- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13919
- نادىر
- 0
- يازما
- 488
ئۆسۈش
  9.8%
|
ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ تەپەككۇرى ھەممىدىن بەكرەك ئىنسانىي سۆيگۈگە ھەم ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە بېغىشلانغاچقا، ئىنساننىڭ تەبىئىتى ۋە قىزىقىشىغا ئىنتايىن سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىنغان. مائارىپ قارىشىمۇ دەل ئەخلاق(ئىنساننىڭ قەدرىنى قىلىش، جاسارەت، قەھرىمانلىق) ← بىلىم (ھۈنەر-ئىقتىدار، يېتەكچىلىك)← جەمئىيەتچىلىك (ھەقىقەتچىلىك) ئىبارەت ئۈچ خىل ئامىلغا تايانغان ۋە ئىنسانلارنى بۇ چۈشەنچە بويىچە يېتىشتۈرۈشكە تىرىشقان. ئادالەت چۈشەنچىسى ۋە ئىنسانىي سۆيگۈنى مەنبە قىلغان بۇ خىل مائارىپ قارىشى تۈركىي قەۋملەرنى رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان ۋە ئەمەلىيەتچىل ئىنسانلار سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان. كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە، داستان ۋە ماقال–تەمسىللىرىمىزدە گەۋدىلەنگەن دېداكتېكىلىق ۋە پېداگوگىكىلىق خۇسۇسىيەتمۇ دەل مۇشۇ خىل مائارىپ ئېڭىدىن ئىبارەت ئىدى. شۇڭا، جەمئىيەتنىڭ تەقدىرىنى شەخسىي ھاياتنىڭ ئۈستىگە قويىدىغان ۋە سەخسىي ھاياتنى مىللىي ھايات ئۈچۈن بېغىشلايدىغان ‹‹پەزىلەتلىك››، ‹‹قەھرىمان›› ۋە ‹‹ھەقىقەتچى›› تىپىدىكى ئىنسانلارنى يارىتىش ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئەنە شۇنداق مائارىپنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلار سەمىمىي بىر مەدەنىي جەمئىيەت ھاسىل قىلغان.
============
‹ئېنسانلىقنىڭ ئۇنتۇلىۋاتقان نەپىس ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنى سىلەر ئۇيغۇرلاردىن ھېس قىلدىم.› مانا بۇ بىر شىۋىتسىيىلىك پەيلاسوپنىڭ ئۆز ئاغزىدا ماڭا ئېتقىنى ئېدى.
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بۇ جۈملىنى تەكرار ئاڭلىغاندەك بولدۇم.
ئۇيغۇرلار تارىختا تالاي بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ھەر خىل كۈچلەرنىڭ دىنلارنىڭ، مەدەنىيەتلەرنىڭ چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك تەسىر قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئېنسانلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە يېمىرىلمەس سۈپەتلىرىنى، تۇيغۇلىرىنى بۇلارغا بەربات ئەتمىگەن. بۇنى ھازىرمۇ ئېنىق ھېس قىلالايمىز.
مائارىپ ئالدى بىلەن ئېنسانىيلىقنى تەكىتلىش، ئەخلاقنى چۈشەندۈرىشى ، تەبىئەتنى تونۇش ۋە ئۇلۇغلاشنى ئۈگىتىشى كېرەك ئېدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش-ھاياتىدا،
ئەقىدە -پەلسەپىلىرىدە بۇ خىل كەڭ مەنىدىكى مائارىپ ئەندىزىسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئۆزىمىزدە بار بولغان بۇ خىل ئەندىزىنى تونۇساق ۋە ساخلاپ قالالىساقلا تار مەنىدىكى يەنى زامانىۋى مەنىدىكى مائارىپىمىزمۇ مىسلىسىز بىر تەرەققىيات ئېمكانىيىتىنى كۆرەلىگەن بولاتتى. |
|