنى كۇرسىتىپ قويوشتەك ئىدىيە بولسىمۇ ئەمما ئەتىراپلىق ئويلىنىپ ھەم ھىساپلاپ باقمىغان بولسا كىرەك.ئەمما قىرىندىشىمىزنىڭ جۇرئىتىگە باركاللا.قىلمەن دىسىلا قىلالمايدىغان ئىش يوق.دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلار دەسلەپتە تولىمۇ كۇلكىلىك ھەم ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغاندەك تۇيۇلغان ئىدى،لىكىن ئاخىرى روياپقا چىققان ئىشلار تولىمۇ كۈپ.لىكىنزە بىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىز ۋە نۇرغۇن نۇرغۇن مەسىلىلەر بىزنىڭ نۇرغۇن مۇجۇزىلەرنى ۋە يىڭىلىقلارنى مەيدانغا چىقىرشىمىزغا بەلكىم توسالغۇ بولىشى مۇمكىن.بولۇپمۇ ئۇچ چاقلىق ۋەلىسپىت بىلەن جوڭگونىڭ ھەر قايسى شەھەر بازار،ناھيەلىرنى ئايلىنىپ چىقىپ جىنىس دۇنيا رىكۇرتى يارتىشتىن ئىبارەت بۇ گۇزەل خىيال بەلكىم روياپقا چىقماسلىقى مۇمكىن.(ئەڭ بولمىغاندا ھازىرچە).شۇنىسى ئىنىقكى بۇ قىرىندىشىمىز مۇشۇ جۇرئىتى بىلەن بەلكىم تىخىمۇ كۇپ ئەمىلى ئىشلارنى يەنى ئۆزىمىزنى تونىتىدىغان ،باشقىلارنى تاڭ قالدۇردىغان ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن.پەقەت ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولسىلا ئەلۋەتتە....قىرىندىشىمىزنى ماززاق قىلمايلى،ئۇنىڭغا ھەر قايسى ئۆلكە رايونلارنىڭ جوغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى،دۇچ كىلدىغان ھاۋا شارائىت،ئىقتىساد قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىلىدىغانلار تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ قويساق ئاندىن بۇ قىرىندىشىمىز بۇ خىيالىدىن بەلكىم ھازىرچە يىنىپ قىلشى ۋە بۇ كۇچلۇك جۇرئىتىنى باشقا ئىشلارغا سەرىپ قىلىشى مۇمكىن.
مەسلەن مەن تىبەتتە ساياھەتتە بولغان،ئۇ رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتى بەكلا ناچار بولۇپ دىڭىز يۇزدىن6000مىڭ مىتىر ئىگىزلىككە چىققاندا ھەتتا پويىزنىڭمۇ سۇرئىتى ئاستىلاپ ھەتتا توختاپ قالغودەك بولۇپ ماڭىدۇ.ھاۋا شالاڭشىپ نەپەس قىيىنلىشىدۇ ،باش چىڭقىلىپ ئاغرىپ ئادەم ئىگىزلىك تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ. بۇ پەقەت ئادەتتىكى بىر مىسال خالاس.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار بەكلا كۆپ.مەسىلىلەرنى ئەتىراپلىق ئويلىشىش كىرەك ئەلۋەتتە.. |
|