قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1012|ئىنكاس: 49
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مائارىپ راستلا چىكىندىمۇ؟(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

دوست

2399

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28391
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 732
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:18 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مائارىپ راستلا چىكىندىمۇ؟


    مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئىككى نەرسە ئارقىلىق بەلگۈلىنىدۇ. بىرى: ئادەملەرنىڭ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجى؛ يەنە بىرى مائارىپنىڭ ئىختىزادى شارائىتى. مەن مائارىپنىڭ ئىختىزادى شارائىتى توغىرىسىدا ئالدىنقى تىمىدا ئالاھىدە ئوتتۇرغا قويدۇم. دۆلەتنىڭ ئىختىزادى تەرەققىياتى ۋە ئىختىزادى كۈچىنىڭ ئېشىشغا ئەگىشىپ  مائارىپنىڭ شارائىتى كۈندىن-كۈنگە ياىشىلىنىۋاتىدۇ. ئۇقۇيدىغانلا بولسا شارائىت دىگەن بار بولدى. ئەمدى دىمەكچى بولغىنىم كىشىلەرنىڭ مائارىپقا بولغان ئىھتىياج مەسىلىسى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۈزىنىڭ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجىنى بىلىشتە ئىپادىلىنىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارمۇ خۇددى باشقا مىللەت، رايون ۋە چەتئەللەردىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مائارىپقا ئېھتىياجلىق. بۇ جەھەتتە بىزنىڭ مىللى كارخانىچىللىرىمىز بۇ نوختىنى تۇنۇپ يىتىۋاتىدۇ. لېكىن باشقا بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۈزىنىڭ ئىھتىياجىنىڭ مائارىپ ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يىتەلمەيۋاتىدۇ.
     قوساق توق كىيىم پۈتۈن بۇلۇش مەسىلىسى ھەل بولغىلى ئۇزۇن بولمىدى. لېكىن بۇ مەسىلە ھەل بۇلۇپ ئاساسەن ھاللىق سەۋىيىگە قاراپ كىتىۋاتىمىز. دىمەك كىشىلەرنىڭ قوساق ۋە كىيىمگە بولغان ئېھتىياجى ئاساسەن ئەمەلگە ئېشىپ بولدى دىيىشكە بۇلىدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئىھتىياجى بىلىم ۋە تەخنىكىغا يۇرۇشۇش بۇلۇش ئىدى.  چۈنكى جاھان كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. يىڭى تەخنىكا ۋە يىڭى ئىجادى مەھسۇلاتلار كۈنىگە يىڭىلىنىۋاتىدۇ. بۇ تەخنىكا ۋە ئىجادى مەھسۇلاتلاردىن كىشىلەر بىمالال پايدىلىنالىشى ھەتتا ئۈزى ئىجادى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالىشى كىرەك ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال كىشىلەرنىڭ بىلىم ۋە تەخنىكا ئىگەللەشكە بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى يۇقۇرى بۇلۇشتا ئىپادىلەنسە بۇلاتتى. ناھايىتى ئەپسۇس لېكىن يەنىلا بىرقىسىم كىشىلەردە ئۇنداق بولماي قالدى. ئۇقۇمايمۇ پۇل تاپقىلى بۇلىدۇ، ئۇقۇمايمۇ جان ساقلىغىلى بۇلىدۇ دەيدىغان ئىدىيە ئايرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ مىڭىسىدە ھۈكۈمرانلىق ئۇرۇننى ئىگەللەۋاتىدۇ. قىسقىسى ئىلىم-پەننىڭ كۈچ قۇدرىتىنى بىلىدغانلارنىڭ سانى زور ئەمەس.
    مائارىپ شارائىتى ياخشىلاندى لېكىن كىشىلەرنىڭ مائارىپ قارىشدا ماس ھالدا ئىلگىرلەش دىگەندەك يۇقۇرى ئەمەس. بىرسى دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسىتىدىن گۇمانلانسا بىرسى ئۇقۇتقۇچىلاردىن گۇمانلاندى. بىرسى مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن گۇمانلانسا بىرسى ئائىلە باشلىقلىرىدىن گۇمانلاندى. بىرسى ئۇقۇپ كادىر بۇلۇشنى ئويلىسا بىرسى ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن ئەنسىردى. ئىشقىلىپ بانا سەۋەپ تېپىلىپلا تۇردى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە بىزنىڭ بىرقىسىم دانالىرىمىز ئىلمى توغىرا بولغان تەربىيىلەشنى ئاساس قىلماي ھەدىسىلا ‹‹ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەس››؛ دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ؛ دىگەندەك بانالار بىلەن مائارىپتىكى ‹‹ئاجىز ھالقىلارنى›› جېنىنىڭ بىرىچە گەۋدىلەندۈرۈپ تېپىشقا ئۇرۇنۇپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي يۈرگەن ئاشۇ خەلقىمىزنى گاڭگىرتىپ قۇيۇشقا ئۈلگۈردى. ھەتتا بىر قىسىملىرى چەتئەل مائارىپىنى كۈچىنىڭ بىرىچە كۆككە كۈتۈرۈپ ئۈزىمىزنىڭكىنى ھېچنىمىگە ئەرزىمەس قىلىپ كۆرسەتتى.

    كىشىلەرنى مائارىپقا بولغان تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈشكە، كۈچەيتىشكە، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا، يىتەكلەشكە، ئۇقۇشنىڭ زۈرۈر ئەھمىيىتىنى تۇنۇپ يىتىشكە تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغان سۆز ئىبارىلەرنى ئاز قىلدى. لېكىن مائارىپ بۇزۇلۇپ كەتتى، ھازىرقى مائارىپ مائارىپقا ئوخشىماي قالدى، ئۇقۇغانلار ساۋاتسىز قالدى، يۇقۇرى ئۆرلەپ ئۇقۇغانلار ئىشقا ئۇرۇنلىشالمىدى، ئالى مەكتەپ قىزلىرىنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇپ كەتتى دىگەندەك سۆزلەرنى كۈچىنىڭ بىرىچە كۆپ قىلدى. بۇ خىل ھالەت بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ مائارىپقا بولغان خاتا قارىشىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىغا تۈرتكۈلۈك رول ئوينىدى. ئۇنداقتا مائارىپ چىكىنىۋاتامدۇ؟ ياق. ئۇنداق ئەمەس. ئۇمۇمى جەھەتتىن ئالغاندا مائارىپ كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلدى. ئىلگىرلىدى. لېكىن چىكىنمىدى. ئىچكى كۈچ زىددىيەتنىڭ ئاساسى.  ھەرقانداق نەتىجە كىشىلەرنىڭ شەخسى تىرىشچانلىغىدىن كىلىدۇ. مەن ئالدىنقى قېتىم بىلىمخۇمار ئەپەندىمدىن بىر ئىنكاس ئارقىلىق چەتئەلدىكى نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپلەرنى قايەردە ئۇقۇپتىكەن دەپ قەستەن سوردۇم. دىمەك ئاشۇ نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈزىنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەن چەتئەلدە ئۇقۇپ بەزىللىرى شۇ يەردە خىزمەت قىلىپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قازىنىۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىللىرىمىز چەتئەلدە ۋە ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپلەردە شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپلەردە بۇزۇلۇپ كەتمەي ئۈزىنىڭ ئىززىتى بىلەن ئەلا نەتىجىللىرى بىلەن ئۇقۇش پۈتتۇرۇپ بەزىللىرى چەتئەلدە بەزىللىرى ئىچكىردە يەنا بەزىللىرى يۇرتلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە زور نەتىجە ۋە ئۇتۇقلارنى قازىنىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۈزى ئىگىلىك تىكلەپ كۆزگە كۈرۈنگەن كارخانىچىلاردىن بۇلىۋاتىدۇ. مائارىپنىڭ ئەسلى مەخسىدى ئۇقۇغۇچىلارنى مەدىنىيەتلىك ئەمگەكچى قىلىپ تەربىيىلەش. بۇ ھەم ئەقلى ئەمگەكنى ھەم جىسمانى ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرچە ھەممە ئۇقۇغۇچىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇيالىشى مۈمكىن ئەمەس. بىز 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئاساسەن ئۇمۇملاشتۇرۇپ بولدۇق. 12 يىللىق مەجبۇرى مائارىپقا يۈزلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئۇزۇنغا بارماي ئالى مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا ئۈتۈشىمىز مۈمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈكۈمەتنىڭ شارائىت يارىتىپ بىرىشى بىلەن مۇھىمى شەخىسنىڭ ئۆز تىرىشچانلىغى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنىڭدا يەنىلا شەخسنىڭ تىرىشچانلىغى ھەممىدىن مۇھىم. ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ مائارىپىمىز كۈندىن كۈنگە تەرققى قىلىدۇ، گۈللىنىدۇ. تىرىشساقلا بىزنىڭ مىللىتىمىز ئالدىنقى قاتاردىكى مىللەتلەر قاتارىدىن چۇقۇم ئۇرۇن ئالالايدۇ.

3

تېما

2

دوست

2399

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28391
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 732
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:20 |ئايرىم كۆرۈش
ئىلمى پىكىر قىلىشىڭلارنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن. رەخمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

838

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:48 |ئايرىم كۆرۈش
ئالدىنقى قاتاردىكى مىللەتلەردىن بولىشى ئۆزى خالىغان قاتاردىكىمۇ ياكى بۇرنىغا چۈلۈك سېلىپ  يېتىلەپ ئاپىرىپ قويغان يەرمۇ؟ ...ھەممىمىز خۇددى بىر ۋىلايەتنىڭ مائارىپىنى كونتىرول قىلىۋاتقاندەك پىكىر قىلايلى...

7

تېما

4

دوست

2518

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 734
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
يەر
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:15 |ئايرىم كۆرۈش
مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈلمىسى ئەمەلىيەتتە ياخشى تۈزۈلمە، ئەمما مائارىپنى باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدا ھەقىقىي مائارىپچىلار كەم بولغانلىقتىن بەزى جايلاردا ئومۇمەن تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ناتوغرا بولۇشىدىن بۇ تۈزۈلمە بىر خىل ھەقىقىي مەجبۇرىيەت تۈسىنى ئېلىپ، سانغا، شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولسىمۇ، ھەقىقىي تۈردە سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىلمىدى. سان كۈچەپ تەكىتلەندى، ئەمما سۈپەتكە قارايدىغان ئادەم يوق. مائارىپ چېكىندىلا ئەمەس، چاك-چېكىدىن ۋەيران بولدى. ئەلۋەتتە بەزى جايلاردا. بىز بۇ يەردە مۇنازىرە قىلغىنىمىز پەقەتلا ئەھمىيەتسىز. چۈنكى بۇنى بىز پىچالمايمىز. شۇڭلاشقا ئەھمىيەتلىك ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشقان ئاقىلانىلىكتۇر.

0

تېما

4

دوست

2007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7577
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 598
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:37 |ئايرىم كۆرۈش
sheydai يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 10:15
مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈلمىسى ئەمەلىيەتتە ياخشى تۈزۈلمە ...

پىكىرىڭىز ئۇرۇنلۇق،مەنمۇ شۇ قاراشتا

4

تېما

0

دوست

6238

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1485
توردىكى ۋاقتى: 426
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:05 |ئايرىم كۆرۈش
sheydai يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 10:15
مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈلمىسى ئەمەلىيەتتە ياخشى تۈزۈلمە ...

ئەڭ دانا پىكىر

0

تېما

0

دوست

414

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32414
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:40 |ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە خەلقنىڭ پەرزەنتىلىرىنى داۋاملىق ئۇقۇتۇشنى خالىماسلىقى ، خەلقىمىزنىڭ ئىش ئورنى رىقابىتىدە شاللىنىپ قىلىش سەۋەبىدىن بولسا ، كىرەك ، تۈرلۈك ئەخلاق  بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەش ۋە مۇتەسسىپ كۆز قاراشلا ناھايىتى ئاز ساندا بولسا كىرەك ، نەچچە يىل ئۇقۇپ بىر ئاددى دىھقانچىلىك قوساق بېقىش ئىقتىدارى ھازىرىلىيالمىسا ، دىھقان ئەمەس ، دۆلەت كادىرلىرىمۇ پەرزەنتىلىرىنى مەكتەپتە ئۇقۇتۇشتىن قوساق بېقىشنى ئۈگۈتۈشنى ئەلا بۇلىدۇ ، ئەتىراپىمىزدا نۇرغۇن يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭمۇ پەرزەنتىلىرىنى تۇلۇق ئوتتۇرا ياكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھامانلا مۇقىم بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، «تۇمۇر قازانلىق »قىلىپ قويۇۋاتقىنىنى ، ھەتتا پەرزەنتىلىرى مەكتەپلەردە ئەلا دەرىجىدە ئۇقۇۋاتقان بولسىمۇ ، داۋاملىق ئۇقۇتۇشنى خالاپ كەتمەيدىغانلىغىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ .ئاندىن قالسا مائارىپتىكى شەكىلۋازلىق ، قېلىپبازلىق ئۇقۇتۇش سۈپتىنى چۈشۇرۋىتىپ بارغان ئامىللارنىڭ بىرى دەپ ئويلايمەن . باشقا يەردە قانداقكىن بىلمىدىم ، مەن تۇرىۋاتقان يەردە مەكتەپلەردىكى تۈگمەس شەكىللەر، تۈرلۈك ئەمەلگە ئاشماس كۆرسەتكۈچ ، قېلىپلاشقان ئۇقۇتۇش مىتودى ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى لاۋزىلاشتۇرۇپ قويدى ، بۇ يەردە ھەممە ئادەم بىر ئادەمدەكلا دەرس ئۈتۈشى كىرەك ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش جەريانىدا بىرەر گەپنى ئارتۇق ياكى كەم قىلىپ قويسا ، بەلگىلەنگەن ئۇسۇل چارىدىن سىرىت ئۇسۇللار قوللىنىپ قويسا ، گەپ يوق لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچى بۇلىدۇ . ئىش ئۈنۈم مۇئاشىنى قانداق تارقىتىۋاتىدۇ ،بىلەمسىلەر ؟ بۇنى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئەمەس ، تۈزۈمگە ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ماتىرىياللارنىڭ ئىشلىنىشىگە (كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا قارايدىغان ئادەم يوق )، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسگە ئەمەس ، ئىنتىزامىغا قاراپ تارقىتىدۇ . باشقا يەردە قانداقكىن بىلمىدىم .

0

تېما

0

دوست

414

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32414
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:52 |ئايرىم كۆرۈش
يىقىندا بىر بولغان بىر ئىش مىنى خىيالغا سىلىپ قويدى
بىر ھەپتە بۇرۇن باشلانغۇچنى ئۇيغۇر مەكتەپتە ئەلا ئۇقۇپ ‹شىنجاڭ سىنىپ›غا تاللىنىپ ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ، تۇلۇق ئوتتۇرىنى خەنزۇ تىلىدا ئۇقۇپ مەلۇم بىر ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن بىرىسى مەلۇم رەسمىيەت تۈپەيلىدىن ئىشخانامغا كىلىپ قالدى ، ئۇنىڭ رەسمىيەت ئىشلىرىنى خەلق ئىشلار ئىدارىسىغا بىرىپ بىجىرىش كىرەكلىگىنى ئۇيغۇر تىلىدا دىسەم بەزيىگەن مۈشۈكتەك پاقىراپ تۇرىدۇ ، گىپىمنى چۈشەندىڭمۇ دىسەم بېشىنى چايقىدى  ، شۇنىڭ بىلەن خەنزۇ تىلىدا دىسەم تېخى ئاڭقىرالماي تۇرىدۇ ، خەنزۇچە ئۆلچەملىك سۆزلىيەلمىگەن ئوخشايمەن دەپ خەنزۇدىن بىرنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا دىگىلى سالسام ئۇنىمۇ بىلمەپتۇ ،‹خەلق ئىشلار ئىدارسى ›دىگەن گەپنى چۈشەندۇرەلمەي ئاچچىغىمدا بۇغۇلۇپ ھارام بۇلۇپ قالغىلى تاس قالدىم زادى ، گەپ قىلسا ئۇيغۇرچە تېخى ، خەنزۇچە تېخ چەك باسمىغان ، قوش تىلدا ئۇقۇغان دىسلا ئاچچىغىم كىلىدىغان بۇلۇپ قالدى ، ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان قوش تىللىقلارنىڭ ھالى مۇشۇمىدۇ...............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )