قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 924|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئامېرىكا ئۇنۋېرىستېتلىرىنىڭ كۇتۇپخانىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئامېرىكا ئۇنۋېرىستېتلىرىنىڭ كۇتۇپخانىلىرى
ئابلەت ياسىن بابا

  ئامېرىكىغا ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئۈچۈن بارغانلارنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان، شۇنداقلا ئەڭ مەمنۇن بولىدىغان ئورۇن بەلكىم كۇتۇپخانا بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئۇنۋېرىستېتلىرىنىڭ كۇتۇپخانىلىرى ئۆزلىرىدىكى بىر قاتار ئەۋزەللىكلەر بىلەن كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۇتۇپخانىلىرى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە كىتاب تۈرلىرى جەھەتتىنلا ئەمەس، مۇھىمى ئۇلاردىكى ئەتراپلىق مۇلازىمەت ۋە ئازادە مۇھىتى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر.
  مەكتەپنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتلارنى چەتئەلگە چىقىرىش پىلانىغا قىلغان ئىلتىماسىم تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا بىر يىللىق ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئۈچۈن كەلگەنىدىم. ئانچە چوڭ بولمىغان بىر ئۇنۋېرىستېتا زىيارەتچى تەتقىقاتچى سالاھىيتى بىلەن شۇغۇللاندىم ۋە بەزى دەرسلەر ۋە پائالىيەتلەرگە قاتناشتىم. بۇلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە شارائىتلىرى جانلىق ۋە ياخشى ئىدى. ئۇلار بۇ خىل ئۆزگىچىلىك بىلەن بىزدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ.
  بۇ يەردە تۇرۇش جەريانىدا ئەڭ ياقتۇرۇپ قالغىنىم مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسى بولدى. شۇ سەۋەبتىن كۆپىنچى ۋاقتىمنى كۇتۇپخانىدا ئۆتكۈزدۈم. ھېس قىلىشىمچە، بۇ يەردىكى كۇتۇپخانا پەقەت بىر كىتاب ساقلانغان جايلا ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭدىكى ئازادە مۇھىت، ھەممە تەل شارائىت ۋە ئۆزگىچە سەنئەتلىك لاھىيەلەر ئادەمنى جەلپ قىلاتتى. كۇتۇپخانىلار ھازىرلىغان شارائىتلىرى كىشىلەرگە ئۆگىنىش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئارام ئېلىش ئۈچۈن تەييارلانغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. مەكتىپىمىزگە قوشنا يەنە بىر ئۇنۋېرىستېت بولۇپ، ئۇنىڭمۇ كۇتۇپخانىسى ناھايىتى ياخشى ۋە شارائىت تولۇق بولۇپ، سىرتقى كۆرنىشىمۇ كۆركەم ئىدى. مەن بۇ كۇتۇپخانىلارنى يۇرتىمىزدىكى ئۇنۋېرىستېتلارنىڭ كۇتۇپخانىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. بۇ يەردىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
  بىرىنچى، كۇتۇپخانا ئىچىدە ئوقۇرمەنلەرگە قويۇلغان چەكلىمە يوق. كۇتۇپخانىغا كىرگەندىكى بىرىنچى قەۋەتتىلا مۇلازىمەت سۇپىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى نازارەت شەكىلىدە ئەمەس بەلكى مۇلازىمەت شەكلىدە ئىدى. كۇتۇپخانىغا سومكىڭىزنى كۆتۈرۈپ كىرەمسىز، كومپيوتېر ئەكىرەمسىز ۋە ياكى يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىلەرنى ئەكرەمسىز، ھېچكىم سىزنى توسمايدۇ. بىزنىڭكىدەك سومكا ئېلىپ كىرىشكە يول قويۇلمايدىغان، يېمەك-ئىچمەك چەكلىنىدىغان ئىش يوق. دەسلەپكى قېتىمدا بۇ يەردىكى كۇتۇپخانىغا كىرگىنىمدە سومكامنى ساقلاشقا جاي ئىزدەپ قارىسام ھېچبىر ئۇنداق يەر يوقتەك. باشقىلار سومكىلارنى كۆتۈرۈپ بەخرامان كىرىۋاتىدۇ. كۆڭلۈمدە سەل خۇدۈكسىرىگەن ھالدا سومكامنى كۆتۈرۈپ كىرىۋەردىم. سوراپ قالسا مەن يېڭى كەلگەن دەپ ئۆزرە ئېيتارمەن دېگەننىمۇ ئويلاپ قويدۇم. ئەمما ھېچكىم ماڭا گەپ قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇ يەردە بۇنداق تۈزۈمنىڭ يوقلۇقىنى بىلدىم. كۇتۇپخانىغا ئۆزىڭىزنىڭ كىتابىنى ئېلىپ كىرسىڭىزمۇ بىرەركىم سىزنى توسمايدۇ. تۆت قەۋەتلىك بۇ كۇتۇپخانىدا پەقەت بىرىنچى قەۋەتتىكى مۇلازىمەت ئورنىدىلا بىر نەچچە كۇتۇپخانا خىزمەتچىلىرى بولۇپ، قالغان قەۋەتلەردە ھېچبىر كۇتۇپخانى خادىمى ياكى باشقۇرغۇچى يوق. پۈتۈنلەي ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەركىن ئېچىۋېتىلگەن. ئۇنى قىل، بۇنى قىلما دەيدىغان بىرەر ئەسكەرتىش ياكى چەكلىمە يوق. كۇتۇپخانىدىكى ھەربىر ئەسلىھە ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ھازىرلاپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن خالىغانچە پايدىلانسا بولىدۇ. بىر نىرسە يېمەسلىك دەيدىغان بەلگىلمىمۇ يوق. بەزىلەر ئېلىۋالغان چۈشلۈك تاماقلىرىنى ۋەياكى ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى ئۈستەلگە يېيىپلا يەۋېرەتتى. ئۈنلۈك ئاۋازدا پاراڭ قىلماسلىق دەيدىغان چەكلىمىنىمۇ كۆرمىدىم. ئەمما كۆپ سانلىق ئوقۇرمەنلەر تىنىچ ھالدا ئۆز ئىشىنى قىلاتتى. ئۈنلۈك پاراڭ قىلىۋاتقانلارنىمۇ كۆرۈپ قالىسىز بەزىدە. شۇنداقتىمۇ بىرەرسىنىڭ كېلىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى كۆرمىدىم.
  بېيجىڭدىكى مەكتىپنىڭ كۇتۇپخانىسىنى ئەسلەپ قالدىم. بىرىنچى قەۋەتتىن كىرگەندىلى بىر قېتىم كارتا تەكشۈرتىمىز. ئاندىن قايسى قەۋەتكە ياكى بۆلۈمگە كىرمەيلى يەنە بىر قېتىم كارتا تەكشۈرتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. كىتاب بار بۆلۈملەرگە كىرىش ئۈچۈن كارتا بولمىسا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۆلۈملەرگە ھەرقانداق كىتاب ياكى دەپتەر، سومكا ئېلىپ كىرىش چەكلىنىدۇ. قول سېلىپ كىرىشكىلا بولىدۇ. ناۋادا سومكا ئېلىۋالغان بولسىڭىز سىرتتا قويۇپ ىويىشىڭىز كېرەك. سومكىڭىزنى قويىدىغان ئورۇن تاپالماي قىينىلىپ كېتىسىز. تېخى بەزىدە سومكىڭىزنى قويىدىغان جاي تاپالماي ئۇ بۆلۈمگە كىرىشتىن ئامالسىز ۋاز كىچىسىز. بۇنداق ئىش مەندە نەچچە قېتىم بولغان. ھەربىر بۆلۈمدە بىر قانچە باشقۇرغۇچى ياكى نازارەتچى خادىم بار. ئۆزىڭىزنى بىرى قاراپ تۇرۋاتقاندەك بىئارام ھېس قىلىسىز. بىرەر جاھازىنىڭ يېنىدا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالسىڭىز دەرھال بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ بېشىڭىزدا قاراپ تۇرۇۋالغان. شۇڭا ئامال بار ئارىيەت ئالىدىغان كىتابنى ئېلىپ دەرھال چىقىپ كەتكۈڭىز كېلىپ قالىدۇ.
  ئامېرىكا ئۇنۋېرىستېتىدىكى كۇتۇپخانىلاردىكى بۇخىل ئەركىنلىك ئادەمنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇراتتى. كۆڭۈل خاتىرجەم ۋە ئەركىن بولاتتى. ئۆزىڭىزگە لازىملىق بنر نەچچە كىتابنى بىر يەرگە ئەكىلىۋېلىپ خالىغانچە كۆرسىڭىزمۇ بولاتتى. چەكلىمىلەرنىڭ ئاز بولۇشى، بۇ كۇتۇپخانىلارنى ئوقۇرمەنلەرنى ئۇنىڭدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
  ئىككىنچىدىن، كۇتۇپخانا مۇھىتى ئازادە، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەتراپلىق، ئەسلىھەلىرى تولۇق.
  ئامېرىكا ئۇنۋېرىستېتىدىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ ئادەمگە ئەڭ ئاۋۋال بېرىدىغان تەسىرى ئازادىلىك ۋە راھەت تۇيغۇسى بولسا كېرەك. بېزىلىش جەھەتتىن ۋە كۇتۇپخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتىن بولسۇن، بۇ يەردىكى كۇتۇپخانىلار ھەقىقەتەن يېقىشلىق ئىكەن. بىزنىڭ نەزەرىمىزدىكى ئۈستەل-ئورۇندۇق، كىتابلاردىن تەشكىل تاپقان كۇتۇپخانىلاردىن پەرقلىق ھالدا، خۇددى بىر چايخانا ياكى ھاردۇق چىقىرىش ئۈچۈن ھازىرلانغان سورۇندەك جايلاشتۇرۇلغان. كۇتۇپخانىنىڭ تېگىگە يۇمشاق پالاس سېلىنغان بولۇپ بەكلا پاكىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ھەرخىل دىۋان ۋە يۇمشاق ئورۇندۇقلار قويۇلغان بولۇپ ناھايىتى راھەت ئىدى. مەن تۇرغان ئۇنۋېرىستېتىكى كۇتۇپخانا خېلىلا ئۆلچەملىك بولۇپ، بىرىنچى قەۋەتنىڭ بىر قىسمىغا ھەرخىل دىۋانلار ۋە شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلغان ئۈستەللەر قويۇلغان. يەنە بىر تەرىپىگە بولسا ئۈستەل-ئورۇندۇقلار قويۇلغان. بۇلارنىڭ جايلىشىشى ناھايىتى ئازادە بولۇپ، ھەرگىز بىرىگە بىرىنى جۈپلەپ قويۇلمغان. ئىككى ئۈستەل ياكى دىۋان ئارىسىدا مەلۇم ئارىلىق قويۇلۇپ جايلاشتۇرۇلغان. بەزى بۇلۇڭلارغا يەنە يۇمىلاق شەكىلدىكى ھەرىكەتچان ئۈستەل ۋە ئورۇندۇقلار قويۇلغان بولۇپ، مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىدىغانلار بۇلارنى بىر يەرگە جۈپلەپ چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پىكىرلىشەتتى. ھەربىر قەۋەتتە يەنە يېرىم يېپىق شەكىلىدە ئايرىم-ئارىم ئۈستەللەر بار بولۇپ، ھەربىر ئۈستەلگە توك ۋە تورغا ئۇلاش سىمى سەپلەنگەن. گورۇپپا مۇزاكىرىسى ئۈچۈن يەنە تېلىۋېزور ۋە ھەرخىل قويغۇچلار سەپلەنگەن ئايرىم خانىلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا تىزمىلىتىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولاتتى. بۇ خىل مۇھىت ئادەمنى راستىنلا ئازادىلىك ۋە راھەت تۇيغۇسىغا باشلاپ كىرەتتى. خېلى ئۇزاق كىتاب كۆرسىمۇ دىققەت چېچىلمايتتى. ئاسان چارچاپمۇ قالمايتتى.
  كۇتۇپخانىدا يەنە ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئالىي سەپلىمىدىكى كومپيوتېرلار تەييارلاپ قويۇلغان. سىمسىز ۋە سىملىق تور مۇلازىمىتى بەك راۋان. پىرنىتېر ۋە سىكانىرلارمۇ سەپلەپ قويۇلغان بولۇپ، كېرەك بولغاندا خالغانچە ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن پۇل تۆلەشمۇ كەتمەيدۇ. ھەربىر قەۋەتتە يەنە ماتېرىيال ئىزدەش ئۈچۈن مەخسۇس كومپيوتېر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قويۇلغان بولۇپ، كىتاب نومۇرى ۋە تور ماتېرىياللىرى تېپىشقا بەك قولاي. كۇتۇپخانىنىڭ ھەربىر قەۋىتىدە ئىككى-ئۈچ يەردە مېنىرال سۇ جۈمىكى ئورنىتىلغان. گېزىت بۆلۈمى تېخىمۇ نەپىس ۋە ئازادە بولۇپ، بۇ يەردە چاي ياكى قەھۋە ئىچكەچ گېزىت كۆرىدىغانلار بەك كۆپ. كۇتۇپخانىلاردىكى بۇ خىل ئەۋزەل شارائىتلار ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن.
  ئامېرىكا ئۇنۋېرىستېتىدىكى بۇ خىل سەرەمجانلاشتۇرۇلۇش ۋە ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تەمىنلەپ بېرىلگەن شارائىت بەلكىم ئۇلارنى مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە مائارىپ مەقسىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچىدىن، بۇلاردىكى كىتاب ئارىيەت بېرىش-قايتۇرۇش ۋە باشقا جەھەتتىكى تۈزۈمنىڭ ئاددىيلىقى ھەقىقەتەن ئوقۇرمەنلەرگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. كىتاب ئارىيەت ئېلىش بەكلا ئاسان. لازىملىق خالىغان كىتابنى ئېلىپ مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ كارتىمىزغا خاتىرلىتىپ قويساقلا بولىدۇ. بۇنىڭغا ھېچقانچە ۋاقىت ۋە رەسمىيەت كەتمەيدۇ. كۇتۇپخانىنىڭ كارتىلىرى ئادەتتە سىفىرلاشقان بولۇپ، ئالغان كىتابلار ئاپتوماتىك خاتىرلىنىپ ماڭىدۇ. كۆرۈپ بولغان كىتابنى قايتۇرۇشمۇ بەك ئاسان. يەنىلا شۇ مۇلازىمەت ئورنىغا ئاپىرىپ بەرسەكلا بولىدۇ. كۇتۇپخانا ئېچىلمايدىغان ۋاقىتلاردىمۇ كىتاب قايتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۇتۇپخانىلارنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ، ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن تاكى كېچە سائەت ئىككىگىچە ئېچىلىدۇ. بەزى كۇتۇپخانىلار 24 سائەت ئېچىلىدۇ. كۇتۇپخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا كىچىككىنە قىلىپ كىتاب قايتۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قايتۇرماقچى بولغان كىتابنى شۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويساقلا بولىدۇ. ناۋادا لازىملىق كىتابلار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار سىزگە لازىملىق كىتاب بار كۇتۇپخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇ كىتابنى ئەكەلدۈرۈپ بېرىدۇ. ئوقۇرمەنلەر بۇ يەردە ئۆزى خالىغان كىتابقا ئېرىشەلەيدۇ. كىتاب ئارىيەت ئېلىش كارتىسىغا ئېرىشمەكمۇ بەكلا قولاي. مەنمۇ كۇتۇپخانىنىڭ كارتىسىغا ئۆزۈم بارماي پەقەت ئېلخەت ئارقىلىق كارتا ئېلىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، سۆز قالدۇرۇپ قويغانىدىم، ئەتىسىلا كارتا ئىشلىنىپ بولدى، ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. ئەتىسى بېرىپ ئېلىۋالدىم. بىرەرسى مەندىن كىنىشكا ياكى باشقا ئىسپات سورىمىدى. گەپ قىلمايلا كارتىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە ئۇنى قانداق ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئاددىيلا قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويدى. تۈزۈم جەھەتتىكى قولايلىق ۋە ئۈنۈملۈك ۋاستىلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇش قىلاتتى.
  ئامېرىكا ئۇنۋېرىستېتلىرىنىڭ كۇتۇپخانىلىرى، شۇ ئۇنۋېرىستېتنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم كۆزنەك بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى مۇلازىمەت ئورگىنىدۇر. ئۇلاردىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان پىرىنسىپى ۋە ئوقۇرمەنلەرنى ھۆرمەتلەش روھى ئۆگىنىشكە تەرەپلەرنىڭ بىرىدۇر.

  ئاپتور: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنىستۇتى مىللەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتورى

مۇھەررىر: قۇدرەت يۈسۈپ  

  مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى                    

2

تېما

69

دوست

6387

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 590
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1916
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەگەر دۆلىتىمىزدە بۇ چەكلىمە بولمىسا بەزى كىشىلەر كىتاپنى ئىلىۋىلىپ ياكى كىسىپ ئويۇۋىلىپ ئىلىپ چىقىپ كىتىدۇ بۇنىغا شەكسىز ئىشىنىڭلار دوسلار .بىزگە ئۇنداق ياخشى ئىش ھازىرچە ئارتۇقچە (بەزىلەرگە).
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

760

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بىز يۇرتنىڭ كىتابخانىسىغا بىر  ئۇرۇندۇق سەپلەپبەرگەن بولسا  ئۇنىڭدىن باشقا تەلىپىمۇ يوقتى

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4669
توردىكى ۋاقتى: 1362
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئاشۇنداق  قۇلايلىق ئىشلارنىڭ ئىلىمىزدە پاتراق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

0

تېما

0

دوست

160

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   53.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34614
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۈمۈدسىزلەنمەيلى ئۇ ئىشلارمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىىدۇ.  ھازىرقى شارائىتىمىزمۇ يامان ئەمەس ، ئاغرىنىپ ئولتۇرغاندىن تىرىشايلى دوستلار !

0

تېما

1

دوست

2296

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 732
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
دۆلىتىمىز باي بولغاندا بىزمۇ شۇنداق شارائىتلاردىن ھۆزۇرلىنارمىز بەلكىم.ئاشۇنداق شارائىت ۋە مۇلازىمەت شۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كۇچى ھەم پۇخرالارنىڭ ساپاسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )