قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: umun

پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يىڭى ئىدىيە(ئۇمۇن)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34467
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 16:51:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sheydai يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 15:53
مۇنازىرە ئەخلاقىغا شۇنداقلا ئۇيغۇرلۇق ئەخلاقىغا يات ب ...

ھە، مانا، ناۋاتتەك گەپ بولدى بۇ. قوشۇلىمەن.

0

تېما

0

دوست

1112

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30184
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 16:53:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baturkarahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-15 16:55  

ئۇمۇننىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى، لوگىكلىق تەپەككۇرى ۋە پەلسەپىۋىي پىكىر قىلىش ماھارىتى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىكەن، سۆزنى جايىدا ئىشلىتەلەيدىكەن،بۇ تەرەپلەر ماختاشقا لايىقكەن، بىراق پىكىرلىرى بەك مۇرەككەپ ھەم ئابىستراكىت مەسىللەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەپ قالىدىكەن، ئەڭ بولمايدىغان يېرى ھەر قانداق ماقالىسىدا دىنغا تىل تەككۈزۈپ قويىدغان ئىبارلەر كەم قالمايدىكەن، ماقاللىرى ئىككى بىسلىق خارەكتىرگە ئىگە بولۇپ، بىر تەرەپتە ئىلغار ياخشى پىكىرلەر چاقنىسا، يەنە بىر تەرەپتە بىزنىڭ ھازىرقى رىياللىقىمىزغا ماس كەلمەيدىغان پىكىرلەر ھەم كىشىلىرىمىز قوبۇل قىلالمايدىغان قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلىدىكەن . شۇنداق بولغاچقا ،ئۇمۇننىڭ تېمىلىرغا باھا بەرگەنلەر ئاكتىپ پىكىرلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، قوبۇل قىلالمايدىغان قاراشلارغا ئىسىلىۋىلىپ تەنقىدلەشنى ئاساس قىلىدىغانلار جىقراق بولىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ تېمىلىرىدىكى ئىجابىي پىكىرلەرمۇ كۆمۈلۈپ قالىدىكەن .ئۇمۇن بۇرادەر ئۆزىمۇ مۇشۇنداق ئىنكاسلارغا ئامىراقتەق قىلىدۇ. ئۇمۇندىن خەلقىمىزنىڭ دىننى ھېسىياتىغا، دىننىي ئىتىقادىغا ھۆرمەتسىز لىك قىلىدىغان پىكىرلەرنى ئازراق قىلسكەن دېگەننى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇمۇن بۇ جەھەتتە كۈچەپ كەتمىسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش سىياسەتلىرىمۇ يېتىپ ئېشىۋاتىدۇ. مىللىتىمىز خەلقىنىڭ ئىسلامغا كىرگىنىگە 1400يىلدىن ئاشتى،بۇنداق چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخنى پارچە- پۇرات پىكىرلەر بىلەن قومۇرىۋەتكىلى بولمايدۇ، دىنسىز مىللەتنى دۇنيادا ھېچ كىم قوبۇل قىلمايدۇ. شۇڭا پىكىرىڭىز ئەسلى ئوربىتاسىدىن چەتنەپ كەتمىسە ياخىش بولاتتى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
83#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
84#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

11

تېما

9

دوست

4646

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1354
توردىكى ۋاقتى: 400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 17:10:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
barna99 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 17:06
يىڭى ئىدىيە دىگەن زادى نىمە؟

