قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1745|ئىنكاس: 53
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نومۇس تۇيغۇسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

400

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   50%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34312
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   juxkun49 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-26 01:08  

نومۇس تۇيغۇسى

ئىبراھىم خۇدابەردى

         
          بىر كىشى ئۆلىمادىن سوراپتۇ  : « سىلىگە ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر كېلىدىغان ئىش بارمۇ ؟ » .  ئۆلىما جاۋاب بېرىپتۇ  : «  بار »  . ئۇ كىشى يەنە سوراپتۇ  : « نېمە ئىش ؟ » .  ئۆلىما جاۋاب بېرىپتۇ  : « قىزىمنىڭ نومۇسىدىن كېتىشى » .
          ئەلۋەتتە نومۇس تۇيغۇسى بار ئادەم ئۆزىنىڭ نومۇسقا قېلىشىنى ئۆلۈمدىن ئازابلىق ئىش ھېسابلايدۇ . قايسى بىر ماقالىدە ئوقۇدۇمكىن بىر ياشانغان ، ئىگە - چاقىسىز قالغان ياپونلۇق  كىشى ئۆيىدە يېمەك - ئىچمىكى تۈگەپ كېتىپ يانچۇقىدا پۇلىمۇ قالمىغان . نەچچە كۈن تاماق يېيەلمەي قورساق ئاچلىقتىن بارغانسىرى ماغدۇرسىزلىنىشقا باشلىغان . ئەمما شۇنداق قىينىلىۋاتسىمۇ كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىشتىن نومۇس قىلغان .   چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدىكى نومۇس تۇيغۇسى ئۇنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغۇچە كىشىلىك غۇرۇرىنى ، ئابرويىنى  دەپسەندە قىلىشىغا يول قويمىغان . ئاخىرى ئۇ بارلىق ماغدۇرىنى يىغىپ ئۈستەلدىكى بىر قەغەزگە « قورسىقىم بەكمۇ ئاچتى ، تويغۇدەك تاماق يېگۈم بار » دەپ يازغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ماغدۇرسىزلىنىپ جان ئۈزگەن . مەن ئويلاپ قالدىم ، ئەگەر بۇ ياپۇنلۇقنىڭ ئورنىدا بىرئۇيغۇر بولغان بولسىچۇ ؟ ئەلۋەتتە كوچىغا چىقىپ داستىخان سېلىپ « ئامىن » دېسىلا ئىش پۈتەتتى . قورساقمۇ توياتتى . ئاۋۇ ياپۇنلۇقمۇ كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلغان بولسا ئۆلۈپ قالمايتتى . ئەمما ئۇ كىشى كىشىلىك غۇرۇرىنى ، نومۇسىنى ئۆلۈمدىن ئارتۇق بىلدى . ھەممە ئادەمدە ئوخشاش مېڭە بار . تەپەككۈر ھەممە ئادەمدە بار . ئاۋۇ ياپونلۇقتا بار قەلب ئۇيغۇردىمۇ بار. لېكىن بىزدەك شانلىق تارىخى بار ،  تۈركى مىللەتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ بالدۇر ئويغانغان ، ئەڭ بالدۇر شەھەر مەدەنىيىتى  ياراتقان،ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەيدىغان بىز بەزى ھاللاردا نومۇسىمىزنى قوغداشتا  ئاۋۇ ياپۇنلۇقتەك بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن .  ياشانغان كىشىنى دېمەي قويايلى . بىزدە ياپياش تۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىش نومۇس ھېسابلانمايدۇ . باشقىلارنى «ئاناڭنى »دەپ تىللاش  نومۇس ھېسابلانمايدۇ . ئاپتوبۇستا جەنۇبى شىنجاڭغا بارغىچە ياكى كەلگۈچە  ئاشخانىلاردىن ھاجەتخانا سورسا ئاياللارنىمۇ كېۋەزلىككە ياكى دۆڭنىڭ كەينىگە باشلاپ قويۇش نومۇس ھېسابلانمايدۇ  .( ئەمما ئىچكىرىنىڭ ھەر قانداق يېرىگە بارسىڭىز سىزنى ئېتىزلىققا ياكى دۆڭنىڭ كەينىگە باشلاپ قويمايدۇ ) . بايلارنىڭ پۇلىنى پوكىنىغا بېسىپ يېتىپ خەلقى ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بەرمەي دۇنياسىنى ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگە كۆز - كۆز قىلىشقىلا ئىشلىتىشى  نومۇس ھېسابلانمايدۇ  ، بىر قىسىم زىيالى ئاتالغانلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئىقتىسادى شارائىتىنى بىلىپ تۇرۇپ  يەنە گەپلىرىنى پۇلغا سېتىپ يۈرۈشى  نومۇس ھېسابلانمايدۇ  . نام چىقىرىش ئۈچۈن ئەجداتلارغا تىل تەككۈزۈش نومۇس ھېسابلانمايدۇ . يەنە بىزدە ئوغرىلىق قىلىش ياكى ئوغرىلارغا بالىسىنىڭ يىللىقىنى سېتىش نومۇس ھېسابلانمايدۇ . كىچىك بالىلارنى ئوغىرلاپ ئىچكىرىگە ئاپىرىپ قىيناپ ئوغرىلىققا سېلىش نومۇس ھېسابلانمايدۇ . ئاجرىشىشتا ، بالىلارنى يېتىم قىلىشتا بىرىنچى بولۇش نومۇس ھېسابلانمايدۇ    ....  بوپتۇ باشقىسىغۇ دىيارىمىزدا قالىدىكەن . قويۇپ تۇرايلى .  ئەمما ھازىرغىچە نامىمىزنى سېسىتىۋاتقان ، ئۇيغۇر بالىلىرى ئىچىدە ھېلىھەم تۈگىمەيۋاتقان  ئوغرىلىق ھەققىدە  ئازراق توختىلايلى .
         ئۇيغۇر بالىلىرى ئىچىدىكى ئوغرىلىقنىڭ قاچان باشلانغانلىقى ھەققىدە كۆپ قىسىم چوڭلارنىڭ قارىشىچە بىزدىكى ئوغرىلىق 80 - يىللاردا  بىزگە ھىندىستان فىلىمى « سەرگەردان » نىڭ ئېقىپ كىرىشى بىلەن باشلانغان . بۇ فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى راج جەمىيەتنىڭ رەھىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ .  قىززىق يېرى بۇ فىلىمنى كۆرگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى راج نى ئوغرى دەپ ئەيبلىمەيدۇ ئەكسىچە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدۇ چۈنكى ھەممىسى « راجنى جەمىيەت شۇنداق قىلىپ قويدى » دەپ ئويلايدۇ . بەلكىم ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ بۇ فىلىمدىن ئىلھام ئېلىپ ئۆزىنى راجنىڭ ئورنىغا قويۇۋالغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئارىسىدا ئوغرىلىق ئەۋج ئالغان . بەلكىم « سەرگەردان » فىلىمىنىڭ زىيانكەشلكىگە بىزدەك ئېغىر ئۇچرىغان مىللەت بولمىسا كېرەك .
         بىر قېتىم كوچىدا كېتىۋاتسام 200 مېتىرلارچە ئالدىمدا كېتىۋاتقان  18- 19 ياشلار چامىسىدىكى 2 ئۇيغۇر بالا يولدا مېڭىۋاتقانلارغا بىر نەرسىنى تەڭلەپ نېمىلەرنىدۇ دەپ مېڭىۋاتىدۇ . نېمە ئىش قىلىۋاتىدىكىن دەپ قەدىمىمنى تىزلىتىپ بىرەر يۈز مېتىرچە يېقىنلاشتىم . ئەسلىدە ئۇلار بىر تېلىفۇننى يولدا ماڭغانلارغا ياكى تۇرغانلارغا  كۆرسىتىپ مېڭىۋاتقان ئىكەن . مەن يول بويىدا ماشىنىسىغا يۆلىنىپ تاماكا چېكىپ تۇرغان بىر خەنزۇ يولداشتىن «ئاۋۇ ئىككىسى سىزگە نېمە دەيدۇ ؟  » دەپ سورىدىم .  ئۇ : « تېلىفۇن ئالامسەن ، تېخى بايا ئوغىرلىغان دەيدۇ . مەن ئالمايمەن دېدىم  »  دېدى . مەن ئۇنىڭ گېپىگە تازا ئىشەنمىدىم . مەن خىيالىمدا  : « ئوغرىلىق قىلغان بىلەن  ھەر قانچە بولسىمۇ  ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى كوچىدا سازايى قىپ ماڭغىلى نومۇس قىلار » دەپ  ئويلىدىم . شۇ ئەسنادا  ئۇلارنىڭ  بىرى كەينىگە قاراپ قېلىپ مېنى كۆرۈپ قالدى دە  قەدىمىنى تېزلىتىشتى.  خېلى ماڭغاندىن كېيىن ئۇلار مېنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ ئوڭ تەرەپتىكى بىر كىچىك يولغا قايدى . قېرىشقاندەك مېنىڭ ئۆتەر يولۇممۇ شۇ ئىدى . مېنىڭ بۇ يولغىمۇ ئەگىشىپ كىرگەنلىكىمنى كۆرۈپ ئۇ ئىككىسى تېخىمۇ كىچىك بىر خالتا كوچىغا كىرىپ كېتىشتى ..... يەنە بىر قېتىم ئاياغ بازىرىدا  16 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ باشقىلارغا تېلىفۇن تەڭلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم - دە  ئۇ بالىنى چاقىرىپ سورىدىم  .
- ئۇكام ، تېلىفۇن ساتامسەن ؟
- ھە  بۇ جا تېلىفۇن ، سىز ئالماڭ .  ماۋۇلارغا ساتساق بىزنى ئوغىرلاپ كەلگەپ جىڭ تېلىفۇن دەپ ئويلاپ قىممەت ئالىدىكەن .
مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن چۆچۈپ كەتتىم ، شۇندىلا مەن ھېلىقى خەنزۇ يولداشنىڭ ماڭا يالغان سۆزلىمىگەنلىكىگە ئىشەندىم  . بۇ بالىمۇ «شىنجاڭلىق ئوغرى» دېگەن نامدىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپتۇ ۋە «ئوغرى» دېگەن ماركىنى ئىشلىتىپ ، ئۇنىڭغا يەنە قويمىچىلىقنى قوشۇپ  پۇل تېپىشقا كاللىسىنى ئوبدانلا ئىشلىتىپتۇ . مۇشۇنىڭغا كاللىسى ئىشلىگەن بۇ بالىنىڭ « توختا ، مەن بۇنداق قىلسام بۇ يەردىكىلەر  باشقا ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوغرى دەپ ئويلاپ قالماسمۇ ؟ بۇنداق قىلسام ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆكمەيمەنمۇ » دېگەننى ئويلىيالىشى كېرەك ئىدى .  ئەپسۇس بۇ بالىلاردا يا نومۇس تۇيغۇسى يا گۇناھ تۇيغۇسى ۋە ياكى ئەخلاق تۇيغۇسى يېتىلمىگەن ئىدى . مەن ئۇنىڭغا ئەپسۇسلانغان ھالدا  :  « ئۇكام ، سەنمۇ بىلىسەن ، بىزنىڭ چىرايىمىز ئالاھىدىرەك . بۇ شەھەردە چەتئەللىكلەرمۇ خېلى بار ، قىلغىنىڭنى شۇلارمۇ كۆرىدۇ . مەيلى شەھەرنىڭ نەرىگە بار ئۈستۈڭدە كامېرا بار . تورلارغا چىقىپ قالسا يەنە بىزنىڭ يۈزىمىزگە سەت ، باشقا قېرىنداشلىرىڭنىمۇ ئويلاپ قويغىن . بۇنداق شىنجاڭلىقلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ يۈرمىگىن » دېدىم . ئۇ : « ئاكا ، دېگىنىڭىزغۇ راست . لېكىن بىز مۇشۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يەپ قاپتىمىز . ئىشقىلىپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغىرلىمايمىز »  دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى . دېمەك ئۇنىڭچە بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغىرلىماسلىقى ئۇنىڭ چوڭ ئىنساپ قىلغىنى ئىدى . ئىلگىرىمۇ مەن باشقا بىر شەھەردىمۇ مۇشۇنداق « ئىنساپلىق » لارغا يولۇققان ئىدىم ، ئادەم مىغ -مىغ  جايدىكى بىر خەنزۇ ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر ئۇيغۇر بالا  زىخقا كاۋاپ ئۆتكۈزىۋاتقان  ئىدى ، يېنىدا يەنە بىرسى كاللىسىغا لۆڭگىدىن بىرنى ئارتىپ ئەرەبلەر تاقايدىغان چەمبىرەكتىن بىرنى تاقىۋېلىپ ھېلىقى كورىيەنىڭمۇ ئىشقىلىپ  مودا بولۇۋاتقان « غىتتاڭ غىتتاڭ غىت تاڭ تاڭ » دېگەن مۇزىكىغا تولغانغاچ كاۋاپ يەلپۈۋاتاتتى ، قېشىدا يەنە بىر ياردەملىشىۋاتقان ، ئەتلەس كۆڭلەك كىيىۋالغان قىزمۇ بار ئىدى . مەن بېرىپ كاۋاپ ئۆتكۈزىۋاتقان بالىغا سالام قىلدىم ۋە سورىدۇم :
- كاۋاپنى قانداق ساتتىڭىز ؟
- ئون كويغا ئۈچ . ئەمما سىز يېسىڭىز بولمايدۇ .
-نېمىشقا ؟  ئەجەپلىنىپ سورىدىم .
- بۇ گۆش باشقا يەردىن ئەۋەتىلگەن گۆش ، بىزمۇ ساتقان بىلەن يېمەيمىز ، ئۆزىمىز تاماق ئېتىپ يەيمىز .
ئۇ شۇنداق دېدى - دە پەستە تۇرغان قازاننى كۆرسەتتى . مەن بۇ بالىنىڭ بۇ ئىشەنچىسىز گۆشنى ماڭا يېگۈزمىگەنلىكتىن ئىبارەت « ئىنسابىغا » رەھمەت ئېيتىشنى ياكى نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم . چۈنكى رەھمەت ئېيتسام ئۇ مەندەك بىر ئۇيغۇرغا چوڭ ئىش قىلىپ بەرگەن بوپ قالاتتى . بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشىمنىڭ ئۆزى خاتا ئىدى . مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن ئۇنىڭ بۇنداق كېلىش مەنبەسىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان گۆشنى سېتىشى ئەلۋەتتە توغرا ئەمەستە . كارانتىن قىلىنمىغان بۇنداق گۆشلەر ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ، ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش . بىزدە بىھۇدە باشقىلارغا زەرەر بېرىش دەيدىغان گەپ يوق .  
           مەن ئىچكىرىگە كېلىپ يېڭىلا خىزمەتكە چۈشكەن ۋاقتىمدا ئاپتوبۇس بىلەن ئىشقا باراتتىم ، ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ بەزىسى  مېنىڭ شىنجاڭلىقلىغىمنى بىلىپ شۇنچە قىستاڭچىلىقتىمۇ قېچىپ تۇرۇشاتتى . ھەتتا بەزىلىرى سومكا- يانچۇقلىرىنى تۇتۇشاتتى . مەن بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى  بىئارام بولاتتىم  . ئۇلارغا « قورقماڭلار ! مەن ئوغرى ئەمەس » دېگۈم كېلەتتى . بەزىدە  ئاپتوبۇسقا چىقىش شۇ قەدەر ئېغىر كېلەتتىكى مېنىڭ ئاپتوبۇستىكىلەرنى ئەنسىرىتىپ ، خۇدۇكسىرىتىپ قويغۇم يوق ئىدى . كېيىن باشقىلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سومكا ئېسىۋالغان ئىدىم  ھەقىقەتەن پايدىسى بولدى . چۈنكى ئازراق خىزمەتچىگە ئوخشىغان ئىدىم .
             بىر قېتىم خېرىدار بىلەن يىراق  بىر يېزىدىكى  زاۋۇتقا باردىم . زاۋۇت خوجايىنى مېنىمۇ چەتئەللىك دەپ ئويلاپ قېلىپ تەرجىمان چاقىرىپ چىقتى . مەن ئۇنىڭغا شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمنى ئېيتسام ئۇ  ئازراق ھەيران قالدى . چۈنكى ئۇ ئىلگىرى شىنجاڭلىقتىن چەتئەل تىلى بىلىدىغانلارنى كۆرۈپ باقماپتىكەن .  بىردەم پاراڭلىشىشلاردىن كېيىن ئۇ ماڭا باشقىلار بىلەلمىسە ئۆزەمنى شىنجاڭلىق دېمىسەممۇ بولىدىغانلىقىمنى چۈنكى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىچكىرىدە تەسىرىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيىتتى . مەن دېدىم : «  مەن چوقۇم ئۆزەمنى شىنجاڭلىق دېيىشىم كېرەك . بولمىسا سىلەر شىنجاڭلىقلاردىن كاۋاپچى بىلەن ئوغرىدىن باشقىسى چىقمايدۇ دەپ ئويلاپ قالىسىلەر . شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەر ئويلىغاندەك ساپاسىز ئەمەس . بىز شىنجاڭدا سىلەر ئويلىغاندەك ئات مىنىپ ، تۆگە مىنىپ يۈرمەيمىز . ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىمۇ لەنجۇدىن يۇقىرى . شىنجاڭلىقلاردىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىدارە - ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىرىمۇ بار . مەركەزدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارمۇ بار . ئاز ساندىكى ئەسكى ئىش قىلىۋاتقانلارنى كۆرۈپ يا ئاڭلاپ بىزنى خاتا چۈشىنىۋالساڭلار بولمايدۇ  »  دېدىم . بۇ يولداش گېپىمگە قايىل بولدى بولغاي « سۆزلىرىڭ ئورۇنلۇق  ، ئەسكى ئىش قىلىدىغان ئاز ساندىكىلەر  ھەممە مىللەتتە بار » دېدى .
       ئىچكىرىدە ھەقىقەتەن تىجارەت ساھەسىدە خەنزۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياخشى ئۆتىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ نۇرغۇن .  ھەتتا بەزىلىرى ئۇزۇن يىل مال ئالغان زاۋۇت - دۇكانلاردىن نىسىگىمۇ مال ئالالايدۇ . چۈنكى ئۇلار يەرلىكلەر بىلەن سودا - مۇئامىلىسى قىلىش جەريانىدا راستچىللىقى بىلەن يەرلىكلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن . مەن يېقىن ئۆتىدىغان خەنزۇلارمۇ خېلى كۆپ . بەزىسى : « سەن مېنىڭ بىردىنبىر شىنجاڭلىق دوستۇم ، شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىپ قالساق سەندىن باشقا ئىزدەيدىغان ئادىمىمىز يوق »  دەپ قويىدۇ . ئىچكىرىدىكىلەرگە ياخشى تەسىر بەرسىڭىز سىزگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ .  ئەمما يەنە شۇ ئاز ساندىكى ئوغرىلىق قاتارلىق يامان ئىشلارنى كەسپ قىلىۋالغانلار بىزنىڭ نامىمىزنى بۇلغاپ  نۇرغۇن جايلاردا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىمىزغا سەۋەبچى بولماقتا . مۇشۇ بىرقىسىم نومۇس تۇيغۇسى يوق ئادەملىرىمىزنىڭ دەستىدىن ئىچكىرىگە سودا  ، ساياھەت ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن  چىققان بىر قىسىم ياخشى كىشىلىرىمىزمۇ ياتاق ئېلىش ، ئۆي ئىجارىگە ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە سوغوق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ . مەن ئۆي ئىجارە ئالالماي  يول بويىدا تونۇرنىڭ قېشىدا  لاپاس قۇرۇپ يېتىۋاتقان ئۇيغۇر  ئەر - ئايالنىمۇ كۆردۈم . ئۇلار نېمىشقا يول بويىدا ياتىدۇ ؟ چۈنكى ئۇلار ئۆي ئىجارە ئالالمىغان . بىزنىڭ ناچار  ئادەملىرىمىزنىڭ بەرگەن خاتا چۈشەنچىسى تەسىرىدە يەرلىكلەر شىنجاڭلىقلارغا ئۆي ئىجارە بېرىشتىن قورققان . بۇنىمۇ ئەلۋەتتە ئۆزىمىزدىن كۆرۈشىمىز كېرەك .
         ئىچكىرىدە مەلۇم بىر ئالى مەكتەپتە بىرەيلەننىڭ تېلىفۇنى يۈتكەن . تېلىفۇننى يۈتتۈرگۈچى تېلىفۇنىنى ئوغىرلىغان ئوغرىنى ئويلىغاندا ئېسىگە بىرىنچى بولۇپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار  كەلگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم باشلاپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىنى ئاختۇرغان . ئەمما تېلىفۇن تېپىلمىغان . شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خورلۇق ھېس قىلىپ بۇ ئىشنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە  ئىنكاس قىلغان . مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدى ئاسىتىدا تېلىفۇننى يۈتتۈرگۈچى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئەپۇ سورىغان . دېمەك 《شىنجاڭلىق ئوغرى 》دېگەن نامنىڭ تەسىرىدە بىگۇناھ بالىلارمۇ ئوغرىلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالغان .
        يەنە ئىچكىرىدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلاردىن ئاڭلىسام ئۇلارنىڭ باشقا مىللەتتىن بولغان  ساۋاقداشلىرى ياكى ياتاقداشلىرى كوچىدا شىنجاڭلىق ئوغرىنىڭ نەرسە ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانلىقىنى  ياكى زورلاپ ساتار ماتاڭچىغا ئۇچراپ قېلىپ تىل - ئاھانەت ئاڭلىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىشىدىكەن ، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر بالىلار نومۇس قىلىپ ئولتۇرالماي قالىدىكەن. دېمىسىمۇ  بەزى سودا - سارايلارغا كىرىپ قالسىڭىز  ئامانلىق قوغىغۇچىلار تەرىپىدىن ئوغرىمىدۇ دېگەن گۇمانى نەزەردە قارىلىسىز . شۇڭا باس - باس دۇكانلارغا كىرسىڭىز «مېنى ئوغرى دەپ قالمىسۇن » دەپ  بەزىدە باشقىلار بىلەن قىستىلىشىپ نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايسىز . مانا بۇمۇ ئۆزىمىزنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرىنىڭ ناچار ئەخلاقى تەسىرىدىن بولۇۋاتقان ئىش .
      بىر قېتىم بىر تونۇشۇم ماڭا « بىزنىڭ ئىچكىرىدە يۈزىمىز تۆكۈلۈپ بولدى ، ئەمدى 50 يىل كوچا سۈپۈرسەكمۇ يۈز تاپالمايمىز » دەيدۇ . بۇ گەپنى ئاڭلاپ غۇژژىدە  ئاچچىقىم كەلدى . «  سەن بۇنداق ئۈمىتسىزلەنسەڭ بولمايدۇ ،  ئامال بار بىزمۇ بولسا ناچار تەسىرلەرنى تۈگىتىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك . ئىچكىرىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە  ئوقۇيدىغان  ئىنى - سىڭىللىرىمىز بار ، بالىلىرىمىزمۇ چوڭ بولۇۋاتىدۇ ئۇلارمۇ بىكاردىنلا  ئوغرى دېگەن قارا قازاننى يۈدۈۋالسا بولمايدۇ ،  بىزنىڭ ئۇلارغا ئىچىمىز ئاغرىشى كېرەك . بىزنىڭ كۆپىمىز ياخشى . ئارىمىزدىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ  ناچار ئىشلىرى تۈپەيلىدىن  بىزنىڭ ئىناۋىتىمىز بولمايۋاتىدۇ . بۇنداق ئۈمىدسىزلەنمەيلى ، كېيىنكىلەرنىمۇ ئويلاپ قويايلى » دېدىم .
        ئىچكىرىدە ئاشخانا ئېچىپ  ، ھالال تىجارەت قىلىپ يېمەك - ئىچمەك  ۋە بېزەكچىلىك مەدىنىيىتىمىزنى تونۇتىۋاتقان ، ئىچكىرىدىكىلەرگە ياخشى تەسىر بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خېلى كۆپ  . گەرچە ھېچقانچە پۇل تاپالمىسىمۇ ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتتە قۇرۇق يەل - يېمىش سۆرەپ سېتىپ جاپادا كۈن كەچۈرىۋاتقانلارمۇ خېلى بار . مۇشۇ يەل - يېمىش سېتىۋاتقانلارنىڭ  جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتقۇم كېلىدۇ  . گەرچە ئۇلار ئاز تاپسىمۇ ، سوغوقتا توڭلاپ ،  ئىسسىقتا قىينالسىمۇ ھارامدىن پۇل تېپىشنى نومۇس دەپ بىلگەن  ، مىللىتىنىڭ يۈزىنى تۆكۈشنى نومۇس دەپ بىلگەن ئىدى . ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتىتىكى  روھى ماختاشقا ئەرزىيدۇ . نومۇس تۇيغۇسى جەھەتتە قازاق ، قىرغىز ، تىبەتلەر بىزدىن كۆپ ياخشىكەن . ئىلگىرىمۇ قازاقتىن تىلەمچى يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ماقالىلار ئېلان قىلىنغان . ھەم مەن ئىچكىرىدە ھازىرغىچە بىرەر تىبەت ياكى قازاق ، قىرغىزنىڭ ئوغرىلىق قىلغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم . ئۇيغۇر ناۋايدىن 3 يۈەندىن نان ئېلىپ ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتتە سۆرەپ تۆت يۈەندىن ساتىدىغان كۈنى تەس تۇڭگانلارمۇ بار ، شۇلارمۇ ئوغرىلىق قىلمايدۇ . ھازىر ئۇيغۇر ئوغرى - يانچۇقچىلارنىڭ يامان  تەسىرىدە ئىچكىرىگە چىققان قازاق ، قىرغىزلارمۇ تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ . چۈنكى كىملىكتە ھەممىسى شىنجاڭلىق بولغانلىقى ئۈچۈن .
          70 - 80 - يىللاردا ئىچكىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناۋىتى بەك يۇقىرىكەنتۇق ، ئۇيغۇرلار ئىچكىرىگە بېرىپ  پويىزغا چىقىپ قالسا يەرلىكلەر ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرەركەنتۇق . شۇ چاغلاردا شاڭخەي ، گۇاڭجۇلارغا كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ راستچىللىقى ، تىجارەتكە ماھىرلىقى جەھەتتە يەرلىكلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ يەكلەش دېگەن نەرسە بوپ باقمىغانكەن . شۇچاغلاردا دېڭىز بويى تەرەپلەرگە بېرىپ  مال ئالىدىغان چوڭ سودىگەرلەر يەنىلا ئۇيغۇرلاركەنتۇق . ئۇ ئىشلار ئىچكىرىدىكى بەزى قېرى پىشقەدەملارنىڭ ئېسىدە ھازىرمۇ بار ئىكەن . ئەپسۇس 90 - يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا ئوغرىلىق، زەھەر سودىسىدىن ئىبارەت ۋابا يامرىغاندىن كېيىن ئىچكىرىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان  چۈشەنچىسى ئۆزگەرگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئىچكىرىدە ئاۋالقىدەك قارىشى ئېلىنمايدىغان  بولۇپ قالغان .
          يەنە بىر تونۇشۇمدىن ئاڭلىسام مالايسىياغا چىققان بىرسى ئۇ يەرنىڭ بازىرىنىڭ تېخى ئېچىلمىغانلىقىنى بايقاپ كىچىك بالىلاردىن  ئۈچنى ئېلىپ چىقىپ ئوغرىلىققا سالماقچى بولۇپ بۇ ئۈچ بالىغا پاسپورت بېجىرەلمەي بەك بېشى قېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىپتۇدەك  . بۇ گەپنى ئاڭلاپ توۋا دېدىم ۋە ئاڭلىمىغان ئىشلار تېخى ئالدىمدا ئوخشايدۇ دېگەن تۇيغۇغا كەلدىم .
         يېقىندىن بۇيان بىزدە  ئىسلاھات توغرىلىق گەپ بولۇۋاتىدۇ ، مېنىڭچە بىز ئىسلاھاتنى ئۆزىمىزدە  ئازراق نومۇس تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈپ ئېڭىمىزنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن باشلىساق بولارمىكىن دەيمەن ....  ئەمدى بالىلارنىڭ ئوغىرلىنىپ كېتىشى توغرىسىدا ئازراق توختىلايلى .
          كىچىك ئابدۇنىيازنىڭ كىنوسى ھېلىھەم تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن  . شۇ كىنۇ چىققان يىلى مەن 10 ياشلاردا ئىدىم  . مەكتەپتىن بىزنى ئومۇميۈزلۈك شۇ كىنونى كۆرۈشكە ئاپارغان . ئۇ كىنودا 7 - 8 ياشلار چامىسىدىكى كىچىك ئابدۇنىياز باشقىلار تەرىپىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئوغۇرلاپ  ئەكىتىلىپ ئوغرىلىققا سېلىنىدۇ . ئوغرىلىق قىلالمىسا ئېسىپ قويۇلۇپ قاتتىق تاياق يەيدۇ ، ۋە بەدەنلىرىگە تاماكا يېقىلىدۇ . كېيىن ئابدۇنىياز  ئوغرىلارنىڭ قولىدىن قېچىپ چىقىپ ئەخلەتخانىدىن يېمەكلىك تېپىپ يەپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ئاقكۆڭۈل خەنزۇلار تېپىۋېلىپ بېقىۋالىدۇ ۋە ئاندۇنىيازنىڭ ئاتا- ئانىسىنى ئىزدەشكە ئاتلىنىدۇ . جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئابدۇنىيازنىڭ ئاتا- ئانىسى تېپىلىپ ، ئابدۇنىياز بېقىۋالغان خەنزۇ ئاتا - ئانىسى تەرىپىدىن ئۆز ئاتا - ئانىسىغا تاپشۇرۇلىدۇ . بۇ كىنو شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن شىنجاڭنى زىلزىلىگە سالغان ، كىنودىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر نۇرغۇن ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆزىنى ياشلىغان ۋە  ئابدۇنىيازغا زىيانكەشلىك قىلغان قارا نىيەتلەرگە نەپرەتلەر ياغدۇرۇلغان ئىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتلار بالا ئوغىرلاپ ئىچكىرىدە ئوغرىلىققا سېلىش ئەمدىلا باشلانغان ۋاقىتلار ئىدى ..... مانا ئارىدىن توپتوغرا 20 يىل ئۆتتى . كىچىك ئابدۇنىيازلار ئازايماقتا يوق كۆپىيىپ كەتتى . سۈرىيە قاتارلىق سەبىيلەر يوقىلىپ كېتىپ تېپىلمىدى . نۇرغۇن ئاتا- ئانىلارنىڭ يۈرىكى لەختە قان بولدى . شۇلارغا قارا قولىنى سۇنغان ،  ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن ئاشۇ  ئادەم سۈپەت تۇڭگۇزلار نۇرغۇن ئاتا - ئانىلارنى قان يىغلاتتى . دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىپلاسلىق ، تاش يۈرەكلىك بولمىسا كېرەك . شۇ ھايۋان سۈپەت مەخلۇقلارنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئانا بولىمىش داشقاللارغا لەنەت قىلساقمۇ ئەرزىيدۇ ، بالاڭنى ئادەم قىلىپ تەربىيلەشكە ئىشەنچىڭ بولمىسا بالا تۇغۇپ نېمە قىلىسەن ؟ بالاڭغا ئادىمىيلىكنى ، رەھىمدىللىكنى ئۆگىتەلمىگەن سەندەك يارىماسلارغا  لەنەت بولسۇن ، مۈشۈك جېنىدا بالىسىغا چاشقان تۇتۇپ مېھنەت قىلىپ ياشاشنى ئۆگىتىدۇ ... ۋۇي ھايۋانچىلىكمۇ بولالمىغان ماڭقۇرتلار  ....
           بىر ئاتا - ئانىغا نىسبەتەن بالىسىنىڭ يۈتۈپ كېتىپ تېپىلماسلىقىدىن ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كېرەك . ئەلۋەتتە بۇنداق ئايرىلىش پىراقى ئاتا - ئانىغا نىسبەتەن پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمىدىن  قاتتىقراق ئازاپتۇر .  چۈنكى ئۆلۈم مۇسىبىتىگە نەچچە كۈن يىغلاپ سەۋىر قىلغىلى بولىدۇ . لېكىن پەرزەنتىدىن خەۋەرسىزلا مەھرۇم قېلىشقا ئاتا - ئانا بولغۇچى بەلكىم بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۈمكىن . كىچىك يۈسۈپ يۈتۈپ كېتىۋىدى ئۇنىڭ دەردىدە ياقۇپ ئەلەيھىسسالام تولا يىغلاپ قارىغۇ بولۇپ قالدى ، چۈنكى ئۇ يۈسۈپنىڭ ھاياتلىقىغا ئىشىنەتتى ، سېغىنىش ئوتى ئۇنى شۇ قەدەر قىينىغان ئىدىكى ئەگەر يۈسۈپ يۈتۈپ كەتمەي ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا ئىدى بەلكىم  ئۇ ئەلۋەتتە سەۋىر قىلغان ، تولا يىغلاپ قارىغىمۇ بولۇپ قالمىغان بولاتتى .
         دۇنيا تارىخىنىڭ يۈزىدىكى  قارا داغ ھېسابلىنىدىغان  400 يىللىق دەھشەتلىك قۇل سودىسى ئاخىرلاشقىلى ئۇزۇن يىللاربولدى . ئەمما بۇنداق  ۋەھشىيانە قىلمىش 21 - ئەسىردىمۇ  ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋاتقان ئۇيغۇردا ھېلىھەم مەۋجۇتكەن  . يەھۇدىي ، خىرىستىئانلار  قارا تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرىنى تۇتۇپ كېتىپ ئۇلارنى ئاتا- ئانىسىدىن مەڭگۈلۈك ئادا - جۇدا قىلىپ ، ئامېرىكا قىتئەسىگە ئاپىرىپ ئېغىر ئەمگەككە سالغان بولسا،  ئۇيغۇر دېگەن مىللەت ئۆز مىللىتىنىڭ بالىلىرىنى ئوغۇرلاپ كېتىپ ، ئۇلارنى ئاتا - ئانىسىدىن مەھرۇم قىلىپ ئىچكىرىدە ئوغرىلىققا سالدى . دېمەك ۋەھشىيلىكتە ، نومۇسسىزلىقتا ئۇيغۇر بەكراق ئاشۇرىۋەتتى . مەن بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، دۇنيادا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان مىللەت ئىچىدە ئەسكىسى ئۇيغۇرنىڭ ئەسكىسىنىڭ  ئالدىغا ئۆتىدىغىنى بارمىدۇ دەپ .بەلكىم تورداشلار «قۇتۇلۇش يولى »دېگەن كىتابنى ئوقۇغان . شۇ كىتابتىمۇ ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى بايان قىلىنغان .
                يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتمۇ بالا ئوغىرلىنىش ۋەقەلىرىگە جىددى كۆڭۈل بۆلۈپ نۇرغۇن جىنايەت شايكىلىرىغا زەربە بېرىپ نۇرغۇن سەبىي  بالىلارنى ئائىلىسىىگە قايتۇرۇپ كەلدى .  ئەمما بۇنداق قىلمىشنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن ئادەملەردە نومۇس تۇيغۇسى ، ئەخلاق تۇيغۇسى يېتىلدۈرمەي بولمايتتى . بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلاردا كىچىك ۋاقتىدىلا  كۈچلۈك بولغان ئەخلاق ئېڭى يېتىلدۈرۈش كېرەك ئىدى . بالىلاردا كىچىك ۋاقتىدا ئەخلاق قىممەت قارىشى يېتىلسە ئۇلارنى كېيىن باشقىلار پۇل بېرىپمۇ ئوغرىلىق قاتارلىق ناچار ئىشلارغا سالالمايتتى . چۈنكى كىچىك ۋاقتىدا بالىلارنىڭ قەلبىگە ئورنىغان تەربىيەلا بالىلاردا بىر ئۆمۈر مۇستەھكەم ، توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى يېتىلدۈرۈشتە تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىيالايتتى . كۈچلۈك ئىچكى ئامىلنى تاشقى ئامىل ھەر قانچە قىلسىمۇ بۇزاالمايتتى .....  ئەپسۇس ، مىڭ ئەپسۇس .  بىزبەك رەھىمسىز ، تاش يۈرەك بوپ كەتتۇقمۇ بىلمىدىم  ئاجرىشىشتا ، بالىلارنى يېتىم قىلىشتا چېمپىيون  بولدۇق  . يېتىم بولغان شۇ نارەسىدىلەرنىڭ  تەربىيە مەسلىسى كاپالەتكە ئىگىمۇ ؟ ئۇلار چوڭ بولسا قانداقراق ئادەم بولىدۇ ؟ بۇنىڭغا ھېچقايسىمىز بىر نېمە دېيەلمەيمىز . بىزدە « ئەجدادلار ئىزىدىن تىكەن ئۈنسە ، ئەۋلاتلار پۇتىدىن قان ئاقىدۇ » دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار ئىدى  ئەمما بىز بۇنى بىلمىدۇق . بىز بالىلارنى يېتىم قىلىش بىلەن ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلدۇق ، ئۇلارنىڭ يوللىرىغا تىكەن تېرىدۇق . ئىچكىرىدە پاھىشە بولۇۋاتقان قىزلار بولسۇن ، ئوغرىلىق قىلىۋاتقانلار بولسۇن ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئاتىسى ، ياكى ئانىسىنىڭ مېھرىگە قانالماي چوڭ بولغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخى بار. ئۇلارنىڭ تولىسى يېتىم قېلىپ تەربىيە كۆرەلمىگەن ياكى ئاتا- ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىپ ئۆگەينىڭ ئالدىدا سىغماي خارلىنىپ  ، كۆڭلى مېھىر - مۇھەببەتتىن سۇ ئىچەلمەي چوڭ بولغانلار دېسەك ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس . مەن بىرتىجارەتچى ئاكىمىزدىن يۇرتتىكى  بىر تونۇشىنىڭ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ « بالام سىلىنىڭ تىجارەتلىرىگە ياردەملىشىپ يانلىرىدا تۇرۇپ قالغان بولسا ، ئانىسى ئۆگەي ئىدى » دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم . بەلكىم بۇ بىچارە دادا يۈرەك پارىسىنىڭ ئۆگەي ئانىدىن دەشنام يەپ ، خارلىنىپ يۈرۈشىگە چىدىمىغان بولسا كېرەك . ئەمما ئاۋۇ بىچارە بالىچۇ ؟ ئاتا - ئانا مېھرىگە قېنىپ چوڭ بولۇش ئۇنىڭ ھەققى ئىدى . ئەپسۇس ئاتا - ئانىسى ھەققىنى ئادا قىلالمىدى  ... دېمەك بالىلارنىڭ جىنايەت يولىغا كىرىپ قېلىشىدا ئاتا - ئانىلارنىڭمۇ جاۋابكارلىقى ئېغىر .
          ئاخىرىدا مەيلى يانچۇق كولاپ پۇل ئوغىرلاۋاتقانلار بولسۇن مەيلى بالا ئوغىرلاۋاتقانلار بولسۇن سىلەرگە دەيدىغىنىمىز ۋە سىلەردىن ئۆتۈنىدىغىنىمىز بۇنداق ئىپلاس ئىشتىن قولۇڭلارنى يىغىڭلار.  سىلەر ئوغرىلىق قىلمىساڭلارمۇ ئاچ قالمايسىلەر ، چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ پۈتۈلگەن رىسقى بار .  خەنزۇلاردا  « 君子爱财取之有道 يىگىت مال - دۇنياغا ھېرىسمەن بولسا توغرا يولدىن تېپىشى كېرەك » دېگەن ئېسىل ماقال بار ، بىزدىمۇ « ھەركىم قىلغانلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ » دېگەن گەپ  بار . سىلەرمۇ پەرزەنتىڭلارنىڭ ئوغرى بوپ قېلىشىنى خالىمايسىلەر ، پەرزەنتىڭلارنىڭ ئوغىرلىنىپ كېتىشىنى تېخىمۇ خالىمايسىلەر ، شۇڭا يانچۇقچىلىق قىلىپ  مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكمەڭلار .  نارەسىدە بالىلارنى ئوغىرلاپ كېتىپ ئۇلارنىڭ  ئاتا - ئانىسىنى قان يىغلاتماڭلار .  باشقىلارغا بىھۇدە زۇلۇم قىلماڭلار . ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ھەركىم قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ .


2015-يىل . 25- مارت . شاڭخەي .  

     (ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا  كۆچۈرۈپ تارقىتىلسا بولىدۇ  )   

2

تېما

1

دوست

4166

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7494
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 794
تۆھپە : 736
توردىكى ۋاقتى: 268
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بىرنىڭ پوقى مىڭغا دىيىلگەندەك، ئاز ساندىكى نومۇس تۇيغۇسى يوقلار بىزنىڭ ئوبرازىمىزنى خۇنۈكلەشرۈرۈۋاتىدۇ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

8

تېما

7

دوست

3117

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 908
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-25 23:00  

ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدىغان ئىشلار... ھەممىسى بىلىمسىزلىك، نادانلىق، جاھالەت قاتارلىقلارنىڭ ئاتا قىلىۋاتقان  روھىي نامراتلىغىنىڭ سوۋغىسى ماددىي نامراتلىق ۋە چېچىلاڭغۇلۇقنىڭ مەھسۇلى.

0

تېما

2

دوست

3977

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1200
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
كورگەن كەچمىشلىرىڭىز بەك كوپ ئىكەن قارغاندا مىللىتىمىز ئىچىدىكى يامان قىلىقلارنىڭ  ھەمىسى سىزگىلا ئۇچۇرغان ئوخشايدۇ ننىمىشقا ياخشى ئىشلار ئۇچۇرمايدۇ سىزگە ،دۇنيادا ھەممە مىللەتنىڭ ياخشى يامان كىشلىرى بولۇدۇ بۇ بىردىنبىر ھەقىقەت  بۇنى ئۇنۇتماڭ
ئاتۇق گەپنىڭ ھاجىتى يوق يەنمۇ ئىزدىنىپ كوزلىرىڭىزنى يەنمۇ يوغانراق ئېچىپ قاراپ باقسڭىز  باشقا مىللەتلەردىمۇ بۇلاردىمۇ يامان ئوغرى لۇكچەكلەرنى ھەم يامان قىلمىشلارنى ئۇچىرتىسىز
مەنمۇ كىم بولسۇن قانۇنغا ئەخلاققا زىت قىلمىشلاردىن نەپرەتلىنمەن  
بىر تەرپلىمە قۇرۇق گەپ قىلغانىڭ نىمە پايدىسى  بۇ تىمنى ياقتۇرمىدىم سەۋەبى ئازىغىنە ئادەملەرنىڭ  خاتالغىنى ئۇمۇمى مىللەتكە ئورتاق ئارتىپ قۇيۇش نىمە دىگەن بىمەنىلىك
شۇنچە قۇرۇق گەپ قىلغىچە  ئەملى ئىشتىن بىرنى قىلسچۇ
مۇشۇ كۇنلەردە بىرە ئادەمگە ئاچىغى بولسىمۇ ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق دەيدىغان ساراڭ  قېتىش ئادەملەر كوپيىپ كىتىۋاتىدۇ دىسە .ئوزى مەن مىللەتكە نىمە قىلىپ بەردىم دىگەنى ئويلىمايدۇ ............

1

تېما

2

دوست

4978

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1352
توردىكى ۋاقتى: 366
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ گەپلەرگە ئۇيغۇرنى نېمىشقا چېتىۋالىغاندۇ، بۇ پەيلاسوپ. مىللەتنى قۇتقۇزىمەن بۇ پەيلاسوپمۇ تاز بوپ كېتەمۇ ئەمدى.

2

تېما

4

دوست

1876

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 540
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بەزىلەر مۇنداق قارايدۇ :بىر ئۇيغۇر ئۇتۇق قازانسا ،مېللىتىمىزنىڭ نامى بىلەن سۆزلەپ كىتىمىز ،بىر ئۇيغۇر يامانلىق قىلسا ،بۇ ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ .
يەنە :بىر مۇسۇلماننىڭ گۈزەل پەزىلىتى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ سۈپىتى .بىر مۇسۇلماننىڭ جىنايىتى پەقەت شەخسىنىڭ جىنايىتى ياكى خاتالىقى .توۋا .............دۇنيادا مۇشۇنىڭدىمۇ ئۆتە ئەخمىقانە ئۆزىنى قاچۇرۇش پىسخىسىكىسىغا ئىگە مېللەت ۋە توپ بارمىدۇ ؟

0

تېما

0

دوست

1702

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2184
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 539
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-28
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ 1.ئايدا  شاڭگاڭ-ئاۋمىن لارغا ساياھەتكە چىقىپ قايتىپ كىلەشمىزدە گۇئاڭجۇدا
بىر ئاخشام قۇنۇپ قالدىم مەخسۇس مىنى تەكشۇرگىلى ساخچىلار كەپتۇ، ئۇلار ئۆزرە ئېيتىپ ياتاققىمۇ كىرمەي چىقىپ كەتتى، شۇ يانچۇقچىلار مىللىتمىزنىڭ يۈزنى تۆكمىگەن
بولسا بەلكىم ساخچىلارمۇ جاپا تاتمىغان بولاتتى،

1

تېما

2

دوست

400

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   50%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34312
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
dolanogli يوللىغان ۋاقتى  2015-3-25 23:00
كورگەن كەچمىشلىرىڭىز بەك كوپ ئىكەن قارغاندا مىللىتىمى ...

تېمىنىڭ ماۋزۇسىنىڭ يوغانراق قويۇلۇپ قالغان يېرى بار ،  بۇنى تەن ئالىمەن . سىز ئۆزىڭىزنى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ كېتىپسىز ، مەسلەن قايسى مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ بۇ گەپلەرنى دەۋاتىسىز ؟ سىز قانداق مىللەت بىلەمسىز ؟ سىز يۇقارقى ئىشلارنى توغرا چۈشەنسىڭىز مەن بۇنداق ئىشلارنىڭ مىللىتىمدە بولۇشىنى نومۇس ھېسابلايمەن . چۈنكى بۇنداق ئىشلار  مەنچە بولغاندا خەقتە بولسىمۇ ئۇيغۇر دېگەن مىللەتتە بولماسلىقى كېرەك ئىدى . بۇ يەردە مىللەت سۆكۈلىۋاتمايدۇ بەلكى ئىللەت سۆكۈلىۋاتىدۇ . ھەممە ئىشنى بۇ تېمىدا سۆزلەشكە ئاجىز بولغانلىقىم  ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك يازالايدىكەنمەن . سىزمۇ ئانچە - مۇنچە جاھان كۆرۈپ ، ئىچكىرىنىمۇ ئايلىنىپ قويۇڭ . شۇندىلا دېگەنلىرىمنى چۈشىنىسىز . كۆز قاراشلىرىڭىز بولسا سىزمۇ تېما قىلىپ يوللىسىڭىز تېمىڭىز تەستىقلىنالىسا ئوقۇساق بولىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )