نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇنبەر پائالىيتى
(ئىنتىلگۈچى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ھازىر نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى بىلىم ئىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە تۇلۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلار بار. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارجاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەي گۈزەل ئەتە ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ، ھەمشۇنداقلا ئۆزنىڭ كەسپى دەرسلىرىنى ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا خەلقىمىزگە ھەقىقى نەپ بىرەلەيدىغان ئىسىمى-جىسمىغا لايىق ئۇيغۇرئاۋانگارتلىرىدىن بۇلۇپ چىقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدەنمەكتە. ئەلۋەتتە ئازبولمىغان سۆيۈملۈك ساۋاقداشلارىمىز ئۆز كەسىپىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىلەرگە چىقىپ خەلقارالىق بەيگىلەردە زەپەر قۇچۇش يولى ئارقىلىق خەلىقىمىز ۋە يۇرت-ماكانلىرىمىزغا ياخشىئىشلارنى قىلىپ بىرىشنى ئۆزىگە قىبلىگاھ قىلغان بولسا، يەنە بەزى گۆھەركەبىساۋاقداشلىرىمىز ئىقتىساد ۋە يېزىقچىلىق قاتارلىق باشقا نۇرغۇن يوللاردا ئۆزنىڭ ھالال تەرى ئارقىلىق قىممەت ۋە نەتىجە يارىتىپ ئۆز خەلقى ۋە ماكانى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشنى، ئۆزنىڭ بىركىشىلىك ھەسسىنى ئۆزيولىدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداشنىئۆزىگە مۇقەددەس بۇرۇچ قىلغان ئىدى. شۇڭا بۇ مەكتەپتە بىرنەچچە يىللار مابەينىدەكىشىنى سۆيۈندۈردىغان ئىشلار، كۈرەشلەر بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. 2013-يىلى مەكتەپئاشخانىسىغا كىتاب ئىشكابى قۇيۇلۇپ ئۇيغۇرچە كىتابلار تىزىلغاندىن تارتىپ، لېكسىيەسۆزلەش، ئېنگلىزچە كورنىر ۋە كۇرۇس پائالىيتى، دوپپا بايرىمى يىغىلىشى، تەجرىبە-ساۋاق ئالماشتۇرۇش پائالىيتى، ئوقۇرمەنلەر يىغىلىشى قاتارلىق بىرقاتار پائالىيەتلەر ئاناتىلىمىزدا ئۇيۇشتۇرلىپ كەلدى. ئۇنىڭدىنسىرىت دۆلىتىمىزنىڭ ۋە مەكتىپىمىزنىڭ بىزگە يارتىپ بېرىۋاتقان ئەۋزەلشارائىتلىرىدىن ياخشى ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ ھەق ئۆزىمىزگە يەنى ئۇيغۇرغا خاس يولدامېڭىپ 56 گۈل ئىچىدىكى خۇشپۇراق بىر گۈلگە ئايلىنىش ھەققىدە ئاز بولمىغانتالاش-تارتىش، جىدەللەرمۇ بولدى، بىز شەخسەن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئەقىل ئىگىسى بولغان بىز بۇ ئىشلارنى توغرا ئۆز يولىدا بىرتەرەپ قىلىپ كېتەلەيمىز، مەيلىقىينچىلىق قانچە چوڭ بولىشىدىن قەتئىينەزەر داۋاملىق تىرىشىمىز. ئۇشبۇ يېڭى ئوقۇش پەسلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئېلىكتىرپەن-تېخنىكىسى، ئۇچۇر باشقۇرۇش، ئىقتىساد، مېدىتسىنا، تارىخ، جۇغراپىيە،كومپىيۇتىر، ئاخبارات، ماتېرىيال، ئاتموسفېرا، بىئولوگىيىلىك، قانۇن، مۇھىت ۋەئاستورونومىيە قاتارلىق كەسپلەردە ئوقۇيدىغان 20 ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا كىشنى مەمنۇن قىلىدىغان ‹نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى› يىپيېڭى ھالەت ۋە قىياپەتتە مەيدانغاكەلدى. بۇ مۇنبەر پائالىيتى 'ئۇيغۇر كىتاب ئوقۇش يىلى'غا ئاۋاز قۇشۇش ئۈچۈن كىتابئوقۇش تەسىراتى سۆزلەش، ئۇنىڭدىن سىرىت ئوقۇشتا يوللۇققان مەسىللەر ھەققىدە، ئۆزنىڭ كەسپى بىلىملىرى ۋە بۇ ھەققىدىكى دۇنيادا بولىۋاتقان يېڭى ئۈچۈرلار توغۇرلۇق دوكىلات بېرىش، ئۇيغۇر تارىخى ۋەقەلىرى ۋە شەخىسلىرى ھەققىدە، ھازىرقى مەكتەپ ھاياتى ياكى ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدە دوكىلات، ئىشقىلىپ ئۆزى ئىزدىنىشكەئەرزىيدۇ ھەم كۆپچىلىكە ئاز-تولا مەنپەت بېرەلەيدۇ دەپ قارىغان تېمىدا دوكىلات بېرىشنى بىر شەكىل قىلغان، بۇ شەكىلدىن سىرت يەنە 'كەسپىم ھەققىدە ئەھمىيەتلىك بىرنوقتا'، 'مەن ھازىرقى كەسپىمنى قانداق ئۆگنىشىم كېرەك'، 'ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە'، 'ئالىي مەكتەپ بىزدىن،بىز ئالىي مەكتەپتىن نىمىنى كۈتىمىز' قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە يېزىقىچىلىق پائالىيتى تەشكىللەش، ياخشى چىققانلىرىنى مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىش، لاگىر پائالىيتىغائورۇنلاشتۇرۇش، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، زېھىن سىناش مۇسابىقىللىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كوپ خىل شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋە ھەرجەھەتتىكى بىلىمىنى موللاشتۇرۇشنى ئۆزىگە مەقسەتقىلغان بىر پائالىيەت. بۇنىڭ بىرىنجى سانى 2015-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 14-كۈنى ئېلىپبېرلدى. بۇ ساندا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ'يارقىن ئەسلىمىلەر-مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم' توغرىسىدا ، ئاستورونومىيلىك بىلىملەرھەققىدە ۋە پائالىيتىنىڭ كەلگۈسى پىلانى ھەققىدە دوكلات ھەم مۇلاھىزىلەر بولدى.تۆۋەندە بىر مىسال سۇپىتىدە كىتاب توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ مەزمۇننى سۇنىمەن.
مەن2015- يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 15-كۈنىدىن نورۇزنىڭ 1- كۈنىگىچە « يارقىن ئەسلىمىلەر-مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم»دىگەن كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم، تۆۋەندە مەن سىلەر بىلەن بۇ كىتاب ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمنى ئورتاقلاشماقچى. كىتاب نامى:يارقىن ئەسلىمىلەر-مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم ئاپتورى:ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن نەشىر قىلىنغان ئورۇن: شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى نەشىرى ۋە بېسىلىشى: 2013-يىلى 11-ئاي 1-نەشىرى 1-بېسىلىشى كىتاب نۇمۇر:4-1216-5466-7-978NISB مەن بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدىن تارتىپ 'ئەزگۈلۈك مالائىكىسى' دېگەن بۆلىكى باشلانغانغىچە يەنى ئاپتور، ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىنىڭ ھايات مەزگىلىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ۋە شۇ مەزگىلدىكى خەلقىمىزنىڭتەقدىر-قىسمەتلىرى سۆزلەنگەن قىسمىنى ھاياجان بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. ئەزگۈلۈك مالائىكىسى قىسىمىنىئوقۇغاندا بولسا ئالىمغا، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئايالىغا قىسقىسىبۇ بىر ئائىلە كىشلەرگە ھۆرمىتىم ئاشتى. كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاپتورنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ۋەمەجبۇرىيىتى بارلىقى ئىزاھلانغان. ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانىيەتنى سۆيىدىغان ئەقىل بار ئادەمدە ھەقىقىتىنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە مەقسىتىنى چۈشەنگەن ئەقىل بۇلىدۇ،بۇ مۇھەببەت ۋە ئەقىل بار ئادەم ئۈچۈن ئىنساننىڭ يېتى بولمايدۇ، پەقەت ئۆزخەلقىنىڭ بىرىنجى نۆۋەتتىكى ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتىلا مەۋجۇت بۇلىدۇ. ئاپتور دەل مۇشۇ ئەقىل ۋە مۇھەببەت ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شىمال-جەنۇب، شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالامەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئۆز ئۇيغۇر خەلقى ھەققىدە ئىزدىنىپ قەلەم تەۋرەتكەن. ئاپتور جەنۇبى شىنجاڭنى مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ كېيىنكى ۋاقتىدىكى غەپلەت ۋەئويغىنىش، كونا دۇنيا ۋە يېڭى دۇنيانىڭ ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشىنىڭ بىر ئىپادىسى گەۋدىلىنىۋاتقان، ھەمدە ئۇرۇش ئوت-تۈتەكلىرى، قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ۋاقىتتايەنى 1933-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىر يېزىسى، كېيىنچە بىر ناھىيەسى ۋە ئاخىرى ئوبلاستنىڭ شەھەرىگە ئايلانغان ئاتۇشتا دۇنيا كەلگەن. ئاپتورنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇئىلىم ئەھلى بۇلۇپ، ئاز بولمىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئاپتورتۇغۇلغان مەزگىللەردە قەشقەر بىرنەچچە قىتىم تۇنگانلار تەرىپىدىن، تۇپىلاڭچىلارتەرىپىدىن بۇلانغان، قىرغىنچىلىق بولغان. ئاپتور ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش، غۇلجا، بورتالا قاتارلىق جايلاردا ياشاپ باققان. باشلانغۇچ مائارىپىنى دەسلىپىدە ئۈرۈمچىدە، كېيىن دادىسى شېڭ دوبەن تۈرمىسىدىن خاتا قۇيۇپ بېرىلگەنلىكى سەۋەبلىك ئائىلە بۇيىچە قەشقەرگە كۆچۈپقەشقەردە ئوقۇغان. ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە بولغان 95 كۈنلۈك ئات ھارۋىسىلىق سەپەر ئۆسمۈرلۈكدەۋرىدىكى ئاپتورنىڭ قەلبىگە چۇڭقۇر تەسىر قىلغان. ئاپتور توقسۇن، كۈمۈش، قارا شەھەر، باش ئەگىم،كورلا—باغراش كۆلى ۋە ھېكايىلەر، قايدۇ دەرياسى، باش ئەگىم دەرياسى بويىدىكى ‘تاھىر-زەھرەبېغى’ ۋە تاغدىكى قەبرە، كۇچا، ئاقسۇ قاتارلىق يۇرتلارنى،'سۆڭەك يولى'، ياقۇپبەگ قەلئە-گازارمىسىنىڭ قالدۇقى، ئۇيغۇر بازارلىرىنى كۆرىدۇ ۋە بۇ ھەققىدىكى بۇلىنغان پاراڭلارنى، شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى ۋە جەنۇبتا ئىككى خىل كۈچ كۈرىشىنىڭ ئەۋج ئېلىش مۇقەررەرلىكى، ياشلىق، بىلىم، ئېتىقاد، ۋىجدان ئۈستىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلايدۇ.قىسقىسى ئاپتور بۇ سەپەر ئارقىلق ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ گۈزەلكىنى ۋە شۇ جايلارداياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، ئېڭىنى ۋە باشتىن كەچۈرگەن بەزى قانلىق قىسمەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بۇلىدۇ. قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ دادىسى يەنە تۈرمىگە تاشلىنىدۇ،ئاپتور بولسا دەسلىپىدە دىنىدا ئاندىن پەنى مەكتەپتە بىلىم ئالىدۇ. ئوقۇۋاتقان بۇمەزگىللەردە خەلقىمىز ئارىسىدا پېرىخون، باخشىلارغا ئىشىنىدىغان خۇراپاتلىق بىرقەدەر يۇقىرى بولغان، قەشقەرنى سىياسىي كۈرەش قاينىمى قاپلىغان. شىنجاڭدا جاڭجىجۇڭ، مەسئۇت سەبىر، ئەخمەتجان قاسىمىنى قىلغان ھاكىمىيەت باش بولغان، ئىلىدىن قەشقەرگە كەلگەن ئىنقىلابچىلار ھوقۇق تالىشىش كويىدا بۇلۇپ كەتكەن. ئاپتورقەشقەردىكى ئوقۇش جەريانىدا تاشقورغان، تاشمىلىقتىكى قوراللىق پارتىزانلىق جەڭبولغان، 11 ماددىلىق بىتىم يۈرگۈزىلگەن، مەدەنىيەت جەھەتتە يارباغدىكى تۇنجى كىنوخانا بارلىققا كىلىپ روسىيە كىنولىرى قويۇلغان. ئەڭ مۇھىمى قەشقەردىكى پۈتكۈل شىنجاڭنى لەرزىگە سالغان نامايىشە(68-بەت) بۇلۇپ، ئاپتورمۇ بۇنامايىشىگەقاتناشقان، بۇ نامايىشە قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن ئاياغلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقائاپتور پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى قىرغىنچىلىقنىمۇ(72-بەت) بېشىدىن كەچۈرگەن،بۇچاغلاردا سوپىبەگ ھاجىدەك مۇناپىقلار گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىغا كۈچۈكلىنىپ خوشامەت قىلىش، سولامچىلىق قىلىش، ئۆز خەلقنىڭ قىنىنى شوراش ئارقىلق راھەت سۈرگەن.1945-يىللىرىدىن كېيىنكى نەچچە يىللاردىكى قەشقەردە ئوردىخېنىم سەيلىسى، ھەزرەت سەيلىسى،چىرىكلىشىش ئەۋج ئالغان، ئانچە-مۇنچە رەزىللىككە قارشى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشماھەركەتلىرىمۇ بولغان، ئاپتور دەل مۇشۇ ھەركەتلەرگە قاتناشقان ۋە مەسئولمۇ بولغان. 1949-يىلىدىكى قوغۇن پىششىقى مەزگىللىرىدە گومىنداڭ قالدۇق قۇشۇنلىرىبايلىق بۇلاش، ئوت قۇيۇش قاتارلىق رەزىل ئىشلارنى قىلغان(103-بەت). ئازادلىقئارمىيە كىرگەندىن كېيىن مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف باشچىلقىدىكى 13-دىۋىزىيە مىللىي ئارمىيەچاقنىغان. 1950-يىلى ئاپتور شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا يەنى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا قۇبۇل قىلىنىپ، پۇتتۇرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان. تاكى 1978-يىلغىچەئۆز كىشلىرىمىز ۋە باشقىلار تەرپىدىن ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن قارلىنىپ نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چەككەن. ھەسەتخورلارنىڭ نۇرغۇن سۇيىقەستىگە ئۇچۇرىغان بولسىمۇ ئەمماھەقىقەتتىن، ئىلىم-تەتقىقاتتىن ۋە خەلقمىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمىگەن. بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى 12 مۇقام تەتقىقات يىغىنىدا باشقىلار 12 مۇقامغا سىياسىي مەزمۇنلارنى قۇشۇشنى ئوتتۇرغا قويغاندا، ئاپتور يىگانە مەيدە كىرىپ چىقىپ 12 مۇقامنىڭ خاسلىقى ۋە ساپلىقىنى قوغداشتا چىڭتۇرغان(182-بەت). ئاپتور يەنى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ يازغان 40 نەچچەپارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەڭگۈ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدۇ. كىتابنىڭ ئىككىنجى بۆلىكى ئەزگۈلۈك مالائىكىسىدە ئاپتورنىڭ ئايالى رەنابىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر نەچچە دۆلەتتە بىرگە بولغان سەپىرى سۆزلەنگەن. رەنانىڭ تاشقى ۋە ئىچكى دۇنياسىدىكى گۈزەللىكى، ۋاپادار،كۆيۈمچانلىقى ئەكىس ئەتتۈرلگەن. ئايالى رەنانىڭ ئاپتورنى چەكسىز قولىغان، تۈرمىدە ياكى نەدە بولسۇن ساداقەتمەن بولغان. ئاپتورنى دەپ يىراقلارغا ھەيدەلگەن، بالىلارنى يالغۇز قارىغان،لىكىن ئاپتورغا بولغان ئەقىدىسى، ۋاپاسى تەۋرەنمىگەن. ئاپتورنىڭ ئانىسىمۇ ئىنتايىن ئىسىل ئانا بۇلۇپ، بىر ياخشى شائىرە ئىدى، ئوغلىنى ۋە ئايالىنى قولىغان. بۇ بىرئائىلە كىشلىرى ‹ ئەزگۈلۈك› دېگەن بىر سۆزگە سىڭدۈرۈلگەن سولماس روھ، ئالىيجاناب خىسلەتلەرگە ئىگە ئىكەن.ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنتايىن قارشىئىلىنغان، ھۆرمەتلەنگەن، ئېتىراپ قىلىنغان. بىزمۇ بۇنداق كىشلىرىمىزنىڭبولغانلىقىدىن چەكسىز مەمنۇن بۇلىمىز. بۇلارنى ئۈلگە قىلىپ توختامسىز تىرىشىمىز.
نەنجىڭ 2015.3.16 |