مانا يېڭى ئىدىيە
دەرۋەقە سىز دەۋاتقان ئىلغار ئىدىيە دەل پوسىتىۋىزىم. پوزىتىۋىزىملىق نۇقتىسىدىن ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى
دىنشۇناسلىق باسقۇچى،
مېتافىزىكىلىق باسقۇچ،
ئاكتىپ باسقۇچ لاردىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچتىن ئۆتۈشى كېرەك. بۇ باسقۇچلاردىن مېتافىزىكا باسقۇچىغا كەلگەندە دىن ئېتىراپ قىلىنماستىن ئىلاھنىڭ ئورنىنى سۇبىكتىپ يەنى مەۋھۈم بولغان نەرسىلەر ئىگەللىشى كېرەك. ئۈچىنچى باسقۇچ يەنى ئاكتىپ باسقۇچتا ئىنسانلار ئەشۇ مىتافىزىكىدىكى ئىلاھنىڭ يوقلۇغىنى ئىلمىي ياكى پەننىي ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىشى كېرەك. ئەمما بۇ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە دۇنيادا ھېچكىم ئىسپاتلاپ باقمىغان ھەم ئىسپاتلىيالمايدىغان مەسىلە. شۇڭا مېنىڭ كۆز قارىشىمدا پوزىتىۋىزىم بىر نەزەرىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخى تولۇق ئىسپاتلانمىغان، تەسىر دائىرىسى مەلۇم توپنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپەلىك قاراش دەپ بىلىمەن. ئەلۋەتتە ئۇمۇن ئەپەندىنىڭ بۇ نەزەرىيەسىنى شەخسەن مەنمۇ قوبۇل قىلمايمەن. ئەمەلىيەتتە ئىتنىڭ تىلىدەك ئۇزۇن قىلىپ قوللايدىغىنىم توغرىسىدا ئىنكاس يېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمىيىتىمىزگە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ماس كەلگۈدەك دەپ قارىغان كۆز قارىشىمنى شەرھىلىگەن بولدۇم. ئۇمۇن ئەپەندى مەن ئىنكاس يېزىۋاتقان تېمىلىرىدىن ئالدىنقىسىدا جەمىيىتىمىزگە ھەمجىنىسلىقلارنىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلدۇرغىسى كەلدى. ئەمما كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىغىنىدىن كىيىن، يەنە بىر نورمال تېمىنى مۇنبەرگە سۇندى. ئۇنىڭغا كۆپچىلىگەن تورداشلار ئىجابىي باھالارنى بەرگەن بولدى. بۇ تېمىسىدا سىز دىگەندەك چىرايلىق نىقاپلارغا ئوراپ تۇرۇپ پوزىتىۋىزىمنى تەرغىپ قىلىپ كەپتۇ. مەن ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرنى، قانداق مەخسەتتە بازىرىمىزغا ئېلىپ كىرىدىغىنىنى كۆرۈپ باقماقچى ئىدىم. شۇڭا ئالايىتەن تورداشلارنىڭ مۇشۇ تېمىغا قالايمىقان ئىنكاسلارنى يازماي ساغلام، ئەدەپلىك ئىنكاس يېزىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم ھەم شۇنىڭ كويىدا بولۇپ كەلگەن . بەزى ئۆتكۈررەك ئىنكاسلارغا رەندە سېلىپ دىگەندەك، كۆرۈپ باقاتتۇق. ئەپسۇس بۇ پەردىنى ئويلىمىغان يەدىن يىرتىپ تاشلىدىڭىز.
شۇنداقمۇ ئۇمۇن ئەپەندى؟ سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە قايسى دىن مۇرىتى ھىساپلىنىسىز؟ شۇنى سوراپ باققۇم كەلدى. يەنە قانداق يېڭىلىقلارنى جەمىيىتىمىزگە سۇنۇشنى پىلانلاۋاتىسىز؟ قارىسام پىكىرلىرىڭىز خېلى ئوچۇق راۋاندەك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ماڭا قارىغاندا. سىز ئوچۇق پىكىرىڭىزنى ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا توغرىلاپ ساغلام پىكىر يۈرگۈزسىڭىزمۇ بولاتتى. مەن يەنىلا شۇ يولنى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

11

تېما

9

دوست

4646

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1354
توردىكى ۋاقتى: 400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 17:15:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
barna99 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 17:10
مۇشۇ خوتۇن خەقنىڭ كىيىم كىيىشىگە كەلسەك ھازىرقى كۇسار ...

سىزمۇ كىيىۋېرىڭ تارتىنماستىن بوغۇم - بوغۇملىرىڭىزنىڭ گۈزەللىگىنى نامايەن قىلىپ. كىيسىڭىز ھېچكىم توسۇمايدۇ.
87#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34467
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 17:25:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umun يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 02:06
بەك ئارتۇق ئويلاپ كىتىپسىز.مىنىڭ ئىدىيىرىم دىنغا قارش ...

ياخشىمۇ سىز ئۇمۇن ئەپەندىم.‹‹كىشىلىكنىڭ چىگرىلىنىشى››، ھەم بۇ ماقالىنىمۇ ناھيىتتى ياخشى يېزىپسىز. دېمىسىمۇ بىز ئۇزۇندىن بۇيان يېڭىچە پىكىر ھەم يېڭىچە ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشتىن دىلغۇل بولۇپ تۇرغانلار ئەلۋەتتە بار. خۇددى سىز بۇ ماقالىدا دەپ ئۆتكەندەك: ‹‹بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇلاردا   ئىدىيەسى ئىلغار زىيالىيلار كۆپ، لېكىن كۆپىنچىسى ئىلغار ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشتىن قورقىدۇ  .بەزىلىرى ئادىل بىر مۇنازىرە  سورۇنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىدىيەسىنى ئاشكارلىمايدۇ››. شەخسەن مەنمۇ سىز ماقالىدە ئوتتۇرغا قويغان تەششەبۇسنى قوللايمەن. بولدى قالغان گەپنى دېمىسەممۇ بۇ تېمىدا ناھايىتتى تەپسىلىي دەپ ئۆتۈپسىز. بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
ئەمدى ئاخىرىدا سورايدىغان ئىككى سوئالىم. ئىسمىڭىز  ئۇمۇن، ئۇمۇن دېگەن گەپنىڭ مەنىسى بىر قەدىمىي قورالنىڭ ئىسمىمۇ؟ مەن بۇرۇن ‹‹ ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە ›› دېگەن 4 قىسىملىق روماننى ئوقۇغاندا ، يالمان، ئۇمۇن دېگەن قورال ناملىرىنى ئاڭلىغان، ئۇمۇن دېگەن بىر خىل زەنجىرلىك قورال دېگەندەك ئوقۇغىنىم يادىمدا.
ئەمدىسورايدىغان ئىككىنچى سوئالىم. سىز ئادەتتە قانداق كىتابلارنى ئوقۇيسىز؟ قىزىقىپ قالدىم. ئادەتتە مەنمۇ بىكار بولۇپ قالسام كىتاب ئوقۇپ تۇرىمەن.
رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )