- تىزىملاتقان
- 2011-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3806
- نادىر
- 0
- يازما
- 125
ئۆسۈش
  60.2%
|
ئەگەر سۈرەتتە بىرەر كىشى ئارتۇق چىقىپ قالسا، كىشىلەر بۇ رەسىمگە روھ قوشۇلغان بولۇشى مومكىن، دەپ ئويلاپ قېلىشى مومكىن. بىراق ، بىر كىشى كەم چىقىپ قالسا، بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈش كىرەك؟
ئالجىرىيەدىكى 70 ياشلىق موماي خالىم يادىكېف نىڭ ئۈمرىدە بىر قېتىممۇ سۈرىتى چىقىپ باقمىغان ئىكەن. بۇ ئۇنىڭ رەسىمگە چۈشۈپ باقمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى يۇيۇلغان رەسىمدە نىگاتىپى چىقمىغانلىقتىن بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قېتىم گۇۋاھنامىگە سۈرەتكە چۈشۈش توغرا كەلسە، ئۇنىڭ بېشى قاتىدىكەن. چۇنكى ئۇ تالاي قېتىم سۈرەتكە چۈشۈپ باققان بولسىمۇ، نىگاتىپتا ئۇنىڭ سىماسى كۆرۈنمىگەن ئىكەن.
ئالجىرىيەدىكى بىر قىسىم داڭلىق فۇتۇگرافلار بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن يىغىلىپ، بۇ موماينى مەخسۇس تەييارلانغان ئۆيدە سۈرەتكە تارتقان ۋە ئايرىم ئۆيدە ئالاھىدە تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ سۈرەتنى يۇغان. بىراق، ھەيران قالارلىقى ئۇلار شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ رەسىمى بار ئورۇندا قاپقارا چىكىتتىن باشقا ھىچنىمە كۆرۈنمىگەن. ئالىملارمۇ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ ھىچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلالمىغاندىن كىيىن، بەلكىم ئىلىم-پەن تەرەققى قىلغاندا ئاندىن بۇ ئىشنىڭ سىرى ئېچىلىشى مومكىن دىگەن قاراشقا كەلگەن. |
|